تاتارىستان ئالىي سوتى شەھرىزات شاۋكەتكە سىياسىي پاناھلىق بېرىشتىن يەنە باش تارتقان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-03-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
رۇسىيە موسكۋادىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 1-ئاۋغۇست.
رۇسىيە موسكۋادىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدى كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 1-ئاۋغۇست.
AP

يېقىندا رۇسىيە تەركىبىدىكى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازان شەھىرىدە تۇرۇپ، سىياسىي پاناھلىق ئالالمايۋاتقان قوش كېزەك ئاكا-ئۇكىلارنىڭ بىرى شەھرىزات شاۋكەتكە تاتارىستان ئالىي سوتى ۋاقىتلىق پاناھلىق بېرىشتىن باش تارتقان. ئالىي سوت ئۆتكەن يىلى كۈزدە قازان شەھىرى ئاۋايىستروىتېل ناھىيەلىك سوتىنىڭ بۇ ھەقتىكى پاناھلىقنى رەت قىلىش قارارىنى كۈچىدە قالدۇرغان بولۇپ، ئەمدى ئۇ خىتايغا قايتۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە رۇسىيەنىڭ «ئىدېل رېالىى» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «تاتارىستان ئالىي سوتى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن تاتارغا ۋاقىتلىق پاناھلىق بېرىشتىن باش تارتتى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلغان.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، شەھرىزات شاۋكەتنىڭ ئادۋوكاتلىرى خىتايغا قايتۇرغان تەقدىردە ئۇنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قۇرۇلغان «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ھەمدە كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتىنى سەۋەب قىلىپ، قاچاقلار قانۇنى ئاساسىدا ئۇنى رۇسىيەدە قالدۇرۇش توغرىلىق ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، سوت ئۇلارنىڭ بۇ سەۋەبلىرىنى مۇھىم دەپ قارىمىغان. ئادۋوكات رۇسلان ناگىيېف ئالىي سوتنىڭ بۇ قارارى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە يەنە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەندە ئالىي سوت قوش كېزەك ئاكا-ئۇكىلارنىڭ يەنە بىرى شاھدىيار شاۋكەتكىمۇ شۇنداقلا قارار چىقارغانىكەن.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «قوش كېزەك ئاكا-ئۇكىلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە بىز ئۆتكەندىمۇ يازغان ئىدۇق، ئەمما شۇنى تەكىتلەيمىزكى، تاتارىستان قورچاق ھاكىمىيىتى ۋە قورچاق سوتلار رۇسىيەنىڭ قولىدىكى ئەسۋاب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار تاتارلارنى ھەتتا پاناھلىق بېرىپ، ئۆز يېرىدە قوغدىيالمايدۇ ۋە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ساقلاۋاتقان موسكۋادىكى ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىرىگە بېقىنىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئۆلۈمگە ئەۋەتىشكە تەييار.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئادۋوكات بەھرام ھەمرايېف مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن بىزدە مەزكۇر سوت ھۆكۈمى ئۈستىدىن ئەرز بېرىش مۇمكىنچىلىكىمىز بار. ھازىرچە بىز بۇنىڭغا ھۆججەتلەرنى تەييارلاۋاتىمىز. مەن ئويلايمەنكى، بۇنىڭغا ئاز دېگەندە يېرىم يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ۋەزىيەت ھەقىقەتەنمۇ مۇرەككەپ. ئەمما بىز ئۇلارنى رۇسىيەدە قالدۇرۇش ئۈچۈن ياكى ئۈچىنچى بىر مەملىكەتكە چىقىرىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشنىڭ بارلىقىنى قىلىمىز.»

بەھرام ھەمرايېف ھازىر ئۇلارنىڭ «فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى» غا قايتىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنى قازاندىكى تاتار جامائەتچىلىكىنىڭ ماددىي جەھەتتىن قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، شەھرىزات ۋە شاھدىيار شاۋكەت 2015‏-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن تاتارىستان پايتەختى قازان شەھىرىگە كېلىپ، «فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى» غا ئوقۇشقا چۈشكەن. لېكىن ئۇلارنىڭ ۋىزا قەرەلى پۈتۈپ، ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ئوقۇش شەرتنامىسى بىكار قىلىنغانىدى. ئۇلارنىڭ دادىسى ئۇيغۇر، ئانىسى تاتار بولۇپ، ھەر ئىككىسى يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەن. ھازىر شەھرىزات ۋە شاھدىيار شاۋكەت ئۆز ئادۋوكاتلىرىغا مۇبادا يۇرتىغا يېنىپ بارىدىغان بولسا، ئۇلارنى سۆزسىز يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستاندىكى «لىبېرتى» جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ رەھبىرى، سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېۇوف قوش كېزەك ئاكا-ئۇكا شەھرىزات ۋە شاھدىيار شاۋكەت مەسىلىسىدە مۇھىم بىر نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلار قاچاق ھوقۇقىنى ئېلىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېنىدىكى ئىنسان ھەقلىرى باشقارمىسى نامىغا ھۆججەتلىرىنى تاپشۇردىمۇ؟ مۇنداق ئورگان ھەر بىر مەملىكەتتە، شۇ جۈملىدىن رۇسىيەدىمۇ بار. يەنە بىر نەرسە، ئۇلار سىياسىي پاناھلىق ئىزدەۋاتقان كىشىلەر تىزىمىدا بارمۇ؟ مۇبادا ئۇلار مۇشۇنداق رەسمىي ئەرز بەرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ھوقۇقى يوق. رۇسىيە دائىرىلىرى قاچاقلار توغرىلىق خەلقئارا قانۇنغا قارشى ھەرىكەت قىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يا رۇسىيەدە، يەنى تاتارىستاندا قېلىشى كېرەك، يا ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە چىقىپ كېتىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە ئۇلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ تۇغۇلىدۇ. ئەگەردە ئۇلار ھۆججەتلىرىنى پەقەت رۇسىيەنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە تاپشۇرۇش بىلەن چەكلەنگەن بولسا، رۇسىيە ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن.»

غالىم ئاگېلېۇوفنىڭ پىكرىچە، شەھرىزات ۋە شاھدىيار شاۋكەت خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن تەقدىردە، بۇ، سۆزسىز رۇسىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىغا داغ چۈشۈرىدىكەن. بۇ ھەم تاتارىستاننىڭمۇ ئابرۇيىنى تۆكىدىكەن. ئۇ چاغدا مەزكۇر پاناھلىق تىلىگەن كىشىلەر رۇسىيەگە ئەمەس، باشقا مەملىكەتلەرگە كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەلۇمكى، رۇسىيە خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى ئىزچىل تۈردە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن، خىتايمۇ رۇسىيەنى قوللاپ كەلگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت