80 ياشلىق مۇھاجىر مەھمەتتوختى ئەمىن تۇتقۇندىكى پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-11-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۇتۇلۇپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەن، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 80 ياشلىق مۇھاجىر مەھمەتتوختى ئەمىن ئاكا.
تۇتۇلۇپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەن، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 80 ياشلىق مۇھاجىر مەھمەتتوختى ئەمىن ئاكا.
Mehmettoxti Emin Teminligen

25 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 80 ياشلىق مۇھاجىر مەھمەتتوختى ئەمىن ئاكا بۈگۈن رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ قەشقەر توققۇزاقتا تۇتۇلۇپ كەتكەن ۋە ئىز-دېرىكى مەلۇم بولمايۋاتقان پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ توققۇزاق لەنگەر يېزىسىدا 5 پەرزەنتى، 15 نەۋرىسى ۋە 12 پەينەۋرىسى بار بولۇپ، ئۇ 2017 ‏-يىلى بۇلاردىن 4 نەپىرىنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكى ۋە 6 نەپىرىنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان؛ ئەمما 2017 ‏-يىلدىن ھازىرغا قەدەر قالغان ئائىلە-ئەزالىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. لەنگەردىكى بىر كەنت ساقچىسى مەھمەتتوختى ئەمىننىڭ بالىلىرىدىن ئىككىسىنىڭ ئائىلىسىدىنلا 5 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ. 

ئاڭلاۋاتقىنىڭلار نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ياشاۋاتقان مەھمەتتوخى ئەمىن ئاكىنىڭ تۇتقۇندىكى پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق باياناتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، توققۇزاقتا، ئۇنىڭ پولاتجان، ياقۇپجان ۋب ئابدۇغاپپار قاتارلىق بەش پەرزەنتى بار بولۇپ، بۇلاردىن ئابدۇغاپپارجان، ئىلگىرى بىر قېتىم تۈركىيەگە كەلگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغان ۋە 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. چوڭ ئوغلى پولاتجان، 2016 ‏-يىلنىڭ ئاخىرى تۈركىيەگە كېلىپ 20 كۈن تۇرۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغان. 

ئۇ يۇرتتىكى ئالاقىدار قاناللىرى ئارقىلىق، 2017 ‏-يىلىنىڭ بېشىدا پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 4 كىشىنىڭ تۈرمىدە، 6 كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان، ئەمما قالغان 20 دىن ئارتۇق ئائىلە تاۋىئاباتىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. 2017 ‏-يىلى لاگېرغا ئادەم توپلاش يېڭىدىن باشلانغان مەزگىل بولغاچقا شۇنىڭدەك 2017 ‏-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 2018 ‏-يىلىنىڭ باشلىرىدا يەنە دولقۇن خاراكتېرلىك ئادەم تۇتۇش داۋام قىلغان بولغاچقا، مەھمەتتوختى ئەمىن ئاكا، قالغان ئائىلە-تاۋىئاباتىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان توققۇزاق ناھىيە لەنگەر يېزىلىق ساقچى خادىمى مەمەتتوختى ئەمىن ئاكىنىڭ ئائىلە-تاۋىئاباتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كەنت ساقچىسى مەھمەتتوختى ئەمىننىڭ پەرزەنتلىرىدىن ئۆزى بىلىدىغان ئىككىسىنىڭ ئائىلىسىدىنلا 5 كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى، بۇلاردىن بىرىگە 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. 

مەھمەتتوختى ئاكا، گۇۋاھلىق باياناتىدا بىر قىز نەۋرىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەكېتىلگەنلىكى ۋە شۇ يەردە دىنىي تۈستە كىيىم كەيگەنلىكى ئۈچۈن 5 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغانىدى. لەنگەر يېزىسىكى بىر كەنت ساقچىسى، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. 

مەھمەتتوختى ئاكا گۇۋاھلىق باياناتىنىڭ ئاخىرىدا ئەقلىگە كەلگەندىن بۇيان خىتاي زۇلۇمىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنىڭغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدى بۇ تەقدىرگە پەرزەنتلىرىدىن باشقا يەنە نەۋرىلىرىنىڭمۇ دۇچ كېلىۋاتقانلىدىن شىكايەت قىلدى. 

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقۇرىدا، تۈركىيەدىكى 80 ياشلىق مۇھاجىر مەھمەتتوختى ئەمىننىڭ قەشقەر توققۇزاقتا تۇتقۇندىكى پەرزەنت ۋە نەۋرىلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىق باياناتى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت