گۈلى مەخسۇت: ئاكامنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى مېنى سۆزلەتتى، پائالىيىتىم سەۋەبلىك خىتاي ساقچىسىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدىم

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كانادالىق پائالىيەتچى گۈلى مەخسۇت.
كانادالىق پائالىيەتچى گۈلى مەخسۇت.
Güli Mexsut özi teminligen

كانادادا كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان گۈلى مەخسۇتنىڭ 20-ماي كۈنى تۋىتېردا بىلدۈرۈشىچە، يۇرتىدىكى خىتاي ساقچىسى ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۇنى ھەمكارلىشىشقا قىستىغان ۋە ئۇنىڭغا يۇرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئارقىلىق تەھدىت سالغان. مەزكۇر ئۇچۇر تۋىتېردا تارقالغاندىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرىغا دىققەت قىلىشقا چاقىرغان. بىز مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن گۈلى مەخسۇتنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇققاندىكى تەدبىرلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مېھرىبان تەييارلىدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن تۋىتېر تورىدا گۈلى مەخسۇت ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ يۇرتىدىكى خىتاي ساقچىسىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن دىققەت قوزغىدى.

گۈلى مەخسۇت تۋىتېردا قەيسەر ئىسىملىك خىتاي ساقچىسىنىڭ ئۆزىگە ئېيتقان «بىز ياخشى ھەمكارلاشساق بولاتتى، سىز سەۋەبلىك توقسۇندىكى تۇغقانلىرىڭىزغا، ئۆيدىكىلەرگە ئاپەت بولۇپ بەرمەڭ. سىز ئۆيدىكىلىرىڭىزنى كۆپرەك ئويلاڭ» دېگەن سۆزلىرىنى يوللىغان. گۈلى ئۇچۇرىدا يەنە ئۆزى سەۋەبلىك يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ روھى جەھەتتە ئېغىر بېسىمدا قالغانلىقىنى ئېيتقان.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان گۈلىنىڭ تۋىتېردا يوللىغان ئۇچۇرى ناھايىتى تېزلا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىس ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، بۇ ھەقتە ئىنكاسلار بېرىلمەكتە.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتايچە بۆلۈمى نامىدا تۋېتېر تورىغا يوللانغان ئىنكاستا كانادا ھۆكۈمىتى قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ياشاپ تۇرۇقلۇقمۇ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراش مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلغان. ئۇنىڭدا «كانادادىكى گۈلى ئىسىملىك ئۇيغۇر ‹مەن ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاي ساقچىسىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىمەن، قارشى تەرەپ ئەگەر مەن ئۆز پائالىيىتىمنى توختاتمىسام، مېنىڭ خىتايدىكى بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى تۇتقۇن قىلىدىغانلىقىنى دەپتۇ. بۇ ئىش كۆڭلۈمنى بەك بىئارام قىلدى، ھەتتا ئۆلۈۋېلىشنىمۇ ئويلىدىم› دەپ يېزىپتۇ، كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدېئو سىز كانادا پۇقرالىرى ۋە شىنجاڭدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارمامسىز؟» دەپ يېزىلغان.

تۋېتېرغا ئۆزىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسنى يولىغۇچى گۈلى مەخسۇت 2012-يىلى كاناداغا ئوقۇش بىلەن كېلىپ، بىرنەچچە يىللىق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، داۋاملىق كانادادا قېلىپ ئىشلەۋاتقان ۋە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر داۋاسى ھەققىدىكى پائالىيەتلەردە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقانىكەن.

گۈلى مەخسۇت 21-ماي كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ساقچىسىنىڭ ئۆزىگە تەھدىت ئۇچۇرى ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئەھۋالنى ئاڭلاتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2012-يىلى كاناداغا دەسلەپ كەلگەن مەزگىللەردە ئوقۇش بىلەنلا بولۇپ، باشقا ئىشلارغا ئارىلاشمىغان ۋە ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن 2016-يىلغا قەدەر تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن يۇرتىغا بىرنەچچە قېتىم بېرىپ-كەلگەن. ئەمما 2017-يىلى 4-ئايدا ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئالاتاۋ ئېغىزىدا قازاقىستان بىلەن چېگرا سودىسى قىلىۋاتقان ئاكىسى قۇدرەت مەخسۇتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاكىسىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىدە بولغان.

دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇ كادادىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئاكىسى قاتارلىق تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى يوللىغان. كېيىنكى مەزگىللەردە ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىش قارارىغا كېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلاردا ئاكىسى ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ نامايىشلارغا قاتناشقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يەنە 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جەنۋەدە ئۇيۇشتۇرغان نامايىشقا قاتناشقان ۋە يىغىندىن كېيىن تۈركىيەگە بېرىپ، تۈركىيەدىن كاناداغا كۆچمەن بولۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلارنى تىزىملاش ئىشلىرىغىمۇ ئۆزلۈكىدىن ياردەمدە بولغان ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلى 2-ئاي مەزگىلىدە خىتاينىڭ لاگېرىغا 22 ئاي قامالغان ئاكىسى قۇدرەت مەخسۇتنىڭ قويۇپ بېرىلىپ ئۆيىگە قايتۇرۇلغانلىقى خەۋىرى كەلگەن. بۇنى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ بىلگەن گۈلى مەخسۇت ئاكىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن سۆيۈنگەن. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ساقچىسىنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە تەھدىت سېلىشى ئۇنى بىئارام قىلىشقا باشلىغان ۋە ئاخىرى ئەھۋالنى كانادادىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلاشنى قارار قىلغان.

كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى مەمەت توختى ئەپەندى گۈلى مەخسۇتنىڭ خىتاي ساقچىسىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىق ئەھۋالىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىغانلىقى ۋە ئەھۋالنى كانادادىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈشىنى دادىللىق بىلەن ئېلىنغان بىر قەدەم دەپ ماختىدى.

گۈلى مەخسۇتنىڭ 2018-يىلى 11-ئاي مەزگىلىدە تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان كاناداغا كۆچۈشنى ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلارنى تىزىملاشقا ياردەملەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەمەت توختى ئەپەندى يەنە، گۈلى مەخسۇتنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراش مەسىلىسىنىڭ پەقەتلا ئۇنىڭ پائالىيىتى سەۋەبىدىنلا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، كانادا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ياشاپ تۇرۇقلۇقمۇ، يۇرتىدىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراش ئەھۋالىغا خېلى كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەمەت توختى ئەپەندى، ئۇيغۇرلار چەتئەللەردە ياشاپ تۇرۇقلۇقمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل تەھدىتلىرىگە يولۇققىنىدا چوقۇم ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشى ۋە تاراتقۇلاردا ئاشكارىلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى ۋە شۇ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ خىتاي تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشى مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت