گۈلنىسا قاۋۇل: «بالىلىرىم 4 يىلدىن بىرى دادىسىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020-02-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گۈلنىسا قاۋۇل خانىمنىڭ ئېرى مۇھەممەت قۇربان ئەپەندىنىڭ پاسپورتى.
گۈلنىسا قاۋۇل خانىمنىڭ ئېرى مۇھەممەت قۇربان ئەپەندىنىڭ پاسپورتى.
RFA/Azigh

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا قاتتىق تەسىر كۆرسەتمەكتە.

خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلىرىگە سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ئائىلىلىرى داۋاملىق يېقىنلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتا. پارچىلانغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ چەتئەل تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولماقتا.

گۈلنىسا قاۋۇل خانىمنىڭ ئائىلىسى دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ بىرى.

گۈلنىسا قاۋۇل ئۈرۈمچى شەھىرىدىن، بۇ يىل 43 ياشتا، ھازىر 3 بالىسى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشايدۇ. 2015-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى گۈلنىسا خانىمنىڭ يولدىشى مۇھەممەت قۇربان ئۈچىنچى بالىسى 40 كۈنلۈك بولغاندا ۋەتەنگە قايتقان. خىتاي دائىرىلىرى مۇھەممەت قۇرباننى ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمەستىن ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىلا تۇتقۇن قىلغان. بۈگۈنگىچە گۈلنىسا خانىم ۋە ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى مۇھەممەت قۇرباندىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمايۋېتىپتۇ.

2016-يىلنىڭ ئاخىرى مىسىر ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ گۈلنىسا قاۋۇل خانىم ئۈچ بالىسىنى ئىلىپ مىسىردىن كېتىشكە مەجبۇر بولغان. چوڭ ئوغلى ئەزھەردە ئوقۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن گۈلنىسا خانىم ئىككى بالىسى بىلەن تۈركىيەگە سەپەر قىلغان. بۇ ۋاقىتتا گۈلنىسا خانىمنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ پاسپورتىنىڭ توشۇشىغا بىر يىل، قىزىنىڭ 3 ئاي قالغان ئىكەن.

گۈلنىسا خانىم ئەينى ۋاقىتتا مىسىردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بالىلىرىنىڭ پاسپورت ئىلتىماسىنى تەستىقلىمىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ: «چوڭ ئوغلۇمنى ئىلىپ ماڭالمىدىم. بالىلارنىڭ پاسپورتىنى 5 يىللىق ئىشلەيدۇ. توشىدىغانغا ئالتە ئاي قالغاندا بىز ئىلتىماس قىلدۇق. لېكىن تەستىقلانمىدى. پۈتكۈل ماتېرىياللارنى تولۇق تاپشۇرۇپ بەرگەن بولساقمۇ يەنىلا تەستىقلانمىدى.»

گۈلنىسا خانىم كىچىك ئوغلى ۋە قىزىنى ئىلىپ ئىستانبۇلغا كەلگەن، بىراق ئايروپىلاندىن چۈشۈپ، چىقىش ئېغىزىغا كەلگەندە پاسپورتنىڭ 3 ئايلىق ۋاقتى قالغانلىق سەۋەبىدىن قىزىنى تۇتۇپ قالغان. ئايرودروم خادىملىرى گۈلنىسا قاۋۇل خانىمغا ئۆز يۇرتىغا ياكى كەلگەن دۆلەتكە قايتىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. گۈلنىسا خانىم بىر يېرىم ياشلىق بالىسىنى ئىلىپ ئىستانبۇل ئايرودرومىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان قىزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن چارە ئىزدەپ تەرەپ تەرەپكە قاترىغان. گۈلنىسا خانىم 14 ياشلىق قىزى ئەسما مۇھەممەت ئىستانبۇل ئايرودرومىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان 5 كۈن جەريانىدا تارتقان ئازاب ئوقۇبەتلىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

تۈركىيە دائىرىلىرى گۈلنىسا خانىمنىڭ قىزى ئەسما مۇھەممەتنى 5 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ مىسىرغا قايتۇرۇۋەتكەن. 2016-يىلىنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن مىسىر ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى باشلىغان. گۈلنىسا خانىمنىڭ قىزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مىسىردىن قاچقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىستانبۇلغا يىتىپ كەلگەن. چوڭ ئوغلى بولسا بىر يىل مىسىردا مۆكۈنۈپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئائىلىسى بىلەن دىدارلىشالىغان.

ھازىر گۈلنىسا خانىم زەيتىنبۇرنىدا ئىككى قەۋەتلىك بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئالغان بولۇپ، ئاستىنقى قەۋىتىدە ساتىراشخانا ئىچىپ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئېھتىياجىنى قامدىماقتا. چوڭ ئوغلى ئىبراھىم مۇھەممەت نەجمىدىن ئەربەكان ئۇنىۋېرسىتېتىدا، قىزى ئەسما مۇھەممەت ئىبراھىم چېچەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلاھىيەت كەسپىدە ئوقۇماقتا ئىكەن. گۈلنىسا خانىم ھازىرقى تۇرمۇشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە يولۇقۇۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە توختالدى.

بىز تۈركىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ھەر خىل بېسىملىرىغا دۇچار بولغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادىي ۋە پسىخولوگىيەلىك جەھەتتىن قانداق ياردەملەردە بولۇۋاتقانلىقىنى ياكى بۇ مەسىلە توغرىلىق كونكرېت لايىھەسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

تۈركىيە كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ (TYHV) باش كاتىپى مېتىن باككالجى سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ، تۈركىيە كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغان كىشىلەرگە داۋالاشنى ۋە پسىخىك ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغانلىقىنى، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە بىسىم ۋە قىيىن قىستاققا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق ئاخبارات ئورۇنلىرى پارچىلانغان ئائىلىلەر مەسىلىسىگە، بولۇپمۇ ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولسىمۇ، كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە بۇ ھەقتىكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت