ھەپتىلىك خەۋەرلەر (16-ئاۋغۇستتىن 22-ئاۋغۇستقىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-08-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

1. ئۇيغۇر تەشكىلاتى: خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان تېررورلۇققا قارشى سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينى ھەقىقەتكە يۈزلىنىشكە چاقىردى.

ئۇلار باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ۋەقەلەردىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا بىر پەرزەنتلىك بولۇشقا ئوخشاش سىياسەتلەرنى يولغا قويماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل سىياسەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇر خەلقىنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى باياناتىدا، يۇقىرىدىكى سىياسەتلەر رايونغا تىنچلىق ئەكېلىشنىڭ ئورنىغا، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى زىددىيەتنىڭ نېگىزىنى تونۇپ، ھەقىقەتكە يۈزلىنىشكە چاقىردى.



2. ئۆتكەن ئون كۈن جەريانىدا ئاقسۇ ئايكۆلدە 3 نەپەر ئۇيغۇر دېھقان ئېتىۋېتىلگەن

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئون كۈن جەريانىدا ئاقسۇ ئايكۆلدە 3 نەپەر ئۇيغۇر دېھقان خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن.

بۇلارنىڭ بىرى 16 - ئاۋغۇست ئېتىزلىقتا سۇ تۇتۇۋاتقاندا ھېچ سوئال - سوراقسىزلا ئېتىۋېتىلگەن تۇنياز قاسىم. يەنە بىرى بۇ يىل 21 - ياشقا كىرگەن تاكسى شوپۇرى ئۆمەر ئابلا. ئۇ 19 - ئاۋغۇست ئاقسۇ شەھىرىگە تاكسى ھەيدەپ كىرىپ كېتىۋاتقان يول ئۈستىدە ئېتىۋېتىلگەن.

يەنە بىر ئۇيغۇر دېھقان ياسىن ئاۋۇت بولسا ئۆيىدە تاماق يەپ ئولتۇرغاندا ئېتىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ يەرلىك خادىملارغا دېيىشىچە، ياسىن ئاۋۇت ئېتىۋېتىلگەندە قولىدا ھېچنېمە يوق ئىكەن.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ساقچىلار بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «بۇيرۇققا بويسۇنمىغان» ۋە ياكى «قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان» لىقى ئۈچۈن ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

ھالبۇكى، ئۇلار يۇقىرىدا ئېتىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ زادى قانداق جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى شەرھلەپ بەرمىگەن.


3. ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېلىتىنى كىملىك بىلەن ئېلىش شەرت قىلىنىدىكەن

خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېلەتلىرىنى كىملىك بىلەن ئېلىش تەلەپ قىلىنىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىدىكى بەلگىلىمە بۇ يىل سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، يولۇچىنىڭ كىملىكتىكى ئىسمى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېلىتىگە بېسىپ چىقىرىلغاندىن باشقا، يولۇچىنىڭ بارلىق سەپەر ئۇچۇرلىرى يەرلىك ساقچى ئورگانلىرىغا يوللىنىلىدىكەن.

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى «30 - ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋوگزالى ئادەم بومبا ھۇجۇمى» ۋە «22 - ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» دىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە سۇ قاتارلىق سۇيۇقلۇقلارنى ئېلىپ چىقىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە بۇندىن كېيىن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس يولۇچىلىرىغىمۇ كىملىك بىلەن بىلەت ئېلىش تەلەپ قىلىنىشى خىتاينىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىدە بەكمۇ جىددىيلەشكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.


4. خىتاينىڭ يەكەندىكى باستۇرۇشتا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلەندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيۇر بىرلەشمىسى خىتاينىڭ يەكەندىكى باستۇرۇشتا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان ئاۋام خەلققە زىيادە كۈچ قوللانغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى، 28 - ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خەلقئارانى خىتاينى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇرلاشقا چاقىرغان.

«28 - ئىيۇل ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دە خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ نامايىشنى ئاممىنى قارا - قويۇق ئوققا تۇتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بەزى ئۇچۇرلاردا ۋەقەدە 120 ئادەم ئۆلگەنلىكى، بەزى ئۇچۇرلاردا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 2 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما رادىئومىز بۇ سانلارنى ئۆز ئالدىغا دەلىللەشكە ئامالسىز قالغان.


5. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە د ئۇ ق ئابابەكرى رەھىمنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى بىلەن د ئۇ ق دۈشەنبە كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، يەكەن «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» توغرىلىق چەتئەل تورىغا ئۇچۇر يوللىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ قولغا ئېلىنغان ئابابەكرى رەھىمنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئابابەكرى رەھىمنىڭ د ئۇ ق نى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى رەت قىلىنىپ، ۋەقەگە ئالاقىدار ئۇچۇرنى بۇ ئورگانغا باشقا نۇرغۇن مەنبەلەرنىڭ يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، بۇ ئۇچۇرنى ئابابەكرى تەمىنلىگەن بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۆزى جىنايەت دەپ قارالماسلىقى كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى.

تولۇق بەت