ھەپتىلىك خەۋەرلەر (31-مارتتىن 6-ئاپرېلغىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-04-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بارىن ئىنقىلابىدا جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى ئاشكارىلاندى


بارىن ئىنقىلابى يۈز بېرىپ ئارىدىن 22 يىل ئۆتكەندە جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولغان يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى ئاشكارىلاندى.

ھازىرچە نام شەرىپى ئاشكارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بارىن يېزىسى تەۋەسىدىن بولۇپ، بۇلار تۇرسۇن ئىسمائىل، سۇلايمان سوپى، غوپۇر ئەۋەل قاتارلىقلاردۇر.

ئەينى چاغدا بارىن ئىنقىلابىنىڭ باش يېتەكچىسى زەيدىن يۈسۈپمۇ جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولغان ئىدى. بەزى مەنبەلەردە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تۈركىيىنىڭ قەيسىرى ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي سېرك ئۆمىكى ئويۇن قويۇۋاتقان زالغا بېسىپ كىرىپ نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيىنىڭ قەيسىرى ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي سېرك ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ يېنىدا ئويۇن قويۇشىغا قارشى نارازىلىق پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. بۇ پائالىيەتنى قەيسىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشكىللىگەن.

نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر گۇرۇپپا ياش خىتاي سېرك ئۆمىكى نومۇر كۆرسىتىۋاتقان زالغا بېسىپ كىرىپ نارازىلىق بىلدۈردى.


نامايىشىنى باش بولۇپ تەشكىللىگەن ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى: بىز خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى باستۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يەرگە كېلىپ تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆزىنى بويىشىغا قارشى تۇرىمىز، دېدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قەشقەر قاتارلىق يۇرتلاردىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قاراشلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىش ھەرىكىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، چېقىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قالايمىقانچىلىققا تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

«چەتكە قېقىلىپ ياشاش: خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىشى» ناملىق مەزكۇر دوكلات جەمئىي 89 بەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ قانداق يوقىتىلغانلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئۆيلىرى، ئۇيغۇر دۇكانلىرى، دىنىي قۇرۇلۇشلار، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ قانداق ۋەيران قىلىنغانلىقى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بىر يىل ئاۋۋال ياۋروپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى چېقىشنى توختىتىشنى، قەشقەرنى ب د ت نىڭ يىپەك يولىدىكى مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇرلار رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈرۈمچىگە مېڭىشتىن بۇرۇن ئۆز تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى


4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى خىتايغا مېڭىش ئالدىدا تۇرغان تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى.

سېيىت تۈمتۈرك ۋە خەيرۇللا ئەفەندىگىل تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىغان دوكلاتىنى بەردى ۋە ئېغزاكى بەزى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ۋە زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنىنى ئۈرۈمچىدىن باشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بارىن ئىنقىلابىنىڭ 22 يىللىقى خاتىرىلەندى


بۇندىن 22يىل بۇرۇن يەنى 1990 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارىن يېزىسىدا زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئىدى.

قوزغىلاڭ خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن شىددەتلىك باستۇرۇلۇپ، بىگۇناھ ئۇيغۇر خەلقى قىرغىن قىلىنغان ۋە بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭغا چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تالاي ئۇيغۇر ياشلىرى تۈرمىلەرگە تاشلانغان.

گەرچە ئارىدىن 22 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئاشۇ قېتىملىق قىرغىندا شېھىت بولغان ۋە تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ تاكى ھازىرغىچە ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. بولۇپمۇ، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە بارىن شېھىتلىرىنىڭ روھىغا بېغىشلاپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان، قىرغىزىستان، گېرمانىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھەرخىل شەكىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى، نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى ۋە قوزغىلاڭدا قۇربان بولغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا - تىلاۋەتلەر قىلىندى.

بارىن ئىنقىلابى مەزگىلىدە پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنىڭ قارا قولىدىن قۇتۇلۇپ، ساق تۇغۇلغان بوۋاقلار بۇ يىل 22 ياشقا تولدى.


بارىن يېزىسىدا ئەينى يىلدىكى باستۇرۇشتىن ساق قالغان بۇ يىل 65 ياشتىن ئاشقان بىر ئۇيغۇر ئانا ئۆز يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىللار ئىچىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئانىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، بارىن ئىنقىلابى پارتلىغان چاغ، ئۇ كۆزى يورۇشقا ئازلا قالغان كۈنلەر ئىكەن. ئۇ، خىتاي پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنىڭ زىيانكەشلىك قېلىشىدىن قورقۇپ، تالاغىمۇ چىقالماي ئۆيدە يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولغان. ھەرخىل باستۇرۇشلاردىن ساق قالغان بوۋىقى مانا بۇ يىل 22 ياشقا تولۇش ئالدىدا ئىكەن.

تولۇق بەت