«قۇتادغۇ بىلىگ» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-10-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى بىلەن تۈركىيە ساياھەت ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان «قۇتادغۇ بىلىگ» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار. 2019-يىلى سېنتەبىر، ئەنقەرە.
تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى بىلەن تۈركىيە ساياھەت ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان «قۇتادغۇ بىلىگ» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار. 2019-يىلى سېنتەبىر، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت كومىتېتى 2019-يىلىنى «قۇتادغۇ بىلىگ يىلى» دەپ ئېلان قىلدى شۇنداقلا تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە «قۇتادغۇ بىلىگ» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى بىلەن تۈركىيە ساياھەت ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەزكۇر يىغىن 26-سېنتەبىر كۈنىدىن 28-سېنتەبىر كۈنىگىچە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى. 16 دۆلەتتىن كەلگەن 130 نەپەر ئىلمىي تەتقىقاتچى ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

يىغىنغا تۈركىيەدىكى تونۇلغان تۈركولوگلاردىن پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن، پروفېسسور دوكتور ئوسمان فىكرى سەرتقايا، ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تىمۇر قوجائوغلۇ قاتارلىق داڭلىق تەتقىقاتچىلار قاتناشتى. ئۇلاردىن سىرت سىرت ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ بەزى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

ئۇنىڭغا ئۇلاپلا 3-ئۆكتەبىردىن 5-ئۆكتەبىر كۈنىگىچە ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا «خەلقئارالىق ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغىمۇ 10 دۆلەتتىن 100 ئەتراپىدا ئىلىم ئادەملىرى قاتناشتى ۋە ئىلمىي دوكلات بەردى.

ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تىمۇر قوجائوغلۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق كلاسسىك ئەسەرنىڭ 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن يېزىلغان سىياسەتنامە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەسەرنىڭ بارلىق تۈركىي خەلقلەرنى بىرلەشتۈرگەن ئەدەبىي نامايەندە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تونۇلغان تۈركولوگ، پروفېسسور، دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى «قۇتادغۇ بىلىگ» نى تەتقىق قىلىش يىغىنلىرىنى چاقىرىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

پروفېسسور تىمۇر قوجائوغلۇ تۈركىيەدە ۋە دۇنيادا «قۇتادغۇ بىلىگ» كە زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقان مەزگىلدە «قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ مىراسخورلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى، بۇنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

تىمۇر قوجائوغلۇ ئەنقەرەدە چاقىرىلغان «خەلقئارا ‹قۇتادغۇ بىلىگ› ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «قۇتادغۇ بىلىگ» توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەنلىكىنى شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ ساندا تۈركولوگلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى «قۇتادغۇ بىلىگ» ناملىق كلاسسىك ئەسەرنىڭ مىراسخورلىرى بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، «قۇتادغۇ بىلىگ يىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرغىچە بولغان 10 ئاي ئىچىدە تۈركىيەدە 20 ئەتراپىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت