ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى گېرمانىيەدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-11-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

1933-1944-يىللىرى 12-نويابىردا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ميۇنخېندا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

9-نويابىر گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 1933-1944-يىللىرى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى تولىمۇ ھەيۋەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ئىستىقلال مارشى» بىلەن باشلاندى.

بۇ مۇراسىمنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى، ئۇيغۇر مېھرىبان ئانىلار بىرلىكى، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە مۇكەممەللىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇراسىمغا ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سىرت گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەمدە گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمنىڭ مۇقەددىمىسىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «ئىستىقلال مارشى» غا ماس ھالدا 20 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بايراق خادىسىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايرىقى چىقىرىلدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇراسىمدا تۇنجى بولۇپ نۇتۇق سۆزلەپ، 12-نويابىر كۈنىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى ئىكەنلىكىنى ۋە بۈگۈن ميۇنخېن شەھىرىدە 3-جۇمھۇرىيەتنى سىمۋوللۇق ھالدا قۇرۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

مۇراسىمدا سۆز ئالغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنى ئەتراپتىكى يەرلىك خەلققە ۋە ساياھەتچىلەرگە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىناس دوستى مارگارېتتا باۋزې خانىم گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىن ئالايىتەن كېلىپ، بۇ مۇراسىمغا قاتناشتى. ئۇ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق كۈرىشىنى ئاداققىچە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ‹شەرقىي تۈركىستان› ئىبارىسىنى ئىشلىتىپ، ساپ ئۇيغۇرچە كىيىنگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «خىتاي مانا بۇ مەدەنىيەتنى ۋە بۇ كۈرەشچان مىللەتنى ھەرگىز يوقىتالمايدۇ!» دېدى.

ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئالاھىدە تەييارلىق قىلىنغان بولۇپ، شەھەرنىڭ ئاۋات ساياھەت مەركىزىدە مەخسۇس بىر سەھنە قۇرۇلۇپ، كۆكبايراق ۋە لوزۇنكىلار بىلەن بېزەلگەن ئىدى. ميۇنخېن شەھىرىدىكى «تەكلىماكان» ئۇيغۇر رېستورانى، «قەشقەر» ئۇيغۇر رېستورانى، «تەڭرىتاغ» ئۇيغۇر رېستورانى قاتارلىق ئۈچ رېستوران بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۈچۈن پولۇ قاتارلىق تائاملارنى ئېتىپ كېلىپ ھەقسىز تارقاتتى. ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللار بولسا ئۆيلىرىدە رەڭگارەڭ تائاملارنى، پىشۇرۇقلارنى ھازىرلاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەت سورۇنى گويا ۋەتەندىكى ھەشەمەتلىك بىر توي مۇراسىمى سورۇنىغا ئوخشاپ قالدى. چەتئەللىكلەر بۇ يەردە يالغۇز ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنىلا ئەمەس، بەلكى تىپىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مۇراسىمىنى كۆردى.

بۇ مۇراسىمدا قانچە ئونلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى مىللىيچە كىيىم كۆرگەزمىسى ۋە ئۇسسۇللار بىلەن سەھنىگە چىقىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولدى. گوللاندىيەدىن كەلگەن «ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ سەنئەتكارلىرىمۇ مۇراسىمدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئورۇنداپ ياخشى باھالارغا ئېرىشتى.

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ مۇراسىم ھەققىدە توختالغاندا ھاياتىدا بۇنداق تەسىرلىك بىر سورۇننى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. شىۋېتسارىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەندىلى ئەپەندىمۇ بۇ مۇراسىمنى كۆرۈپ بەكلا ھاياجانلانغانلىقىنى بايان قىلدى. گېرمانىيەنىڭ باشقا بىر شەھىرىدىن كەلگەن ئابدۇشۈكۈر ھاجىم ئىسىملىك بىر زاتمۇ بۇ مۇراسىمنىڭ تەسىرىدىن زور ئىلھامغا ئىگە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 بىلەن باشلانغان بۇ مۇراسىم سائەت 17:00 گە قەدەر داۋام قىلدى. نۇرغۇنلىغان يەرلىك ئامما ۋە يات ئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۇيغۇرچە لەززەتلىك تائاملارغا ھەقسىز ئېغىز تېگىپلا قالماي، ئارقا-ئارقىدىن ئورۇنلانغان گۈزەل ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللار ھەمدە ناخشىلاردىن بەھىرلەندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت