ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 13 - دېكابىردىن 19 - دېكابىرغىچە)

ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2008-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىغا 10 يىل توشتى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندىن تارقىتىلىۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىئو دولقۇنلىرىدا ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش باشلانغانلىقىغا بۇ يىل ساق 10 يىل توشتى. ئۇيغۇر بۆلۈمى مەزكۇر 10 يىل جەريانىدا يوقلۇقتىن بار بولۇش ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىش مۇساپىلىرىنى باشتىن كەچۈردى.

17 - دېكابىر كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا رادىئو رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر بۆلۈم خادىملىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر قاتناشتى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 10 يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە پروگراممىلىرى 1998 - يىلى 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى رەسمىي ئاڭلىتىلىشقا باشلانغان ئىدى.

قەشقەردە ئىككى ئۇيغۇر ياش ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

17 - دېكابىر كۈنى، خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدىكى سەمەن يولى ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن قۇربانجان ھىمىت ۋە ئابدۇراخمان ئازاد ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىك خەۋىرىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قەشقەر ئوتتۇرا سوت بۇ ھۆكۈمنى چىقارغان بولۇپ، مەزكۇر ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 4 - ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، 17 نەپەر چېگرا مۇداپىئە ساقچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن.

بىراق خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ سوت توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە سوت قارارىنىڭ قايسى كۈنى ئېلان قىلىنغانلىقى، سوتنىڭ تەپسىلىي جەريانى، ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمگە قايتۇرغان ئىنكاسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سوتنىڭ تەپسىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر چۈشەندۈرۈلمىگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋاشىنگىتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلدى.

ياۋروپا پارلامېنتىدا خۇجيانى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ياۋروپا پارلامېنتنىڭ ئەڭ يۇقىرى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى - ساخاروف مۇكاپاتىنى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جياغا تاپشۇرۇش مۇراسىمى، 17 - دېكابىر كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ستىراسبۇرگدىكى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بىراق خۇ جيا مەزكۇر مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغان.

بېيجىڭ دائىرىلىرى بولسا خۇ جيانىڭ ئايالىنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمىغان بولۇپ، مۇراسىم جەريانىدا خۇجيانىڭ ئايالىنىڭ سىنئالغۇغا ئېلىپ ئەۋەتكەن تەشەككۇر سۆزى مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىغا ئاڭلىتىلغان.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتىنى خۇ جياغا بەرگەنلىكىگە خىتاي ھۆكۈمىتى نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

"رابىيە قادىر ھەققىدە داستان" ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى

"رابىيە قادىر ھەققىدە داستان" ماۋزۇلۇق كىتاب مەركىزى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى " ئازادلىق" نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

بۇ كىتاب گېرمانىيىلىك يازغۇچى ئالېكساندىرا خانىمنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمھالىغا بېغىشلاپ يازغان "كۆكنى زىلزىلىگە سالغان ئايال" ماۋزۇلۇق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولۇپ، تەرجىمە قىلغۇچى ئابدۇرېھىمجان ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىنى تەييارلاش جەريانىدا، يەنە ئۆزىنىڭ چۈشەنچىلىرى ۋە بايانلىرىنىمۇ بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان.

"رابىيە قادىر ھەققىدە داستان" نىڭ نەشىردىن چىقىشى كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنى رابىيە خانىمنىڭ تەرجىمىھالى ۋە پائالىيەتلىرى بىلەن تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپات بولغانلىقىغا 13 يىل بولدى

12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى 20 - ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ۋاپاتىنىڭ 13 - يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. ئەيسا يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىنىڭ 13 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر خىل شەكىلدە ئەسلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

ئەيسا ئەپەندى قەشقەر يېڭىساردا تۇغۇلغان بولۇپ، ياش ۋاقىتلىرىدا ئەنجاندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن، كېيىن نەنجىڭغا قايتىپ، نەنجىڭدا تۇرغان ھەمدە 30 - 40 - يىللاردا مەسۇد سابىرى ئەپەندى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەپەندى قاتارلىقلار بىلەن نەنجىڭ، چوڭچىڭ ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

1949 - يىلى ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، تۈركىيىگە كېلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان سىياسىي پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلغان ئىدى.

شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش گەۋدە قۇرۇشنى خالايدۇ

15 - دېكابىر كۈنى، 10 دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشايدىغان بىر ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي گەۋدە قۇرۇپ چىقىش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتاغا يىغىلىپ يىغىن ئاچتى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بىرلىكى ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادىي ۋە بازار ئىگىلىكىنى ئاساسىي ھەمكارلىق نۇقتىسى قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر خۇددى ياۋروپا ئىتتىپاقىدەك شەكىلدىكى گەۋدىگە ئايلىنىشى ھازىرچە قىيىن ئىكەن.

"شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكى" 2007 - يىلى نويابىردا ئۆز بىرلىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئىمزالاپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك يىغىلىش مەزكۇر ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

تولۇق بەت