ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنۇتمايمىز» ناملىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-05-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيەدىكى IHH (ئى ھا ھا) ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 4-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 20:00 دە تىۋىتتېر، فېيسبۇك، ئىنستىگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنۇتمايمىز» ناملىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ ھەقتە IHH نىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق دېيىلدى: «خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىغا ۋە قىيىن-قىستاقلىرىغا ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن تۈرك خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاۋازىمىزنى ياڭرىتىمىز.»

IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا تۈركچە، ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچە بولۇپ ئۈچ تىلدا ئايرىم-ئايرىم ھېساب ئېچىلغان بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنتۇما» ناملىق پائالىيەت ئۈچ تىلدىكى پۈتكۈل تىۋىتتېر ھېسابلىرىدا ئوخشاش ۋاقىتتا باشلانغان ئىدى. IHH نىڭ تىۋىتتېردىكى تۈركچە ھېسابىدا 388 مىڭ 500 ئەگەشكۈچى، ئىنگلىزچە ھېسابىدا 28 مىڭ، ئەرەبچە ھېسابىدا 45 مىڭ 100 ئەگەشكۈچى بار ئىكەن. «شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنتۇما» ناملىق تەشۋىقات ۋاراقلىرى IHH ئىنسانىي ياردەم فوندىنىڭ فېيسبوك سەھىپىسىدىمۇ تارقىتىلغان بولۇپ، بۇ سەھىپىنىڭ 817 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار ئىكەن.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى مۇرات يىلماز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مۇرات يىلماز ئەپەندى بۇ مۇنداق دېدى: «‹شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنتۇمىدۇق› دېگەن نامدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر پائالىيەت ئېلىپ باردۇق. ئۈنۈملۈك بىر پائالىيەت بولدى، تۈركىيەدە ۋە دۇنيادا ياخشى بىر تەسىرلىك پائالىيەت بولدى دەپ قارايمەن. تىۋىتتېردە بىر قانچە سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا 100 مىڭ ئەتراپىدا كىشى پىكىر-ئىنكاس يازدى. مېنىڭچە، بۇ خەلقنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئوچۇق بىر شەكىلدە كۆرسەتكەن بىر نەتىجە دەپ قارايمەن.»

بۇ پائالىيەتتە IHH نىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقى، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ھەر خىل تەشۋىقات راۋاقلىر، سۈرەتلەر، ۋىدېيو-سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرى، تۈركچە ۋە ئىنگلىز تىلىدا تارقىتىلدى. بۇ پائالىيەتكە ئوخشاش ۋاقىتتا كۆپ ساندا كىشى قاتنىشىپ، پىكىر-ئىنكاس يازدى. خاقان سارىچام ئىسىملىك بىر كىشى تۋىتتېر ھېسابىدا خىتاينىڭ بېسىملىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر ھەجۋىي رەسىمنى ھەمبەھرلەش بىلەن بىرگە «ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمغا قارشى سەزگۈر بولۇشىمىز كېرەك!» دەپ يازغان.

مۇرات يىلماز ئەپەندى «پۈتكۈل دۇنيا دۆلەتلىرى كورونا ۋىرۇسى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان پەيتتە سىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىشىڭلار قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىدىن سەل قاراۋاتقان جۇغراپىيە قايسى دەپ سورالغاندا، ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستان دەپ قارايمەن. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى يوق. خىتاي جىددىي بىر شەكىلدە تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ تەتۈر تەشۋىقات يالغۇز 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، لاگېرغا قامىلىپ قالغانلارنىڭلا ئىشى ئەمەس، بەلكى 1949-يىلىدىن بۇيان رايوندا ئېغىر بىر مەسىلىنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. يەر شارىدا ئىنسانلارنىڭ ياشىمىقى ئەڭ قىيىن بولغان يەر شەرقىي تۈركىستاندۇر. چۈنكى ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ ھېچ قانداق بىر جىنايىتى بولمىغان ھالەتتە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىدۇ. ئۇ يەردە ئىنسانلار ئوخشىمىغان تۈردە قىيىن-قىستاققا ئۇچرايدۇ.»

بۇ پائالىيەت باشلىنىشتىن ئىككى سائەت ئىلگىرى، يەنى 4-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن تۈركىيە ۋاقتى كەچ سائەت 18:00 دە IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ يۇتۇبى قانىلى ھېسابىدىن ‹شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى› دېگەن تېمىدا نەق مەيدان پروگرامما تارقىتىلدى. 27 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغان بۇ پروگراممىغا IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى مۇرات يىلماز ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. پروگراممىغا ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى نۇرىددىن ئىزباسار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا رىياسەتچىنىڭ سوئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاب بەردى.

مۇرات يىلماز ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنتۇمىدۇق» دېگەن نامدا ئۇيۇشتۇرۇلغان پائالىيەتنىڭ مەقسەت-نىشانى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلار تۇغۇلۇشىدىن ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغىمۇ ئىگە ئەمەس. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. خىتاي دۇنيا مىقياسىدا ئورگان ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىردىن بىر دۆلەت. لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان ئىنسانلار خىتاينىڭ بۇ ئەتكەسچىلىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. ئۇلاردىن ھېچ قايسىسىنىڭ جان بىخەتەرلىكى يوق. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ خىتاي لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ۋە 1200 دىن ئارتۇق يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىمىز. بىراق ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، قەيەردە تۇتۇلۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، تۇتۇپ قامالغان ئورۇننىڭ قانداق شارائىتتا ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئىنسانلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلۇپ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى بىلمەيمىز. قىسقىسى، ئۇلار بىر ئېنىقسىزلىق ھەر جەھەتتىن مەۋھۇم بىر شارائىتقا مەھكۇم قىلىندى. بۇ ئەھۋال ئاستىدا ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس.»

مۇرات يىلماز ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە دۇنيا جامائىتىنىڭ ئارىلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە بۇ مەسىلىگە پۈتۈن دۇنيانىڭ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ، ب د ت نىڭ ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جىددىي بىر شەكىلدە ئارىلىشىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى بۇ يەردىكى زۇلۇم ۋە قىيىنچىلىقلار بىر ئىنساننىڭ ياكى بىر خەلقنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چېكىدىن ئېشىپ كەتتى. ئەلۋەتتە، بىزگە ئوخشاش ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارمۇ بۇ مەسىلىنى ئاڭلىتىش ۋە كۈنتەرتىپتە تۇتۇش دېگەنگە ئوخشاش ۋەزىپىلەرنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەركىنلىككە، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە، مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت