گېرمانىيەدىكى باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى شىتاتلىق پارلامېنتقا ئىلھام توختى ھەققىدە مەكتۇب يوللىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-02-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى.
مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى.
AP

گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە پارلامېنتىدىكى 6 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى يېقىندا باۋارىيە پارلامېنتىغا بىرلەشمە ئىمزالىق مەكتۇب يولىغان. مەكتۇپتا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، كۆپ خىل خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىلھام توختىنى ئەركىنلىككە چىقىرىش تەلەپ قىلىنغان. 28-يانۋار كۈنى ئۇلار باۋارىيە شىتاتلىق پارلامېنتىدىن ئۆزلىرى ئەۋەتكەن بىرلەشمە مەكتۇبىغا يېزىلغان جاۋاپ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان.

گېرمانيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسى ھەققىدە 6 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىغا قايتۇرغان جاۋاپ خېتىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى 30-يانۋار كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىمزالىق مەكتۇبنى يوللىغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئارىف تاشدېلېندىن ئۆزىگە ئېلخېت كەلگەنلىكى، بۇ خەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باۋارىيە شىتاتلىق پارلامېنتىنىڭ ئىلھام توختى توغرىلىق قايتۇرغان جاۋاب خەتنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باۋارىيە شىتاتىدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىدىن ماركۇس رىندېرسپاكېر، دوكتۇر سىمونې سترومايېر خانىم، ئارىف تاشدېلېن، ئالېكساندرا ھىرسېمان خانىم، كلائۇز ئادېلت، ستېفان سۇستېر قاتارلىق 6 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى شىتاتلىق پارلامېمتقا مەزكۇر مەكتۇبنى يوللىغان. مەزكۇر مەكتۇبتا ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش، ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە باۋارىيە شىتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى ۋە باشقا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇندىن باشقا مەزكۇر مەكتۇبتا يەنە يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 

بۇ يىل 15-يانۋار ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا 6 يىل تولغان كۈن.

ئىلھام توختى خەلقئارادا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىسى بولۇپ، ئۇ تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى تىنچلىق يولى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى باراۋەرلىكى ۋە قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان. بۇ سەۋەپتىن 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان. ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغان 6 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭغا خەلقارادىكى كۆپلىگەن نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرى بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئەھۋالى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىنىپ كەلمەكتە. 

گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە شىتاتى گېرمانىيەدىكى ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى، بولۇپ بۇ شىتاتتا دۇنياغا داڭلىق ئاپتوموبىللار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇ شىتات يالغۇز گېرمانىيە ئىقتىسادىدىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىدىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.

ئەنۋەرجان ئەپەندى باۋارىيە پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى ۋە لاگېردىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە شىتاتلىق پارلامېنتقا مەكتۇب يوللىشى خىتاي بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىنى ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان باۋارىيە شىتاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇشنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت