مونترېئال تەتقىقات ئورنى: «خىتاي ھەقىقەتنى ‹كارانتىن› غا ئالالمايدۇ»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خەلق ئاممىسى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ھەققىدە تۇنجى قېتىم جامائەتنى ئاگاھلاندۇرغان ۋۇخەن مەركىزى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى لى ۋېنلياڭغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ سۈرىتىنىڭ ئەتراپىغا تىزغان گۈللەر. 2020-يىلى 7-فېۋرال، ۋۇخەن.
خەلق ئاممىسى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ھەققىدە تۇنجى قېتىم جامائەتنى ئاگاھلاندۇرغان ۋۇخەن مەركىزى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى لى ۋېنلياڭغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ سۈرىتىنىڭ ئەتراپىغا تىزغان گۈللەر. 2020-يىلى 7-فېۋرال، ۋۇخەن.
REUTERS

9-ماي كانادا مونترېئال ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات ئورنى، رائۇل ۋالېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى، ئەركىنلىك سارىيى، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى، خىتاي رەقەملىك ۋاقىت گېزىتى، جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە يىغىنى، ئۇيغۇر ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەشەببۇس قىلىش تۈرى، كانادا تىبەت كومىتېتى، خىتايدىكى ئورگان كۆچۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇش خەلقئارا بىرلەشمىسى، دېموكراتىك خىتاي فېدېراتسىيەسى، خوڭكوڭ كۆزىتىش تەشكىلاتى، ماكدونالد-لاۋئېر ئىنستىتۇتى قاتارلىق 12 ئورۇن بېرلىشىپ كارانتىن مەزگىلىدە خىتاينىڭ ۋىرۇسقا مەسئۇل بولۇشى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىندا ئاساسلىقى خىتاينىڭ «ھەقىقەتنى كارانتىن قىلىش» قا ئۇرۇنۇشى ۋە مۇخبىرلارغا قارىتىلغان تەھدىتنى كۈچەيتىشى؛ خىتاينىڭ سىياسىي مەھبۇسلارغا ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن بېسىم سىياسىتى؛ كورونا ۋىرۇسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ يوللىرىنى ئېنىقلاش قاتارلىق ئۈچ تېما مۇھاكىمە قىلىندى.

ئامېرىكادىكى ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى سارا كۇك خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى مەزگىلىدە تېببىي تەكشۈرۈش باھانىسىدە ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكۇڭ قاتارلىق رايونلارغا بولغان كونتروللۇقنى ۋە يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزنىڭ بىلگىنىدەك، خىتاي يىللاردىن بىرى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان خىتايدا تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى كۈنسايىن كۈچەيتتى. كورونا ۋىرۇسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇ قاتتىق كونترول قىلدى. ئادالەت تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا بولغان باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس. بىزنىڭ ئېنىق بىلىدىغىنىمىز 24 ياشلىق ئۇيغۇر پۇتبولچى خىتاينىڭ ئالاقىلىشىش قورالى بولغان ‹ئۈندىدار› ئارقىلىق چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكى ئۈچۈن يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولاندى.»

مۇھاكىمە يىغىنى خىتاينىڭ كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا يامراپ كېتىشىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا داۋام قىلدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ۋە «يەھۇدىي قەتلىئامى مۇزېيى» قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى نائومى كىكولېر خانىم خىتاينىڭ 21-ئەسىردە قۇرۇپ چىققان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى قىلىنغان جىنايەت» دەپ ئاتىدى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينىڭ دىنىي زاتلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىبلەيدۇ. ئامېرىكا ۋە دۇنيانى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىك چەكلىمىسىگە سەل قارىماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ. مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا جورجى ئورۋېلنىڭ رومانىدىكى ھەممىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان سىستېما قۇرۇلدى ۋە يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ. بۇرۇن فالۈنگوڭچىلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئېلىۋالغان بولسا، ھازىر لاگېرلاردىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئورگانلىرى ئېلىنىۋاتىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بىۋاسىتە خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مىسلىسىز ۋەھشىيلىكى داۋام قىلىۋاتىدۇ.»

نائومى كىكولېر خانىم نۇرى ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كىيىن خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتى بەدىلىگە خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى قىلغان جىنايىتىگە گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «قولىمىزدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن ۋەھشىيانە سىياسەتلىرىنىڭ نۇرغۇن ئىسپاتلىرى بار. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە چەتئەلگە قېچىپ چىققان نۇرغۇنلىغان جاسارەتلىك شاھىتلار گۇۋاھلىق بەردى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، تۇتقۇن قېلىنغانلار ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان غەلىتە سەۋەبلەر بىلەن جازالانغان ئىكەن. خىتاينىڭ رەسمىي تور بەتلىرىدىمۇ تىلغا ئالغان جىنايەتلەر شۇنداق كۈلكىلىك. ئۇلار پەقەت دىنىي ئېتىقادى سەۋەپلىكلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئېتنىك تەۋەلىكى تۈپەيلىدىنمۇ لاگېرلارغا سولانغان ئىكەن.»

نۇرى تۈركەل ئەپەندى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىدىغان نۇرغۇن ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىرى «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلغان 400 نەچچە بەتلىك «قەتئىي رەھىم قىلماسلىق كېرەك» سەرلەۋھىلىك ھۆججەتلەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى: «بەلكىم ھەممىڭلار 400 نەچچە بەتلىك ‹شىنجاڭ دوكلاتى› نى بىلىشىڭلار مۇمكىن. ئۇ دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قانداق قۇرۇپ چىققانلىقىغا دائىر قورقۇنچلۇق تەپسىلاتلار بار. بۇ دوكلات نامەلۇم بىر ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ خىتاينىڭ ئېغىر بېسىمىغا چىدىماي ئاشكارىلىغان ھۆججەتلەردۇر. شى جىنپىڭ ۋە باشقا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى پىلانلىغان ئەمەلدارلار بۇ جىنايەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.»

نائومى كىكولېر خانىم ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى قىلغان بۇ جىنايىتىنى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىغا سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. كۈنىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە جىددىي قارىشىمىز كېرەك. خىتاي بۇ رەزىل سىياسىتىنى توختاتمايۋاتىدۇ. بىز خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇندىكى جازاسىنى ئىجرا قىلدۇرۇشقا كۈچەيمىز. يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، ئاجىز مىللەتلەرنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئۇ يەنە «يەھۇدىي قەتلىئامى مۇزېيى» قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۇ خىل مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ خىتايغا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان دۆلەتلەرگە قىلغان مۇئامىلىسىنى قىلىشىنى، سودا ئالاقىسىدە قايتا ئويلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ پەقەت ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قىممەت قارىشى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسى. ئەگەر ھازىر بۇ جىنايەت توختىتىلمىسا، كەلگۈسىدە بۇنىڭدىنمۇ زور جىنايەتلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن.»

مۇنازىرىگە ئاۋسترالىيە، كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار نەق مەيداندىن قاتناشقان بولۇپ، سۆھبەت كۆزنىكىگە كورۇنا ۋىرۇسىغا خىتاينىڭ مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكى، 21-ئەسىر ئىنسانىيەت تارىخىدىكى داغ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان لاگېرلارنىڭ چوقۇم تاقىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئورتاق پىكىردە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت