ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-فېۋرالدىن 21-فېۋرالغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-02-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-فېۋرالدىن 21-فېۋرالغىچە)
ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-فېۋرالدىن 21-فېۋرالغىچە)
Photo: RFA

«قاراقاش ھۆججەتلىرى» ئۇيغۇرلارنىڭ رېياللىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى

مۇشۇ ھەپتە قاراقاش ناھىيەسىدىكى لاگېرلارنىڭ ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن زور ھەجىملىك ئىچكى ماتېرىيال ئاشكارا بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى بىر قاتار يالغانلىرى يەنە بىر قېتىم يەر بىلەن يەكسان بولدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ ئارخىپلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاغزىدىن تەپسىلىي مەلۇماتلار بەردى.

«قاراقاش ھۆججەتلىرى» ئاشكارا بولغاندىن كېيىن دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەس-بەستە بۇ ھەقتە خەۋەر بەردى ھەمدە ھەرساھە كىشىلىرى ئارىسىدا زور بىر غۇلغۇلىغا سەۋەب بولدى.

تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۇقۇۋاتقانلىقى ئەندىشە قوزغىماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدا تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقاندا بۇ ۋىرۇسنىڭ ئاللىقاچان ئۇيغۇرلارغىمۇ يۇقۇشقا باشلىغانلىقى ھەمدە بىر قىسىم بىمارلارنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئەنە شۇنداق ئۇيغۇرلاردىن بىرى غۇلجا ناھىيەسىدىكى پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، 78 ياشلىق پەخرىدىن ئاكا بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قىسىم پەرزەنتلىرىمۇ يۇقۇم سەۋەبىدىن كارانتىن قىلىنماقتا ئىكەن.

تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۆيلەرنى ۋە مەھەللىلەرنى قامال قىلىش نۆۋەتتە ئۆيلىرىدە قامىلىپ قالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنى ئاچلىق ۋە باشقا مۈشكۈلاتلارغا گىرىپتار قىلماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم ب د ت نىڭ مەخسۇس يىغىنلىرىدىن يەر ئالدى

ب د ت نىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە يىغىنىدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇش ئەھۋالى مۇھاكىمە قىلىندى. شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى.

يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن ئامېرىكادىكى ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل ۋە جەۋھەر ئىلھام ئۇيغۇر جەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى زۇلۇملارنى قىسقا ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ تەسۋىرلەپ بەردى.

مۇشۇ ھەپتە د ئۇ ق باشچىلىقىدىكى بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۆمىكى 30 نەچچە دۆلەتنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىشىدىكى خەتەرلەر ھەمدە ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە مەلۇماتلار بەردى.

خىتاي كونسۇلخانىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالدى

تېخى يېقىندا ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ۋىدىيو ئارقىلىق چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئەيىبلەشكە مەجبۇرلىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدىلىكتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغان.

يېقىندا خىتاينىڭ كونسۇلخانا خادىملىرى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئۆمەر ھەمدۇل ۋە جەۋلان شىرمەمەتنىڭ لاگېرغا قامالغان تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى باھانە قىلىپ: «ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭ سىلەر بولغان ئالاقىسىنى ئۈزدى،» دەپ خەۋەر قىلغان.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش ھىيلىسى. ئاللىقاچان ئۇيغۇرلارنى دۈشمەن، دەپ قاراۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش ياكى بەرمەسلىكى ھېچقانداق ئۇيغۇرنى خىتايغا دوست قىلالمايدۇ،» دېدى.

شاھىتلار ئائىلىۋىي پاجىئەلىرى ئارقىلىق خىتاينى لەت قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشىمىغان خەلقئارالىق سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنى قارىلاپ، ئۆزلىرىنىڭ «تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقى» نى داۋراڭ قىلىۋاتقاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىنى كۆپلەپ پاش قىلماقتا.

12-فېۋرال كۈنى ئەنقەرەدىكى بىر قېتىملىق دىپلوماتىيە سورۇنىدا ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن مىركامىل قەشقىرى خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسىگە ئۆزىنىڭ لاگېردا ئۆلگەن تۇغقانلىرىنىڭ رەسىمىنى كۆرسەتكەن ھەمدە ئۇنىڭدىن جاۋاب سورىغان.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن روزىنىسا مەمەتتوختى ئۆز قېرىنداشلىرىنى «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دىن كۆرگەندىن كېيىن بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە غايىب بولغان ئەخمەتجان تالىپ خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەن

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ياشاۋاتقان ئەخمەتجان تالىپ 2018-يىلىنىڭ بېشىدا دۇبەيدىكى بىر ساقچىخانىغا رەسمىيەت ئۆتەشكە بارغاندا قولغا ئېلىنغان. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز ھالدا غايىب بولغان.

ئەخمەتجاننىڭ ھازىر تۈركىيەدىكى ئايالى ئاماننىسا بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، شۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەخمەتجاننى «جىنايەتچى» دەپ جاكارلىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

ئەخمەتجاننى خىتايغا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ «جىنايەت» ئى ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپات كۆرسەتمىگەن. يەنە كېلىپ دۇبەي سوتىنىڭ ئەخمەتجاننى قويۇۋېتىش ھەققىدىكى ھۆكۈمى بولسىمۇ ساقچىلار يەنىلا ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن.

تولۇق بەت