«گۇگۇل ئۇيغۇر» پائالىيەتچىلىرى ۋاشىنگتوندىكى Capital One تەنتەربىيە سارىيىدا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019-10-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«گۇگۇل ئۇيغۇر» پائالىيەتچىلىرى ۋاشىنگتوندىكى Capital One تەنتەربىيە سارىيىدا

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچقۇرۇن ۋاشىنگتوندىكى Capital One تەنتەربىيە سارىيىدا خىتايغا قارشى «گۇگۇل ئۇيغۇر» نارازىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

30-ئۆكتەبىر كەچقۇرۇن ۋاشىنگتوندىكى Capital One تەنتەربىيە سارىيىدا ۋاشىنگتون ۋىزارد كوماندىسى بىلەن خيۇستون روكېت كوماندىسى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

«گۇگۇل ئۇيغۇر» دېگەن نامدا تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ياشلىرى مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئاۋۋال تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئالدىدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «خوڭكوڭغا ئەركىنلىك»، «تىبەتكە ئەركىنلىك» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان تاختايلارنى كۆتۈرۈپ، شوئار توۋلاپ كۈچ كۆرسەتكەن. مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەن تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ نارازىلىق پائالىيىتىنى كۆرگەن. مۇسابىقە ئارىلىقىدىكى قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە ھەممىسى بىردەك قارا مايكا كىيگەن ئۇيغۇر ياشلىرى تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئەڭ ئېگىز سۇپىسىدا قاتار تىزىلىپ، مايكىلىرىدىكى لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن «گۇگۇل ئۇيغۇر» دېگەن ئىككى سۆزنى ھاسىل قىلغان. مەيداندىكى نەچچە مىڭلىغان تاماشابىنلار بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەن ۋە ئۇلارنىڭ شوئار سادالىرىغا جۆر بولغان. «گۇگۇل ئۇيغۇر» پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇ نارازىلىق ھەرىكىتى تۈنۈگۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپ چېكىلىپ، نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىلەر تەرىپىدىن كۆرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت