ھەپتىلىك خەۋەرلەر (29 - فېۋرالدىن 4 - مارتقىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-03-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى 5 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينى پارىژدا ئېچىشنى قارار قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى 28 - فېۋرالدىن 1 - مارتقا قەدەر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا جەم بولۇپ، ئېچىلغۇسى 5 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينى فرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈش ھەققىدە ئاخىرىقى قارارنى ماقۇللىدى.

مەزكۇر قاراردىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى رادىيومىز زىيارىتىنى بىرلىكتە قوبۇل قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى بىردەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئىتى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن تەشكىلىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رابىيە خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 5 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ ئەھمىيىتى ۋە پارىژدا ئېچىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالدى.

تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار 1960 - يىللاردىكى تۈركىيەگە كۆچۈش تارىخى ھەققىدە توختالدى

رادىيومىزنىڭ 2016 - يىللىق ئاڭلىتىشى ئۈچۈن پىلانلانغان كۆپ قىسىملىق ھۆججەتلىك رادىيو پروگراممىسىنىڭ بىرىنچى قىسمى - تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈش تارىخىغا بېغىشلاندى.

رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ نەق مەيداندىكى زىيارىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن ھەمكارلاشقان قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆز ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ 1961 - يىلى ئانا يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ 1965 - ۋە 1967 - يىلىدا تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىشى ھەققىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى.

ھايات شاھىتلارنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ھىجرەت تارىخى ھەققىدە تەقدىم قىلغان جانلىق ئەسلىمىلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر توپلۇقلىرىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئەھۋالىنى چۈشىنىشتە مۇھىم مەنبە بولماقتا.

ئاقسۇنىڭ ئايكۆل يېزىسىدىكى ناھەق تۇتقۇننىڭ ئىچ يۈزى ئاشكارا بولماقتا

ئىگىلىشىمىزچە، ئاقسۇنىڭ ئايكۆل يېزا پەيشەنبەبازار كەنتىدىكى سىياسىي تۇتقۇنلار ھەققىدە بىر قىسىم يىپ ئۇچلىرى داۋاملىق ئاشكارا بولماقتا.

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئالدىنقى يىلىدىكى «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنىدا مەزكۇر كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق تۇرسۇن مامۇت بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئابلىكىم تۇرسۇن تۈرمىگە تاشلانغان. مەھبۇس تۇرسۇن مامۇت ئۆز قىزى بىلەن نەۋرىسىنىڭ تۇتقۇن جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن تېخىچە خەۋەرسىز ئىكەن.

رادىيومىز بۇ ھەقتە ئاقسۇ ئايكۆلدىكى ساقچىخانىلار ۋە ئاھالىلەردىن ئەھۋال ئىگىلىدى. ساقچى خادىملىرى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئايكۆلدىكى ئاھالىلەر يوقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.

تۈركىيەدە «ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئارخىپلار توپلىمى نەشر قىلىنغان

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوسمانلى سۇلتانلىقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى ئارخىپ ماتېرىياللىرى خەلقئارا ئىلىم ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئوسمانلى سۇلتانلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئاتالىق غازى ياقۇپبەگ قۇرغان قەشقەرىيە دۆلىتى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئوسمانلى سۇلتانلىقى بىلەن بولغان خەلق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىرى تاكى ئوسمانلى سۇلتانلىقى ئاغدۇرۇلغانغا قەدەر داۋاملاشقان.

يېقىندا تۈركىيەدىكى «تۈرك دۇنياسى شەھەرلەر بىرلىكى» تەشكىلاتى ئوسمانلى ئارخىپلىرىدىكى ماتېرىياللار ئاساسىدا «ئوسمانلى ھۆججەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئارخىپلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان.

ئانالىزچىلار، مەزكۇر توپلامنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا مۇھىم مەنبە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

قەشقەر تاشمىلىقتىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلار خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ مېڭىلغان

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 1 - مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ تاشمىلىق يېزىسىدىن 84 نەپەر ئۇيغۇر ياش يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىگە ئەۋەتىلگەن.

تېخى ئۆتكەن ئايدىلا مەكىت ناھىيەسىدىن 300 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەلىك ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۋا لەنچىڭ تەشۋىقات ئارقىلىق دېھقان ئىشلەمچىلەرنى سىرتقا يۆتكەش مىقدارىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش» دېگەن نام ئاستىدا 2004 - يىلىدىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈپ كېلىنگەن بۇ سىياسەت ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل نارازى قىلىپ كەلگەن شۇنداقلا 2009 - يىلدىكى «شاۋگۇەن ۋەقەسى»نى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

ئافغانىستاندا تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

ئۆتكەن يىلىنىڭ فېۋرال ئايلىرىدا ئافغانىستان دائىرىلىرى ئۆز تەۋەلىكىدە سودا - تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان ئون نەچچە ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

ھالبۇكى، ئافغانىستان دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ھازىرغا قەدەر مەلۇمات بەرمىدى.

ئەينى چاغدا ئافغانىستاندا تۇرۇپ بۇ ۋەقەگە شاھىت بولغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر يېقىندا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى ئاشكارا قىلدى.

ئۇلار، ئافغانىستاندا تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنىڭ جەمئىي 24 نەپەر كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر نەپەر ئۇيغۇر قىزنىڭ ساقچىغا پۇل بېرىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

تولۇق بەت