ھەپتىلىك خەۋەرلەر (9-ئىيۇلدىن 15-ئىيۇلغىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-07-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى دېموكراتىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما 11- ئىيۇل ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلىپ، ئاخباراتنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

2008‏-يىلىدىكى «لخاسا ۋەقەسى» 2009‏-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ۋە بۇ يىل ئىچكى موڭغۇلدا يۈز بەرگەن كرىزىسلارنى تىلغان ئالغان دالاي لاما رادىئونىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولى ھەققىدە توختالدى ۋە مۇنداق دېدى:«ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ بېرلىن تېمىنىڭ يىقىلىشىدا مۇھىم ياردىمى بولغان. ھازىر ئۇچۇر توپلاش بۇرۇنقىدىن كۆپ ئاسانلاشتى. شۇڭا تۈرلۈك چەكلىمىلەر سەۋەبلىك ئۇچۇر ئەركىنلىكى بوغۇلغان خەلقلەرنى تەربىيىلەش ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمىتىڭلارنىڭ پەۋقۇلئاددە زور ياردىمى تېگىدۇ.»

خىتايدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا ئوقۇۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن ھەيدەلگەن

خاڭجۇدا ئوقۇۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىل 4-ۋە 5-ئايلاردا مەكتەپتىن ھەيدەلگەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى«ئۇيغۇربىز» تورى، يۇرتلىرىدا تەتىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىگىلىگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى مەكتەپتىن ھەيدەلگەندە، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇلارنىڭ ھەيدىلىش سەۋەبىنى مەكتەپتىكى باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئۇقتۇرمىغان.

ئوقۇغۇچىلار ئاخىرى، ئىككى نەپەر ساۋاقدىشىنىڭ پەقەت ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى» دەپ جازالانغانلىقىنى ئۇققان.

 ئورال ئالتاي تىللىق قەلەمكەشلەر موڭغۇلىيىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ باردى

ئورال-ئالتاي تىللىرى قەلەمكەشلىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 1-ئىيۇلدىن 8-ئىيۇلغىچە موڭغۇلىيىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتور قاتارلىق بىر قانچە شەھەردە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىن موڭغۇلىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت ئاكادېمىيىسى ۋە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر شۆبىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. تىلشۇناس، يازغۇچى ۋە ئارخېئولوگلاردىن تەركىب تاپقان يىغىن قاتناشقۇچىلىرى، ئىلمىي مۇھاكىمىلەردىن كېيىن، موڭغۇل يايلاقلىرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىي ئىزنالىرىدىن بىلگە قاغان قەبرىگاھى، كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى، قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى پايتەختى قارا بالاساغۇن قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان.

ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى رەئىسى قەيسەر ئۆز ھۇن ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

توققۇزاقلىق 50 ئۇيغۇرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىك ۋەقەسى ئاشكارىلاندى

يېقىندا ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسىدىن 50 نەپەر «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. ۋەقە يۈز بەرگىنىگە 10 يىلدىن ئېشىپ قالغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ بۇ 50 ئۇيغۇرغا ئېلىپ كەلگەن پالاكەتلىرى تېخى ھازىرغىچە تۈگىمىگەن. يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 1998- يىلى خىتاينىڭ توققۇزاق ناھىيىسىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، بۇ 50 ئۇيغۇرنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا 6 ئاي ھەقسىز ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاز دېگەندە 300 مىڭ دوللار پۇل تاپقان.

بۇ ئۇيغۇرلار بولسا، 6 ئاي ھەقسىز ئىشلىگەندىن باشقا، زاكالەت قويغان 15 مىڭ سوم پۇلىنىمۇ زىيان تارتقان. زىيان بۇنىڭ بىلەنلا قالمىغان. ئۇلار سەپەر ئۈستىدە پاكىستاندىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ئەلقائىدەگە باغلىنىپ سوراققا تارتىلغان، سەئۇدى ئەرەبىستان تۇپرىقىغا دەسسىگەنلىكى ئۈچۈن دىنىي رادىكاللىق بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماقلاردىمۇ ياتقان.

ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار ئائىلىسىگە كېلىۋاتقان بېسىملار

ئۇيغۇر ئېلىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەريەمبۈۋى خانىم ۋە ئابدۇسەمەت ئەپەندىلەر ئىككى ئوغلى سىياسىي جىنايەت بىلەن تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن، بۇ ئائىلىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلەر ھەققىدە توختالدى ۋە نۆۋەتتە ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەريەمبۈۋى خانىمنىڭ ئوغۇللىرى گەنسۇ ۋە نىڭشا ئۆلكىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان دىنىي كىتاب ۋە سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى ساتقانلىقى ئۈچۈنلا، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. 2009-يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە بۇلارغا «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» ئارتىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 ۋە 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

مەريەمبۈۋى خانىمنىڭ 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئوغلى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن روھى كېسەلگە گىرىپتار بولغان.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىدا دەرس باشلاندى

ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي رايونلىرىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرى ئېچىلدى. بۇ سىنىپلار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەلىم-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلغان بولۇپ، 4-ئىيۇل رەسمىي دەرس باشلاندى.

ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىلى، دىنىي تەلىم-تەربىيە ۋە ئەخلاق دەرسلىرى ئۆگىتىلىدىكەن.

مەزكۇر سىنىپلارنىڭ مەسئۇلى مۆمىنجان، بۇ سىنىپ ئارقىلىق بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان، ئۆزىنىڭ تىلى ۋە دىنىنى قوغدايدىغان ئاڭ سەۋىيىدە يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر ئېلىدە نامراتلىقنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېقىندا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىلى، قەشقەر، بورتالا ۋە ئالتاي قاتارلىق جايلىرىدا تەكشۈرۈشتە بولغان ۋە ئۇيغۇر رايونىنى مەڭگۈلۈك ئەمىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن مۇساپىنىڭ تېخى ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«خەلق» تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ئۆمەك تەكشۈرۈش ئاخىرىدا تەييارلىغان دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا نامراتلىقنىڭ يەنىلا ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى، ئەگەر ئالاھىدە سىياسەت يۈرگۈزۈلمىگەن تەقدىردە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

جەنۇبىي سۇدان شەنبە كۈنى رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلاپ تۇنجى قېتىم دۆلەت بايرىقىنى چىقاردى

جەنۇبىي سۇدان 9- ئىيۇل رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلاپ تۇنجى قېتىم دۆلەت بايرىقىنى چىقاردى. مىڭلىغان جەنۇبىي سۇدان ئاممىسى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى جەنۇبىي سۇداننىڭ پايتەختى جۇبادا بايرام تەنتەنىسىگە جور بولدى.

جەنۇبىي سۇداندىكى قارا تەنلىك قەبىلىلەر ئۆتكەن 50 يىلدا شىمالىي سۇداندىكى ئەرەبلەرنى ئاساس قىلغان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن ئىككى قېتىم ئىچكى ئۇرۇش قىلغان. ب د ت 13- ئىيۇل قارار چىقىرىپ جەنۇبىي سۇداننىڭ ئەزالىقىنى قوبۇل قىلدى ۋە جەنۇبىي سۇداننىڭ بايرىقىنى ب ت د باش شتابىدا چىقاردى.

تولۇق بەت