ھەپتىلىك خەۋەرلەر (8-14 ئاپرېل)

2006-04-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدە ھاۋارايىدىكى نورمالسىزلىق ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى

ئۇيغۇر ئېلىدە سىبىرىيىنىڭ سوغۇق ئېقىمى تۈپەيلى پەيدا بولغان بىنورمال ھاۋا كېلىماتى داۋام قىلماقتا.

تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 9 - ئاپرىلدىن 10 - ئاپرىلغىچە داۋام قىلغان 12 باللىق قاتتىق قۇم‏ - بوراندا تۇرپان تەۋەسىدە 34 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىلىك، 139 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان. بىۋاستە كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 12 مىليون يۈئەندىن ئاشقان.

ھۆسەيىنجان قارىمنى قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى قانات يايماقتا

ھۆسەيىنجان قارىمنىڭ ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغاندىن كېيىن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار جۈملىدىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم كانادانىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسىگە خەت يېزىپ، ئۇيغۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، ئەگەر ھۆسەينجان قارىم ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇنىڭ قانداق دەھشەتلىك بىر ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق كانادا باش ئەلچىسىگە ، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق كانادا باش ئەلچىسىگە شۇنىڭدەك خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا مۇراجەت قىلىپ، ئۇلاردىن ھۆسەيىنجان قارىمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بولۇپمۇ مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارمۇ ھۆسەيىنجان قارىمنىڭ مەسىلىسىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلۆۋاتىدۇ. ھۈسەيىنجان قارىمنى قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا كانادا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتى ئالاھىدە كۈچ چىقارماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، موسكۋادىكى كانادا ئەلچىخانىسىنىڭ بىر كونسۇل دەرىجىلىك خادىمى تاشكەنتكە كېلىپ، ھۆسەيىنجان قارىم ۋە ئۇنىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشكەن ئىكەن.

گۇئانتانومودىكى ئۇيغۇرلارنى گېرمانىيىنىڭ ئېلىشى ھەققىدە سۆھبەتلەر مەۋجۇت.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گۇئانتانومو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى گېرمانىيىنىڭ قوبۇل قىلىشى مەسىلىسى ھەققىدە ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن گېرمانىيە دائىرىلىرى ئارىسىدا سۆھبەتلەر بولغان. گېرمانىيە باش مىنىستىرى گۇئانتانومو تۈرمىسىنى تاقاش تەرەپدارى بولۇپ، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى گېرمانىيىگە قوبۇل قىلىش تەكلىپىگە بىر قىسىم گېرمان سىياسەتچىلىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە دەخلى يېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قارشى چىققان.

خىتايدا بۇددىزم قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

خىتاينىڭ خۇئاڭجو شەھىرىدە دۇنيا بۇددىزم يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا دۇنيادىكى ئاتاقلىق بۇددىزم رەھبەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان دالاي لاما قاتناشتۇرۇلمىغان. بۇ يىغىندا بەنچەن لاما ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىنى مەدھىيىلەيدىغان سۆزلەرنى قىلغان.

خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلتىيىنىڭ قويۇق تەشۋىقات تۈسىنى ئالغانلىقىنى، خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلاش ھارپىسىدا مەزكۇر قۇرۇلتاينى ئېچىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دىنىي سىياسىتى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىنى ، ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىكنىڭ قاتتىق بوغۇلۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.

خىتاينىڭ شەنتو شەھىرىدە ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ گۇئاڭدۇڭ ئۆلكىسى شەنتو شەھىرىدىكى بومېي كەنتىدە چارشەنبە كۈنى 3000 دەك ساقچى بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر ئايال كەنت پۇقراسى ساقچىلار ئاتقان ياش ئاققۇزۇش بومبىسىدا يارىلىنىپ ئۆلگەن. ئاز دېگەندە 10 كىشى يارىلانغان. تەخمىنەن تۆت مىڭدەك كەنت پۇقراسى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىر جۈپ قوۋۇقنى چېقىۋەتمەكچى بولغانلىقىغا قارشى چىققاندىن كېيىن ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. ساقچىلار نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ چاچقان.

«دىئالوگ فوندى جەمىيىتى» خىتايدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى

1999-يىلى قۇرۇلغان ئامېرىكىدىكى دىئالوگ فوندى جەمىيىتى خىتايدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەر مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1980‏- يىلى جىنايى ئىشلار قانۇنىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، 2000 غا يېقىن سىياسىي دېلونى بىر تەرەپ قىلىپ، بۇنىڭغا چېتىلغان 4200 دىن كۆپ كىشىنى قولغا ئالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا مەزكۇر تەشكىلات نۆۋەتتە تۈرمىدە يېتىۋاتقان 250 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ ئىسىم تىزىملىكىنى قولغا چۈشۈرگەن. ئۇلار ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئېلىشقا تىرىشماقتا.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى فېڭ سوڭدا خىتاينىڭ سىياسىي جىنايەتچى دېگەن ئاتالغۇسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:.

"بۇرۇن ئەكسىلىنقىلابچى' دېگەن نام بار ئىدى.كېيىن بۇمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ھەقىقەتەن ئەكسىلىنقىلابچىلىققا چېتىلغان دېلولار بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇنى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا كىرگۈزدى. خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان ياكى ئۇرۇنغان، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان ھەتتا ئىشپيونلۇق قىلغان دېگەنلەرمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي تېخى سىياسىي مەھبۇسلارنى لۈكچەكلىك، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە پاھىشىۋازلىققا ئوخشاش بىمەنە بۆھتانلار بىلەنمۇ ئەيىبلەيدۇ".

خىتاي ئامېرىكىدىن 80 دانە بويىڭ ئايرۇپىلانى سېتىۋېلىشقا كېلىشتى

خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىن 80 دانە بويىڭ ئايرۇپىلانى سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كېلىشىم سەيشەنبە كۈنىدىكى 17‏- نۆۋەتلىك خىتاي-ئامېرىكا سودا بىرلەشمە كومىتېتى يىغىنىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىن ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا سودا مىنىستىرى كارلوس گۇتېرىز ۋە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يى قاتارلىقلار قاتناشقان.

ئامېرىكىنىڭ بويىڭ شىركىتى بۇ يىل ئىچىدە خىتايغا سېتىپ بېرىدىغان ئايرۇپىلان سانىنى 120 گە يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. خىتاي ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىغا بولغان مۇنداق زور ئېھتىياجىنى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلاش ھارپىسىغا توغرىلىدى.

رىچارد باۋچېر قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىچارد باۋچېر 12-ئاپرېل كۈنى بېشكەكنى زىيارەت قىلىپ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف بىلەن ئامېرىكا - قىرغىز مۇناسىۋىتى ۋە قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ئىسلاھات مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

رىچارد باۋچېر، قىرغىز - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدىن باشقا يەنە دېموكراتىك ئىسلاھات مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، " قىرغىزىستاننىڭ كۈچىنى جەنۇبتىكى دۆلەتلەرگە ئۆلگە قىلىشنىڭ يېڭى ئىدىيە ۋە مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز " دېدى.

باۋچېر ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىيەتنى تىلغا ئېلىپ،" بىز بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز خەلقىغە بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىنى قوللىيالمايمىز " دېدى.

كاراچىدىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 57 گە يەتكەن

پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە 12-ئاپرېل كۈنى پارتلاش يۈز بېرىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 57 گە يەتتى. شۇنداقلا بۇ ۋەقەدە يەنە 100 نەچچە كىشى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.

بۇ ۋەقە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرىدىكى پارتلاش ۋەقەسى بولۇپ، ئۆزىگە پارتلاتقۇچ بومبىلارنى تاڭغان ئىككى نەپەر كىشى ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەۋاتقان نەچچە مىڭ سۈننىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ بومبىنى پارتلاتقان. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت