ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئالتۇن ۋە كۈمۈش مېدال تارقىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019-11-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

12-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا تارىختىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 1500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 86 يىللىقى ۋە 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ يەرگە يىغىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە 12-نويابىر كۈنىنىڭ ئادەتتىكى بىر بايرام بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرغان بىر ئۇلۇغ تارىخىي كۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ي يەنە بۇ كۈننىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

مۇراسىمغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئابدۇجېلىل قارىم، «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» رەئىسى ئەنۋەرجان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام، سابىق تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور جالال ئەرباي قاتارلىق كىشىلەر ھەمدە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سەھنىدىن ئورۇن ئالدى.

مۇراسىمدا سۆز قىلغان ئەنۋەرجان ئەجدادلىرىمىزنىڭ شۇنچە قىيىن شارائىتلاردا كۈرەش قىلىپ ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى، بىراق ۋەتەننىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەدىن ئىبارەت ئىككى ئىمپېرىيەنىڭ ئارىسىدا قالغانلىقى سەۋەبىدىن قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۇزۇنغىچە مەۋجۇت بولالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

كېيىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا «بايراق تىكلەيمىز»، «ئۇنتۇما» دېگەندەك شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدى ۋە ناخشا-مۇزىكىلىق نومۇرلار ئورۇنلىدى.

«شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى» نىڭ ياشلىرى 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى توغرىسىدا تىياتىر كۆرسەتتى ۋە يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىنىپ 30 پاي زەمىبىرەك توپ ئاتقان ئاۋازلار ۋە «ئىستىقلال مارشى» نىڭ جاراڭلىق ئوقۇلۇشى بىلەن يىغىن زالىنى گۈلدۈراس ئالقىشلار قاپلاپ كەتتى.

يىغىن جەريانىدا پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوكتور ئەركىن ئەكرەم، دوكتور ئالىمجان بوغدا، دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى، دوكتورانت ئابدۇرەھىم دۆلەت قاتارلىق تەتقىقاتچىلار تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى توغرىسىدا تەييارلاپ كەلگەن لېكسىيەلىرىنى كۆپچىلىككە ئاڭلاتتى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن تارىختا ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرغانلىقىنى، بىراق بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ يىقىلىش سەۋەبلىرىنىڭ پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان زېمىنى ۋە خەلقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، بەلكى شۇ دەۋردىكى چوڭ دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇ ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ چوڭ كۈچلەرنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم 1949-يىلىنىڭ ئاخىرى خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ماۋ زېدوڭنىڭ 1950-يىلى سوۋېتلار ئىتتىپاقى بىلەن بىر كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى، بۇ كېلىشىمدە «سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ» دېگەن ماددىنىڭ ئالاھىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى سەھنىگە چىقىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى.

3 سائەتتىن كۆپرەك داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن 7 كىشى ۋە ئۈچ ئاخبارات ئورگىنىغا مۇكاپات بېرىلدى. ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ مۇكاپات 4 دانە ئالتۇن مېدال، 6 دانە كۈمۈش مېدالدىن ئىبارەت بولۇپ، ئەركىن ئالىپتېكىن، دولقۇن ئەيسا، ئىلھام توختى ۋە ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان قاتارلىق 4 كىشىگە ئالتۇن مېدال مۇكاپات بېرىلدى.

ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ئاخبارات ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، «ئىستىقلال» تور تېلېۋىزىيەسى ۋە ئۇيغۇر TV قاتارلىق ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئورگانلىرى كۈمۈش مېدال بىلەن مۇكاپاتلاندى.

كېيىن يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات، «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سېيىت تۇمتۈرك قاتارلىقلارغا كۈمۈش مېدال تەقدىم قىلىندى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە يەنە 1933-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ لوگوسى ۋە سىمۋولى چۈشۈرۈلگەن تاختا، بىر تالدىن بايراق بىلەن ۋە بىر تالدىم مېدال تەقدىم قىلىندى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلەرنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ۋە مۇھاكىمە يىغىنىغا نۇرغۇن كىشى قاتناشقان بولۇپ، 1000 كىشىلىك زالغا پاتمىغان نۇرغۇن كىشىلەر سىرتتا ۋە كارىدورلاردا ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. يىغىن ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت