ھەپتىلىك خەۋەرلەر (21-27-يانۋار)

2006-01-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيىدە" مەھمۇد قەشقەرى ۋە تۈرك تىلى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەندى

11-ئەسىردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى، ئۇلۇغ ئېنسىكلوپېدىك ئالىم، مەھمۇد قەشقەرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار تۈركىيىدە ئەزەلدىنلا تەرەققى قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە تۈركىيىدىكى مەلۇم مەكتەپ ۋە ئورۇنلارغا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ نامى بېرىلگەن ئىدى. يېقىندا تۈركىيىدە يەنە مەھمۇد قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ تۈركىي تىللار تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەنگەن. فىلىمنىڭ رېجىسسورى خەندان خانىم" مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىلنى قوغداشتىكى بىر قەھرىمان" دەپ باھا بەرگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس قانداق كۆپىيىۋاتىدۇ؟

خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر رايونىدا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ " ئەڭ ياخشى باسقۇچ"قا كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن يەنە " نۇرغۇن يېزا قىشلاقلاردا بولۇپمۇ، جەنۇبتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان نامرات، چەت رايونلاردا تۇغۇت نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى" دەپ ئېلان قىلغان شۇنىڭدەك يەنە " شىنجاڭ نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى جەھەتتە خىتاي بويىچە ئەڭ تېز ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىرى" دەپ كۆرسەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئۆلچىگەن بولۇپ، ئىچكىرى خىتايدىن كۆچۈپ چىقىپ ماكانلىشىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنى تىلغا ئالمىغان. لېكىن يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قاتتىق بولغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ناھايىتى قاتتىق ئىجرا قىلىنماقتا.

رافتو مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغانلىق خاتىرە يىغىنى رابىيە قادىرنى تىلغا ئالدى

ئۆتكەن ھەپتىدە رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن نورۋىگىيىنىڭ بېرگىن شەھىرىدە، ياۋروپادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، سىياسەت ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن "2004 - يىللىق رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى" دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا 2004 ‏- يىلى رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىش -پائالىيەتلىرى مۇھىم تېما بولغان. رابىيە قادىر خانىم يىغىنغا بارالمىغان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفون ئارقىلىق ئۆز تەبرىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تەبرىكى نەق مەيداندىن ئېكران ئارقىلىق يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا يەتكۈزۈلگەن.

گۇئانتانومودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزى رەت قىلىۋېتىلىش تەلەپ قىلىندى

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ھەپتىدە ئالىي سوتقا يوللىغان باياننامىسىدە گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئادىل ئابلىكىم ۋە ئابابەكرى قاسىم قاتارلىقلارنىڭ دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇرەككەپ مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن "قوشما شىتاتلار ئىمكان قەدەر داۋاگەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان دۆلەت ئىزدەۋاتىدۇ، بىز سوت مەھكىمىسىگە شۇنى كاپالەت بېرىمىزكى، قوشما شىتاتلار داۋاگەرلەرنى گۇئانتانومودا زۆرۈر بولمىغىچە ئۇزۇن تۇتۇپ تۇرمايدۇ" دەپ بىلدۈرگەن. ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا بۇ ئىككى نەپەر داۋاگەر ئۆز ئادۋوكاتلىرى ئارقىلىق ئالىي سوتقا ئەرزى سۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان، ئادۋوكاتلار ئۇلارنى ئامېرىكىدا قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت ئۇلارنى باشقا دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى ئىزدىمەكتە.

خىتايدىكى ئەيدىز 650 مىڭدىن ئاشقان

خىتاي دائىرىلىرى خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنىڭ 2005-يىلىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا 650 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇ ساننىڭ تېخىمۇ زور بولۇشىنى مۆلچەرلىمەكتە.

خىتاينىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا 25 مىڭ كىشى ئەيدىز بىلەن ئۆلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ 15 مىڭى يۈننەن ، گۇئاڭشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا ئىكەن.

ئامېرىكا-خىتاي سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلدى

ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت زۇلىيىك سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي تەرەپ بىلەن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بۇ سۆھبەتلەر ئىككى تەرەپ سودىسىدىكى تالاش-تارتىشلار، ھەربىي تەرەققىيات ئەھۋالى، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتىلغان ئىكەن. زۇلىيىك ئەپەندى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جاباۋ قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقان.

خىتاي رۇسىيىنىڭ ئىرانغا قاراتقان يادرو پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي دائىرىلىرى رۇسىيىنىڭ ئىرانغا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇران تاۋلاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، " بۇ پىلان ئىران يادرو مەسىلىسى تۈپەيلىدىن مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەتنى ياخشىلايدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. ئۆتكەن ھەپتىدە ئىران يادرو پىلانى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار لارىجانى موسكۋانى زىيارەت قىلغاندا رۇسىيە تەرەپ بۇ تەكلىپنى بەرگەن. موسكۋا سەپىرىدىن كېيىن لارىجانى بېيجىڭنى زىيارەت قىلدى.

نۆۋەتتە، رۇسىيە ۋە خىتاي ئامېرىكا باشلىق بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدا ھەل قىلىش تەكلىپىگە ئىزچىل قارشى چىقماقتا. ئىران بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن يېقىن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

خاماس غەلىبە قىلدى

پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا ئىسلامى گۇرۇھ " خاماس " پارلامېنتنىڭ 76 ئورنىنى ئىگىلەش بىلەن رىقابەتچىسى" فاتاھ"نى يېڭىپ، غەلىبىگە ئېرىشتى.

ئۇزۇندىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن رادىكال تەشكىلات دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان " خاماس"نىڭ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق غەلىبىگە ئەرىشىشى دەرھال غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن پەلەستىن -ئىسرائىلىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئاساس بولدى. "خاماس" رەھبەرلىرى پەلەستىن رەھبىرى ماخمۇت ئابباس بىلەن ئۇچرىشىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى ئىپادە قىلىپ مۇنداق دېدى؛ " مەن شۇنى كىشىلەرنىڭ سەمىگە سالماقچىمەن. ئەگەر سىنىڭ ئورنىڭىز ئىسرائىلىيىنى يوقىتىش ئۈچۈن بولسا، سىز تىنچلىقتىكى شېرىك ئەمەس، بىز تىنچلىققا قىزىقىمىز". (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت