ئىلھام توختى «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ئاخىرقى 4 نامزاتىنىڭ بىرى بولغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-10-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسىنىڭ 2017-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى بېرىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 30-نويابىر، گوللاندىيە.
خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا خەلقئارا لىبېراللار بىرلەشمىسىنىڭ 2017-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى بېرىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 30-نويابىر، گوللاندىيە.
RFA

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ئاخىرقى 4 نامزاتىنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام 9-سېنتەبىر كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دادىسى ئىلھام توختى ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتتى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 8-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ئاخىرقى نامزاتلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئىلھام توختى بۇ 4 نامزاتنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان. ئىگىلىنىشىچە، 24-ئۆكتەبىر 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىكەن.

ئىلھام توختى 2016-يىلى تۇنجى قېتىم «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئىدى. ئەينى چاغدا بۇ تەشەببۇسنى ئامېرىكادىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ ياشۆ خانىم، ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىبەتشۇناس تەتقىقاتچى مەرھۇم ئېللىيوت سپېرلىڭ ئەپەندى، فىرانسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پروفېسسور مارى خولسمەن خانىم ۋە گېرمانىيەدىكى ئەنۋەرجان ئەپەندىلەر ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن گېرمانىيەدە قۇرۇلغان «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» ۋە ياۋروپادىكى «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» بىرلىكتە ئىلھام توختى ئەپەندىنى 2016-يىلى تۇنجى قېتىم «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىلھام كۈچۈك قاتارلىق بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئىلھام توختىنى «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا تەۋسىيە قىلىپ، مەكتۇپ ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ ھاۋالىسى بىلەن 2016-يىلدىن باشلاپ ئىلھام توختىنى «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىش جەريانىدىكى خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇ بايانىدا 2016-يىلى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن ئىلھان كۈچۈك قاتارلىقلار ئىلھام توختىنى «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسەتكەندە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 40 تىن ئارتۇق ئەزانىڭ قوللاش بېلىتى تاشلىغانلىقىنى، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە ئارىدىن 3 يىل ئۆتۈپ 2019-يىلغا كەلگەندە، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 60 تىن ئارتۇق ئەزانىڭ قوللاش بېلىتى تاشلىشى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ ئاخىرقى 4 نامزاتنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 18-سېنتەبىر كۈنى «ياۋروپانى يېڭىلاش گۇرۇھى» نىڭ رەھبىرى داشان سىيولوس، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن ئىلھان كۈچۈك ۋە فىل بەننىيون قاتارلىق 3 نەپەر سىياسىي ئەرباب ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا 2-قېتىم نامزاتلىققا كۆرسەتكەن. مەزكۇر تەۋسىيە خېتى شۇ كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تورىدا قوشۇپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئەينى چاغدا ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن «ياۋروپانى يېڭىلاش گۇرۇھى» نىڭ رەھبىرى داشان سىيولوس ئەپەندى ئىلھام توختىنى «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ ئۆتكەن ئىدى.

ئۇ مەكتۇپىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: «خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىلھام توختى ‹ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى› نىڭ روھىنى نامايان قىلدى. ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتايدا ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە ئۇنىڭدا بېرىلگەن ھوقۇقلارنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى كىشىلەرگە تونۇتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي جەمئىيىتىدە كەمسىتىلىشىگە قارشى كۈرەش قىلدى. ئىلھام توختى ھازىر ئۆمۈرلۈك قاماقتا، ھاياتى خەۋپ ئاستىدا ئۆتۈۋاتىدۇ.

‹ياۋروپانى يېڭىلاش گۇرۇھى› بۈگۈن بىر كۈچلۈك سىگنال بەردى. ئۇ بولسىمۇ ئىلھام توختىنى ‹ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى› غا نامزاتلىققا كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشلەرگە دەستەك بېرىش!»

«ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» دىكى پروفېسسور مارى ھولسمان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ئاخىرقى نامزاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ تاللىنىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور مارى خولسمان خانىم مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بۇ خىل مۇكاپاتلارغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشى ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا ئوخشاش تىنچلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ باراۋەرلىكى ۋە ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان، خىتاي خەلقى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىغان بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىنى تۈرمىگە قامىشىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامالغان، ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئۆمۈرلۈك قاماققا، تاشپولات تېيىپ، خالمۇرات غوپۇرغا ئوخشاش ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر تارىخى ۋەزىيەتتە دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلماسلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا مەلۇم ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇردى.»

بۇنىڭدىن بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى يەنى، 2019-يىلى 30-سېنتەبىر كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندىگە 2019-يىللىق «ۋاسلاۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلگەن ئىدى.

بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى باراۋەرلىكى ۋە قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2014-يىلى 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنىپ، «بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي قۇتراتقۇلۇق» بىلەن ئەيىبلەنگەن ھەمدە شۇ يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. بۇ يىللاردا ئۇنىڭغا خەلقئارالىق نوپۇزلۇق مۇكاپاتلاردىن «باربارا گولدسىمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى»، «مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» قاتارلىق بىرقانچە خىل مۇكاپاتلار بېرىلدى. ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە 2019-يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇھىم سىياسىي ئەربابلار تەرىپىدىن 2019-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت