ھەپتىلىك خەۋەرلەر (21-يانۋاردىن 27-يانۋارغىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-01-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن مۇسا مۇھەممەد 17 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن مۇسا مۇھەممەد 17 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 12‏-ئاينىڭ 19-كۈنى 20 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىنى كامبودژادىن قايتۇرۇپ ئەكەتكەن.

شۇنىڭدىن كېيىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەزكۇر 20 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كۆپ قېتىم مەلۇمات تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي بۇنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق يوپۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.

يەرلىك ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، مۇسا مۇھەممەد ئۇچتۇرپاننىڭ ئاقيار يېزا 15-كەنتىدىن. تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى سوت ئېچىپ ئۇنىڭغا 17 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مۇسا مۇھەممەد نۆۋەتتە تۇرپاننىڭ داخىيەن تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىش جىددىي داۋام قىلماقتا

رادىئومىزغا يېقىندا ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىپ تۈزەش ھەرىكىتى» تېخىمۇ جىددىي تۈس ئالغان.

بۇ جەرياندا چېقىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، كەپىلىك ئۆيلەردىن، كونىراق ئىجارىلىك ئۆيلەر ۋە ئائىلىلىك بىنالىرىمۇ چېقىلىشقا باشلىغان.

ئۈرۈمچىدىكى ئات بەيگە مەيدانىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ياش تىجارەتچى، ئۆز مەھەللىسىدىكى سېلىنغىلى ئۇزۇن بولمىغان ئۆيلەرنىڭمۇ بۇ يىللىق چېقىش پىلانىغا كىرگۈزگەنلىكىنى، ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ ئاساسلىقى تىجارەتچى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتايدا دائىرىلىرى 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن چېقىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغلاشقا باشلىغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇردى

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، 2011-يىلى جەريانىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە چېكىنىش كۆرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش» نامىدا ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق رايونلاردا «يۇقىرى چەكتىكى بېسىم سىياسىتى» يۈرگۈزۈشنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىسمىدا، 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل نامايىشى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ھېلىھەم تەسىر كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: ھۆكۈمەت نامايىشتىن كېيىن تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبلىرىنى ئىزاھلىمىدى ياكى تۇتقۇنلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن قاتتىق قىيىن-قىستاق ۋە تەن جازالىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىدى.

دوكلاتتا، 2011-يىلى 18-ئىيۇل خوتەندە يۈز بەرگەن «ناۋاغ ۋەقەسى» 30-، 31-ئىيۇل قەشقەردە يۈز بەرگەن «يېڭى بازار ۋەقەسى» ھەققىدە ئۇچۇرلار بېرىلگەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ۋە تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى ئابلىكىم سەلچۇقنى قوبۇل قىلدى.

1-ئاينىڭ 22-كۈنى قەيسىرى «ئەرجىيەس» مېھمانخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا سېيىت تۈمتۈرك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىغان بىر دوكلاتنى ئەخمەت داۋۇتوغلۇغا تاپشۇرغان ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن. سۆھبەت، 30 مىنۇت داۋاملاشقان.

ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئەخمەت داۋۇتوغلۇغا يېڭىسار تۇمىقى سوۋغات قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ قەيسىرى زىيارىتى جەريانىدا تۇماقنى بېشىدىن ئالمىغان. تۇماق ھەققىدە سورىغان مۇخبىرلارغا «بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ مىللىي تۇمىقى» دەپ جاۋاب بەرگەن.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئالىي سوتقا سۇنغان ئەرزىگە جاۋاب قايتۇردى

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن يىلى پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا چەكلىمە قويغان ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۈستىدىن پاكىستان ئالىي سوتىغا ئەرز سۇنغان. قانۇنىي تەرتىپ بويىچە، يېقىندا مەزكۇر مىنىستىرلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزىگە قارىتا ئالىي سوتقا جاۋاب يوللىغان.

مىنىستىرلىق جاۋابىدا، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ پاكىستانغا قارشى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ ئامېرىكىغا قېچىشنى پىلانلىغانلىقى بايقالغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ چېگرادىن چىقىشىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى بايان قىلغان. مىنىستىرلىق سوتتىن مەزكۇر ئەرزنى بىكار قىلىش بىلەن بىرلىكتە دەۋاگەرلەرنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى ۋە دەۋاگەر ئۆمەرجان بۇ ھەقتە توختىلىپ ئەگەر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزلىرىنى خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن بولسا، بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما، دۆلىتى پاكىستانغا قارشى ئەيىبلىگىنى ئۈچۈن ۋەقەدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ يەنە ئالىي سوتنىڭ ئاخىرى توغرا قارارنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

تۇرپانيۈزى دېھقانلىرى: بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقىمىزنى تەلەپ قىلدۇق

تۇرپانيۈزى دېھقانلىرى خىتايدا بەلگىلەنگەن قانۇن-نىزاملار بويىچە ئەرز قىلىپ، مەلۇم نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى، ئەمما ئاخىرقى مەقسەتكە يەتمىگۈچە ئەرز قىلىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېزىلىق ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ زورى بىلەن، باغ-ۋارانلىرىنى بېيجىڭ «چىڭخۇا شىركىتى» گە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلانغان تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى ئون نەچچە دېھقان، 2009-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.

دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 2 يىلدىن ئارتۇق ئەرز قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە ئەينى چاغدا مەجبۇرىي ھالدا ئەرزان سېتىۋېتىلگەن يەرلىرى ئۈچۈن، يۇقىرىسى ئۈچ يۈز نەچچە مىڭ، تۆۋىنى 90 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا تۆلەم پۇلغا ئېرىشكەن.

دېھقانلار ئۆز بايانلىرىدا، بۈگۈنكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىشىدە خىتايدا بەلگىلەنگەن قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرغاندىن باشقا، يېزىدا يۈز بەرگەن ناھەقچىلىكلەرنى خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئاڭلاتقىنىنىڭ مەلۇم نەتىجە بەرگەنلىكىنى، ئېرىشىشكە تېگىشلىك قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش ئىرادىسىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئوبامادىن شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ئوبامادىن خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى جىددىي مەسىلىلەر قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون، خىتاي ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي «كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلمىسا، بۇ خىتايدا ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجەفىسكى، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئوباما خىتاينىڭ نامۇۋاپىق سودا خاھىشىغا قارشى تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىگە بەرگەن ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدىكى نۇتقىدا خىتاينى بىر نەچچە قېتىم تىلغا ئالدى ۋە خىتاينىڭ نامۇۋاپىق سودا خاھىشىغا قارشى تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوباما ئامېرىكا ئىقتىسادىنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقان ساختا ۋە خەتەرلىك ماللار ھەمدە خەلقئارا سودا پرىنسىپلىرىغا قىلىۋاتقان خىلاپلىقلار ھەققىدە توختالغاندا خىتاينى ئىما قىلدى.

ئوباما يەنە خىتايدا ئوغرىلىقچە سېتىلىۋاتقان ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈك مەھسۇلاتلىرى، خىتايدىن كېلىدىغان ناچار سۈپەتلىك تاۋارلارنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئوباما بۇ خىل ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، خىتايدىن كېلىدىغان ماللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرىدىغانلىقى ھەمدە خىتاينى سودا تەشكىلاتىنىڭ پرىنسىپلىرىغا بويسۇنۇشقا قىستايدىغان تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تولۇق بەت