دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماشىنا شىركىتى بولغان ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ كىچىك زاۋۇتى ئۇنىڭغا ئەڭ زور باش ئاغرىقى ئېلىپ كەلگەن.
بۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان گېرمانىيە ھەمدە ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىنىڭ بەزى سەھىپىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماشىنا شىركىتى بولغان ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر بىلەن تولدى. گەرچە ھېچ بىر ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋولكسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان ئالاقىسىغا دائىر بىرەر دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇلار ھىچ بولمىسا ۋولكسۋاگېننى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلىش بىلەن توختىماي ئەيىبلەيتى.
بۇ ئەيىبلەشلەر ھەتتا ۋولكسۋاگېن شىركىتىنىڭ تارىخىنى ئوتتۇرىغا سۆرەپ چىقتى. ۋولكسۋاگېن شىركىتى 1937-يىللىرىدىن باشلاپ ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ رەھبىرى ھىتلېرنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولۇپ، تەدرىجى مەجبۇرىي ئەمگەككە تايىنىپ ھىتلېر ئۈچۈن ھەرخىل قاتناش قوراللىرى ۋە ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ياساپ بەرگەن. ئۇلار ئىشلەتكەن ئىشچىلار كېيىنچە ھىتلېر قۇرغان جازا لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلار بولغان. بۇ تارىخ بۈگۈنكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قامالغان جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن سېلىشتۇرۇلغان.
BBC نىڭ 16-نويابىر بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، ۋولكسۋاگېننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ستېفان ۋوللېنستايىن بۇ كونا تارىخنى ئىتىراپ قىلىپ: «بۇ ۋەقە ناتسىستلار زامانىدا ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ زاۋۇتىمىزدا يۈز بەرگەن. بىز مەجبۇرىي ئەمگەككە تايىنىپ خەلقنى ۋولكسۋاگېن بىلەن تەمىنلىگەن،» دېگەن. ئۇ يەنە تەكىتلەپ: «ئەلۋەتتە، بۇنداق ئىشنى بۈگۈن ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز، ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتلىرىمىزنىمۇ ئالاھىدە تەكشۈرۈپ چىقتۇق. بىز مەجبۇرىي ئەمگەك بولماسلىققا مۇتلەق كاپالەتلىك قىلىمىز،» دېگەن. بۇ ئادەم 2019-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ماشىنا كۆرگەزمىسىدە مۇخبىرلارغا «جازا لاگېرلىرىدىن خەۋىرىم يوق» دەپ قويۇپ، بۇنىڭ دەردىنى ئۇزۇن تارتقان ئىدى.
مەتبۇئاتلاردا ئەينى زاماندا يەھۇدىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تايىنىپ ھىتلېرنى قوللىغان ۋولكسۋاگېننىڭ بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تايىنىپ شى جىنپىڭنى قوللاۋاتقانلىقى بايان قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى ۋولكسۋاگېننىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا دائىر ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلاپ، ۋولكسۋاگېننى جىددىي ئاگاھلاندۇرماقتا ئىكەن.
خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ۋولكسۋاگېننىڭ خىتايدا 32 زاۋۇتى بار ئىكەن. 2013-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان تارماق زاۋۇتى يىلىغا 20 مىڭ ماشىنا ىقىرىدىغان ئەڭ كىچىك زاۋۇت ھېسابلىنىدىكەن. بۇ زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان 600 ئىشچىنىڭ ئاران 25 پىرسەنتى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىكەن. ئەمما بۇ ئەڭ كىچىك زاۋۇت بۈ كۈنلەردە ۋولكسۋاگېن شىركىتىنى ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقىغا گىرىپتار قىلماقتا ئىكەن. ئاخبارات ساھەسى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇنىڭغا قاتتىق بېسىم ئىشلەتمەكتە ئىكەن.
ۋولكسۋاگېننىڭ تارىختىكى قارا داغلىرىنىڭ مەتبۇئاتلارغا سۆرەپ چىقىرىلىپ، ۋولكسۋاگېن شىركىتى ئۈچۈن كۈچلۈك بېسىم شەكىللەندۈرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئۇيغۇر زىيالىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى شەرھىيىلەپ ئۆتتى.
گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاستىسى بولغان ZDF تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ قىزىق نۇقتىلار سەھىپىسى 13-نويابىر كۈنى ۋولكسۋاگېن توغرىلىق مەخسۇس بىر پروگرامما تارقاتقان ئىدى. بۇ پروگراممىدا ۋولكسۋاگېننىڭ خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ساقچى ماشىنىلىرى بىلەن تەمىنلەپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. BBC نىڭ 16-نويابىر ئېلان قىلغان «گېرمانىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ۋولكسۋاگېن شىركىتى شۈبھىگە يولۇقتى، شىركەت مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئىنكار قىلدى» ناملىق خەۋىرىدىمۇ ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى تارماق زاۋۇتىنىڭ ئۆزىگە ئانچە يىراق بولمىغان ئورۇنغا جايلاشقان خىتاينىڭ بىر قوراللىق ساقچى ئەترىتى بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ تۇرۇۋاتقان، ئۇلار مىللەت سۈپىتىدە قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر زاماندا ۋولكسۋاگېننىڭ ھېچ ئىش بولمىغاندەك خىتايدا ئۆز تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرىشى زور ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىدىكەن. ۋولكسۋاگېننىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى بولمىغان تەقدىردىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن. ئۇ ھېچ بولمىسا ئۈرۈمچىدىكى تارماق زاۋۇتىنى تاقاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا زۇلۇملىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشى لازىم ئىكەن. بۇنىڭدىن تارتقان زىيان ۋولكسۋاگېندەك چوڭ شىركەت ئۈچۈن تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىكەن.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى بولغان خىتاي شىركەتلەرگە جازا تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشى سەۋەبلىك نۆۋەتتە نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق شىركەتلەر ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. شىۋېتسىيەنىڭ دۆلەت ھالقىغان H&M شىركىتى خىتايدىن چېكىنىپ چىققان. بەزى غەرب شىركەتلىرى زاۋۇتلىرىنى ھىندىستانغا يۆتكەشكە تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ۋولكسۋاگېن شىركىتى سۈكۈتلىرىنى تەرك ئېتىشى لازىم ئىكەن.