ئۇيغۇر رايونىدا خىتايلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانا - خۇالىڭ سودا-سانائەت گۇرۇھى باي ناھىيەسىدە چوڭ كۆلەملىك چارۋىچىلىق فېرمىسى قۇرۇشقا باشلىغان.
«خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ-1 ئۆكتەبىر خەۋىرىدە كۈرسىتىشىچە، شۇ كۈنى سايرام بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ فېرمىنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمدا باي ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى پېڭ گاڭ سۆزلەپ: «خۇالىڭ گۇرۇھىنىڭ 4 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان چوڭ تىپتىكى چارۋىچىلىق مۇرەككەپ تۈرى، باي ناھىيەسىدىكى دېھقانچىلىقنى سانائەتلەشتۈرۈش تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش. بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، بېقىلىدىغان گۆش كالىسى 60 مىڭ تۇياقتىن كەم بولمايدۇ. ھەمدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنى يېقىن ئەتراپتا خىزمەت تېپىشقا يېتەكلەيدۇ،» دېگەن.
باي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى پېڭ گاڭ، خۇالىڭ گۇرۇھى ۋە باي ناھىيەسى ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ھەمكارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ سۆزلىرى خۇالىڭ گۇرۇھىنىڭ بۇ ناھىيەدىكى كالا فېرمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئارقىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ زور قوللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.
باي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى پېڭ گاڭ يەنە: «بىز ھەمىشە مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدىغا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېگەن. ئۇ يەنە «كارخانىلارنى ئەڭ ياخشى سۇپا، ئەڭ ياخشى مۇھىت ۋە ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز،» دەپ تەكىتلىگەن.
خۇلىڭ گورۇھىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ جۈن مۇراسىمىدا مۇنداق دېگەن: «خۇلىڭ گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش، نامراتلارنى كىرىم مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ بايلىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. نىشانىمىز شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق پايدىسىنى ئىگىلەش ۋە چارۋىچىلىق سىياسىتىنىڭ پايدىسىنى يۇقىرى سۈپەت بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتۇر.»
بۇنىڭغا دائىر مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە گەرچە بۇ قۇرۇلۇشىغا خۇالىڭ گۇرۇھى مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، ئەمما باي ناھىيەسى يەر ۋە قاتتىق-يۇمشاق ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكى، باي ناھىيەسىنىڭ كوپېراتىپ ئارقىلىق مال مەنبەسىگە، يەرلىك دېھقانلار ئارقىلىق بۇ قۇرۇلۇشقا ئەمگەك كۈچى تەمىنلەيدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
سايرام بازىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە باقمىچىلىقى ھەققىدىكى ئاشكارا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر بىر دېھقان ئائىلىسىدە دېگۈدەك كالا بېقىلىپ كەلگەن. كالىلار ساپ نەسىللىك سورتلۇق كالىلار بولغاچقا سۈت قايمىقى ئەلۋەك ئىكەن. يەرلىك قېتىق بولسا سايرامنىڭ داڭلىق يەرلىك مەھسۇلاتى ئىكەن. ئەمما خۇالىڭ گۇرۇھىنىڭ بۇ جايغا فېرما قۇرۇشقا مەبلەغ سېلىشتا خام ئەشيا ياكى ئەمگەك كۈچى ئەۋزەل شارائىتلىرىنى كۈزدە تۇتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان، پەقەت ئۇنى دېھقانلارغا ئىش پۇرسىتى ۋە پۇل تېپىش پۇرسىتى يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش دەپ تەشۋىق قىلىنغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، باي ناھىيەسىدىكى كالا فېرمىسى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش ۋاقتى بەش يىل ئىچىدە (2020-2025) ئىككى باسقۇچتا تاماملىنىدىكەن. بىرىنچى باسقۇچنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىتى 2020-2022-يىللىرى پۈتىدىكەن. بۇ جەرياندا 500 تۇياق بۇقا بېقىش پونكىتى، 2000 ئەلا سۈپەتلىك كالىلارنى تاللاش مەركىزى، 20 مىڭ كالا بورداش مەيدانى قۇرىدىكەن.
ئىككىنچى باسقۇچنىڭ قۇرۇلۇش ۋاقتى 2023-يىلدىن 2025-يىلغىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. كالا كالا بېقىش كۆلىمى 60 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىكەن. «بېقىش، ساقلاش ۋە سېتىش» بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تۈرلەر يولغا قويۇلۇپ، كەلگۈسىدە يەنە 300 مىڭ مو يەم-خەشەك تېرىش بازىسىنى بەرپا قىلىدىكەن.
بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بىز سايرام بازارلىق ھۆكۈمەت قاتارلىق مەمۇرىي ئورگانلار بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونىمىز ئېلىنمىدى. ئەمما سايرام بازارلىق دېھقانلار باقمىچىلىق كوپېراتىپىغا قىلغان تېلېفونىمىزغا كالىلارغا قاراۋاتقان بىر دېھقان بوۋاي ئېھتىيات بىلەن جاۋاب بەردى.
بۇ دېھقان كوپېراتىپتىكى كالىلارنىڭ سانىنى دېيىشنى خالىمىغان بولسىمۇ، كالىلارنىڭ دېھقانلار قولىدىن بازار نەرقىدىن تۆۋەن ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خۇالىڭ گۇرۇھى بۇ كالىلارنى بوسنىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىدىكەن. ئەمما خۇالىڭ ئۈچۈن كوپېراتىپتا كالا بېقىۋاتقان بۇ بوۋاي ۋە ئوغلى كۈنىگە ئاران 7-8 يۈەندىن ئىش ھەققى ئالالايدىكەن.
بۇ دېھقان بوۋاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ فېرمىدا يەرلىك دېھقانلارنى ئىشلىتىدىكەن. بىز ئۇنىڭدىن: «ئۇنداقتا، تەربىيەلەشتىن چىققان بالىلارمۇ ئىشلەمدۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئىنتايىن جىددىي ھالد: «مۇشۇنداق سوئالنى سورىمىسىلا بولاتتى، ئادەم بولسىلا ھەممىسى ئىشلەيدۇ،» دىيىشىگىلا تېلېفون يەنە ئۈزۈلۈپ قالدى ۋە كىيىن قايتا ئۇلانمىدى.
خۇالىڭ گۇرۇھىنىڭ بۇ خىلدىكى چارۋىچىلىق مەيدانى قۇرۇش ئىشى جىڭ ناھىيەسىدە باشلانغاندىن كېيىن، داۋاملىق كېڭىيىپ چۆچەك، ئالتاي، خوتەن، ئىلى ۋە باشقا ۋىلايەتلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان.
خۇلىڭ چارۋىچىلىق مەيدانى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى كالا گۆشى سانائىتى توپى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرسىمان مەشغۇلات ئەندىزىسىنى قوللانغان ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە يېزا كەنتلەردە باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپلىرى قۇرۇلۇپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان. ئىلگىرى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى» دېگەن خەۋەرلەر ھەققىدىكى ئېنقلاشلىرىمىزدىن ھەر قايسى يېزا-كەنت ياكى لاگېردىكىلەرنىڭ خىتايلار قۇرغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باقمىچىلىق مەيدانلىرى ۋە كارخانىلاردا ئەرزان ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلەۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ كۈچلۈك سودا سانائەت گۇرۇھىنىڭ بىرى بولغان خۇالىڭ گۇرۇھى باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرىدا 4 يېرىم مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بۇ كەڭ كۆلەملىك چارۋىچىلىق فېرمىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشسە، 10 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، بۇ كالا فېرمىسىمۇ ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر دېقانلارنى «قۇل ئەمگىكى» گە سېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى ئېنقلاشلىرىمىز ھەققىدەكېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.