ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5-ئۆكتەبىردىن 11-ئۆكتەبىرگىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-10-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5-ئۆكتەبىردىن 11-ئۆكتەبىرگىچە)
ھەپتىلىك خەۋەرلەر (5-ئۆكتەبىردىن 11-ئۆكتەبىرگىچە)
Photo: RFA

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا چېتىلغان خىتاي مۇئەسسەلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

ترامپ ھۆكۈمىتى 7-ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىي قارار چىقىرىپ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا چېتىشلىق خىتاي مۇئەسسەلىرىدىن 28 ئورۇننى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

بۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئورۇنلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى (ج خ) ئىدارىلىرى، بىر قىسىم سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئامېرىكادىن مەھسۇلات سېتىۋېلىشى ھەمدە مەھسۇلات سېتىشى مەنئى قىلىندى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمغا شېرىك ئەمەلدارلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويغان بولۇپ، بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن «قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىلھام توختى «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ئاخىرقى تۆت نامزاتىنىڭ بىرى بولدى

ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ ئاخىرقى تۆت نامزاتىنىڭ بىرى قىلىپ تاللىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرنەچچە قېتىم مەزكۇر مۇكاپاتقا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ ئاخىرقى تاللاش باسقۇچىغا كىرمىگەن ئىكەن.

ئىلھام توختىنى مەزكۇر مۇكاپاتقا تەۋسىيە قىلىۋاتقان كىشىلەر بۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلنىڭ قاتناش بېكەتلىرىدە پەيدا بولغان خىتايچە خەتلەر غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر ئىنكاسى يېقىندىن بۇيان ئىستانبۇلدىكى قاتناش بېكەتلىرىدە خىتايچە خەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئورۇن ئېلىشىدا ئەكس ئەتتى.

ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۈركىيەدىكى پۇقراۋىي تەشكىلاتلارنىڭ باشلامچىلىقىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق رەسىملىرى ۋە «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» دېگەندەك شوئار تېكىستلىرى خىتايچە خەتلەرنىڭ ئۈستىگە كۆپلەپ چاپلاندى.

ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن يېقىندا قاتناش بېكەتلىرىدىكى خىتايچە خەتلەر بىردەك ئېلىپ تاشلاندى.

چەتئەل ئاخباراتىدا ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلار زور قىزىقىش قوزغىدى

بۇ يىل سېنتەبىردە ئۇيغۇرلار دىيارىدا زىيارەتتە بولغان ئەنگلىيەلىك دوكتور ئاسپىرانت خاننا بۇردۇف يېقىندا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆرگەنلىرىنى ئورتاقلاشتى. شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ساقچى دۆلىتى» بەرپا قىلىشىدىكى بەزى ئۆزگىچە تەدبىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئامېرىكادىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن NBC ۋە FOX تېلېۋىزىيەلىرىمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ لاگېر زىيارىتى ھەققىدە ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىملەرنى تارقىتىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى جانلىق سۈرەتلەپ بەردى.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مۇھىم پروگراممىلار قاتارىدا ئورۇن ئېلىشى دۇنيا جامائىتىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا زور ئىجابىي قىممەتكە ئىگە،» دېدى.

غۇلجادىكى لاگېر تۇتقۇنلىرى سوتسىزلا قاماققا ھۆكۈم قىلىنماقتا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ «جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كېلىشى» ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا لاگېردىكى مەھبۇسلارنىڭ ئەمەلىيەتتە سوتسىزلا قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

يېقىندا بىر قىسىم ئاڭلىغۇچىلىرىمىز ئۇچۇر يوللاپ، غۇلجادىكى لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق سوت تەرتىۋىدىن ئۆتمەستىنلا قاماققا يوللىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا ھەتتا قاماق ھۆكۈمنامىسىمۇ بېرىلمەيۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا بۇنىڭ راست ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

غۇلجادىكى «تاكسىم سودا سارىيى» نىڭ خوجايىنى ئەنۋەر تۇرسۇن يېقىندا سوتقا چىققاندا كىشىلەر ئۇنى «ئاز ساندىكى ‹تەلەيلىك› تۇتقۇنلارنىڭ بىرى،» دېگەنلىكى مەلۇم.

لاگېرلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى چېگرادا تۇتۇپ قېلىندى

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئەمگەكلەرگە چېتىشلىق بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنى چېگرادا تۇتۇپ قالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكادىكى داڭلىق توپ سېتىش زەنجىرسىمان دۇكانلىرىدىن «كوسكو» (Costco)شىركىتى يېقىندا خىتايدىكى «تەيدا» شىركىتىدىن زور تۈركۈمدە بالىلار كىيىمى سېتىۋالغان. ئەمما بۇ كىيىملەر ئامېرىكا چېگراسىغا كەلگەندە بۇنىڭ خوتەندىكى لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ ئەمگىكى بەدىلىگە پۈتكەنلىكى مەلۇم بولغانلىقتىن، ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرى بۇ ماللارنى توسۇپ قالغان.

ئامېرىكادىكى مۇناسىۋەتلىك ئەمگەك مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇ خىل سودىنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە ئەمگەك قانۇنلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تولۇق بەت