ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23-ئاپرېلدىن 29-ئاپرېلغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016-04-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

1. گېرمانىيەدە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ھەققىدە خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

25 - ئاپرېل كۈنى ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىنغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى بىرلىكتە ساھىبخانىلىق قىلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت تارىخى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. يىغىن قاتناشچىلىرىدىن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقى، شۇنداقلا چەتئەلگە قېچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ مۈشكۈلاتلىرىنى ھەل قىلىش چارىلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئاخىرىدا ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ مەسئۇللىرىدىن لۇيىسا خانىم سۆزگە چىقىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىرغا قەدەر قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

يىغىن جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملار مۇساپىرلار مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى، بۇ مەسىلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىلىرى، شۇنداقلا چەتئەللەردە پاناھلىق تىلەش مەسىلىسى ھەققىدە تەييارلاپ كەلگەن ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇدى. يىغىن ئاخىرىدا ئېلىنغان قاراردا «ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى - شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئېگە قىلىنىشى» دەپ كۆرسىتىلدى.

2. ھىندىستاننىڭ د ئۇ ق ئىجرائىيە مۇدىرى دولقۇن ئەيسانىڭ ۋىزىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

ھىندىستاننىڭ دارامسالادا شەھىرىدە 28 - ئاپرېل كۈنى چاقىرىلغان «ئاسىيا دېموكراتىيە مۇنبىرى» نىڭ 2016 - يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەييارلىنىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيساغا بېرىلگەن ئېلېكترونلۇق ۋىزىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دولقۇن ئەيساغا بەرگەن ۋىزىنى بىكار قىلغانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستان تەرەپكە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشى ئارقىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان دىپلوماتىيە ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى دولقۇن ئەيسانى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا «تېررورچى» دەپ مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ بۇ خىل ئەيىبلەشلىرىگە ئامېرىكا قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر پىسەنت قىلمىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرى ئۈچۈن «ترۇمان - رېگان ئەركىنلىك مېدالى» بېرىلگەن ئىدى.

دولقۇن ئەيسا ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئۆزى يولۇققان تۇنجى قېتىملىق ئەھۋال ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

3. غايىبلار ئانىسى پاتىگۈل غۇلام ئۈچۈن مۇراجىئەتنامە تەييارلاندى

يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى 5 - ئىيۇل غايىبلىرىنىڭ ئاتا - ئانىلىرىدىن پاتىگۈل غۇلامنىڭ مەخپىي سوتلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار بۇ خىل ناھەقچىلىككە جىددىي نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان مۇراجىئەتنامە تەييارلىدى.

مۇراجىئەتنامىدە پاتىگۈل غۇلامنىڭ پەقەت ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەرىكىتىگە قانۇن جازاسى بېرىپ قاماققا ئېلىشنىڭ تولىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

مۇراجىئەتنامىدە يەنە بۇنىڭغا ئىمزا قويۇش سېپىگە قوشۇلۇۋاتقانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئالىي مەلۇماتلىق زىيالىيلار ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇراجىئەتنامە ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىغا ئەۋەتىلگەن، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىتىلماقتا ئىكەن.

4. بېرلىندا ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى

26 - ئاپرېل كۈنى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاساسلىق نىشانى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختىنى نوپۇزلۇق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات كۆرسىتىش ھەمدە ئۇنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىكەن.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئەنۋەرجان ئەپەندى ئىلھام توختىغا ئېگە چىقىشنىڭ نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ھاننو شېدلېر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، شۇنداقلا زور بەدەل تۆلىگەن بىر زاتنىڭ ئەركىنلىكى ۋە خەلقئارالىق تىنچلىق مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىدىغان بۇنداق بىر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشى بەكمۇ ئەھمىيەتلىك» دېگەن.

5. ئونسۇ چاغراقتا كوللېكتىپ جازالانغان بىر ئائىلە ئېنىقلاندى

مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىنقى ئەھۋال ئېگىلىشى جەريانىدا ئونسۇ ناھىيىسىگە قاراشلىق چاغراق يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق مۇنىياز ئائىلىسىدىكى يەتتە قېرىنداشنىڭ ئائىلە بويىچە دېگۈدەك جازالانغانلىقى مەلۇم بولدى.

مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار كىشىلەردىن ئېگىلىشىچە، بۇ يەتتە قېرىنداشنىڭ ئەڭ چوڭى ئابدۇللا مۇنىياز 1997 - يىلىدىكى«ئۈرۈمچى ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسى» گە چېتىلىپ، شۇ يىلى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىكەن. ئۇنىڭ قالغان قېرىنداشلىرى «قانۇنسىز ھىجرەت قىلىش» ۋە «مىللىي ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىدا بولۇش» جىنايەتلىرى ئۈچۈن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 17 يىلدىن توققۇز يىلغىچە كېسىلگەن.

بۇ قېرىنداشلارنىڭ جازاغا تارتىلىشىغا دائىر تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئېگىلىش مۇمكىن بولمىغان بولسىمۇ، ئونسۇ تەۋەسىدىكى ۋەزىيەت ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار مەزكۇر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كوللېكتىپ جازالانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

6. مەرھۇم سەنئەتكار زىكرى ئەلپەتتا تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنىڭ رەتلىنىش خىزمىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇستاز سەنئەتكار زىكرى ئەلپەتتا تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقى 25 - ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق خاتىرىلەندى. پائالىيەتتە مەرھۇمنىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

مەرھۇم زىكرى ئەلپەتتا ئۇيغۇر خەلقى سۆيۈپ ئاڭلايدىغان بىر قاتار مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلغان، جۈملىدىن «رۇخسارى مۇقامى»، «سادىر ناخشىسى»، «ئاق بېلىق»، «تەنلىرىم ياپراق»، «زۆھرە جانىم» قاتارلىق ناخشىلارنىڭ مۇزىكىلىرى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە ۋەكىللىك ئورۇن ئىگىلەيدۇ.

مەرھۇمنىڭ ياشلىق ۋە قىرانلىق دەۋرى ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئېغىر سىياسىي داۋالغۇش ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بوران - چاپقۇنلۇق مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ، زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتى ئۈچۈن بىر قاتار مۇنەۋۋەر ئىزباسارلارنى تەربىيىلەپ چىققان.

تولۇق بەت