ئاڭلىغۇچىدىن ئىنكاس: «غۇلجىدا تۇتقۇنلار سوتسىز كېسىلمەكتە، سوتى ئېچىلغان ئەنۋەر تۇرسۇن ‹تەلەيلىك› لەردىن بىرى»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-10-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۇتقۇن قىلىنغان تاكسىم سودا سارىيىنىڭ دىرېكتورى ئەنۋەر تۇرسۇنغوجا ئەپەندى.
تۇتقۇن قىلىنغان تاكسىم سودا سارىيىنىڭ دىرېكتورى ئەنۋەر تۇرسۇنغوجا ئەپەندى.
Photo: RFA

8‏-ئۆكتەبىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى تۇتقۇن ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ سوتلانغانلىقى ھەققىدە رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللىغان، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى غۇلجىدا لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ سوتسىز كېسىلىۋاتقانلىقىنى، ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ شەكلەن سوتى ئېچىلغان ئاز ساندىكى ‹تەلەيلىك› تۇتقۇنلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا چاپچال ناھىيەسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدىكى ئاكا-ئۇكا ئابلىز جامى ۋە ئابلىكىم جامىلارنىڭ سوتسىزلا كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە شىخو تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ غۇلجا لاگېرلىرىدىكى زور بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنىڭ سوتسىزلا كېسىلىۋاتقانلىقى، ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ شەكلەن بولسىمۇ سوت ئېچىلغان ئاز ساندىكى ‹تەلەيلىك› تۇتقۇنلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

بىز ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ سوتىدا نېمىلەر دېيىلگەنلىكىنى ئېنىقلاشقا تىرىشتۇق. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن ج. خ. خادىملىرىغىچە بولغان بارلىق ئالاقىدار كىشىلەر ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ سوتى ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى.

ئىنكاستا ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ چەتئەلدىكى بىرقانچە دۆلەتتە قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلار چەتئەلدە قېرىنداشلىرى توغرىلىق ئاكتىپ پائالىيەت قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئەنۋەر تۇرسۇن ئۈستىدىن سوت ئېچىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

دەرۋەقە، ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ كانادا ۋە نورۋېگىيەدىكى قېرىنداشلىرى ب د ت غا مەكتۇپ يوللاپ، خىتاينىڭ بىگۇناھ ئاكىسى ۋە جىيەنىنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلغانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. ئۇلار يەنە ئاكىسى بىلەن جىيەنىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس ۋىدىيولۇق گۇۋاھلىق باياناتى تارقاتقان.

بىز غۇلجىدا لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ سوتسىز كېسىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن غۇلجىنىڭ چاپچال ناھىيەسىگە تېلېفون قىلدۇق. جاغىستايلىق بىر ئاياللار مۇدىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى 60 ۋە 63 ياشلىق ئاكا-ئۇكا ئابلىز جامى بىلەن ئابلىكىم جامىلارنىڭ سوتسىزلا كېسىۋېتىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ قولىغا ھېچقانداق بىر ھۆكۈمنامە بېرىلمىگەنلىكى، ھەتتا كەنت كادىرلىرى بىلەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكىدىنمۇ خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىز جامى نۆۋەتتە شىخو تۈرمىسىدە، ئابلىكىم جامى بولسا توققۇزتارادىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن.

يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىكىم جامى 10 يىللارنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئابلىز جامىنىڭ بولسا تېلېفونىدىن چاتاق چىققانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.

لاگېردىكى تۇتقۇنلار ئۈستىدىن سوتسىز ھۆكۈم چىقىۋاتقانلىق ئەھۋالى ئىلگىرى خوتەن ۋە قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىمۇ ئاشكارىلانغان ئىدى. يېڭىسارلىق بىر قوغداش خادىمى ئاكىسىنىڭ جازا كېسىمىنى كەنت كادىرلىرىدىن تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بايان قىلغان بولسا، پەيزىۋاتلىق بىر ساقچى خادىمى يانچۇقىدا تەييار سوت ھۆكۈملىرى بارلىقى، پەقەت ئۇنىڭغا مەھكۇملارنىڭ ئىسمىنى تولدۇرۇش ئارقىلىقلا جازا ھۆكۈمىنى چىقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، لاگېردىكى مانا بۇ خىل سوتسىز ھۆكۈملەرگە خىتاي جازا ماتېرىياللىرىدا «كۈچەيتىپ تەربىيەلەش» دەپ نام بېرىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت