ھەپتىلىك خەۋەرلەر (15-ئىيۇندىن 21-ئىيۇنغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

قەشقەر خۇائەن ساياھەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ئايتۇرسۇن ئېلى لاگېردا جان ئۈزگەن

يېقىندا قەشقەر خۇائەن ساياھەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ئايتۇرسۇن ئېلىنىڭ 2018-يىلى 6-ئايدا لاگېردا ئۆلگەنلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇر تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى دەلىللەندى. 

ئايتۇرسۇننىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر پەقەت ئۇنىڭ يۈز قىسمىنىلا كۆرگەن. ئەمما مېيىتنىڭ بەدەن قىسمىنى كۆرۈشكە يول قويۇلمىغان. شۇنداقلا بارلىق ھازىدارلارنى ئۆيگە سولاپ قويغاندىن كېيىن كادىرلار ۋە ساقچىلار مېيىتنى ئۆزلىرىلا يەرلىككە قويۇۋەتكەن. 

ئايتۇرسۇننىڭ لاگېرغا قامىلىپ بەش كۈن ئىچىدىلا سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتىشى ۋە ساقچىلارنىڭ مېيىتنى ئەل-جامائەتنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇنچە يەرلىككە قويۇۋېتىشى بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن گۇمانلارنى پەيدا قىلماقتا.

پروفېسسور ھەسەنجان ئابدۇللا تۈركىيەدىن قايتىپ لاگېرغا قامالغان

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېزدىن قايتىپ كېلىش ھەققىدىكى تەھدىتلىك بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ 2017-يىلى 4-ئايدا ئىستانبۇلدىن يۇرتى غۇلجىغا قايتقان پروفېسسور ھەسەنجان ئابدۇللانىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ھەسەنجاننىڭ تۈركىيەدىكى ئايالى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ئۇنىڭ 2015-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەدە ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋاتقانلىقىنى، يولدىشىنىڭ 32 يىل زىرائەت ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، ئۇنىڭ 2015-يىلى پېنسىيىگە چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىگە بۇ ھەقتە مەلۇمات يوللاپ، ھەسەنجاننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئىلگىرىلەش بولمىغان.

خوتەن ۋە قەشقەردە كۆپ ساندىكى مەسچىت مۇنارلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

خىتاي دائىرىلىرى «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىڭلىغان مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلىغان ئىدى. يېقىندا چېقىلماي قالغان ئاز ساندىكى مەسچىتلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. 

ئاشكارىلىنىشىچە، خوتەن ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم مەسچىتلەرنىڭ مۇنار بېشى ۋە ئۇنىڭدىكى ھىلال ئاي بەلگىلىرى «ئەسەبىيلىك» كە باغلىنىپ چېقىۋېتىلگەن. 

نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قويۇق دىنىي تۈسكە ئىگە بولغان بارلىق شەكىل ۋە بەلگە-نەقىشلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقلىرى بويىچە مەجبۇرىي يوسۇندا يوقىتىلماقتا ئىكەن.

«دۇنيا قاچقۇنلار كۈنى» دە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار ئەسلەندى

ھەر يىلى 20-ئىيۇن كۈنى «دۇنيا قاچقۇنلار كۈنى» بولۇپ، بۇ يىلقى خاتىرە كۈندە تايلاند تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان 52 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇس يەنە بىر قېتىم ئەسلەندى.

تايلاند تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار بۇ خاتىرە كۈندە رادىئومىز ئارقىلىق دۇنيا جامائىتىگە ئۆزلىرىنىڭ مۇراجىئىتىنى يوللىدى. بۇ مۇراجىئەتنامىدە «ئەي دۇنيا، بىزنى ئۇنتۇپ قالماڭلار! بىزنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىمىز ئۈچۈن ياردەم قىلىڭلار!» دەپ خىتاب قىلىندى. 

يىللاپ مەھبۇسلۇقتا يېتىۋېرىش جەريانىدا بىر قىسىم ئۇيغۇر تۇتقۇنلار قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. چەتئەللەردىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى تايلاندتىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى لاگېرلاردىكى مەجبۇرى ئەمگەكنى توختىشىشقا چاقىردى

يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئادەم سودىسى قىلمىشىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى ھەمدە خىتاينى بۇنىڭدىكى «ئەھۋالى ئەڭ ناچار دۆلەت» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

دوكلاتتا خىتايدىكى ئادەم سودىسى ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلاپ مېڭىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا قامالغان تۇتقۇنلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى تەپسىلىي بايان قىلىندى. 

20-ئىيۇندىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەدە «ياۋروپا ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلدى

15-ۋە 16-ئىيۇن كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «ياۋروپا ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى» غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى مەركەز قىلغان پارات ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى يەنە بىر قېتىم جانلىق نامايان قىلىندى.

مۇسابىقىگە ئالتە دۆلەتتىن كەلگەن يۈزدىن ئارتۇق كوماندا ئەزاسى قاتناشتى. مۇسابىقىدە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر كوماندىسى چېمپىيون بولدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئالاھىدە رول ئوينىغان ۋە كۈچ قوشقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» د ئۇ ق بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، بۇ مۇسابىقىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ۋە يېپىلىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

تولۇق بەت