خىتاي كادىر: «تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار!» (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016-06-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﺘﺎ ﺑﯩﺮﻛﺎﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﺘﺎ ﺑﯩﺮﻛﺎﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA File

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تازىلىق ئىشچىلىرىنى چۆرىدىگەن نۇقتىلىق زىيارەت جەريانىدا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ھازىرقى كارتىنىسىدا تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەتلەرنىڭ كۆپىنچە ھالدا يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارغا تەقسىم قىلىنىشى، شۇنداقلا بۇ خىزمەتلەرنى ئارتقۇزغۇچىلارنىڭ ھەرقاچان مىللىي كەمسىتىشنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، بۇ ھادىسىنىڭ بەزى ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالدى.

خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچىلىرىدىن ۋاڭ لىشيۇڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىش تەقسىماتىدا مىللىي تەركىبنى ئاساس قىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان تەڭسىزلىك مەسىلىسىگە دەسلەپ بولۇپ دىققەت قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۈچۈن يازغان «ئۈچ جايدىكى مەيداندىن شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر» ناملىق ئوبزورىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق قۇرلارنى يازىدۇ:
« كورلا شەھىرىدە ھېچقانچە يەرلىك ئالاھىدىلىك مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. رەستە - كوچىلاردىكى ئادەملەرنىڭ 95 پىرسەنتتىن كۆپرەكى خىتايلار، ئەمما تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ھەممىسىلا ئۇيغۇرلار ئىكەن. بۇ يەردىمۇ ئاقسۇدىكى مەيدانلاردا ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىكەن، مەن مەيدانغا بارغاندا سەيلى قىلىۋاتقانلار، قۇش بېقىۋاتقانلار، چېنىقىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇيغۇرلاردىن ئۇچراتقىنىم پەقەت مەيدان ئەتراپىدا تازىلىق قىلىۋاتقانلار بولدى. دەم ئېلىشقا چىققان بىر تۈركۈم خىتاي ئايال قوللىرىدىكى قىپ-قىزىل يەلپۈگۈچلىرىنى پىرقىرىتىپ، مۇزىكىغا جۆر بولغىنىچە سەكرەپ-تاقلاپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئىدى، شۇ چاغدا يولنى سۈپۈرۈۋاتقان بىر ئۇيغۇر تازىلىقچى ئايال ئاشۇلار تەرەپكە سۈرۈلۈپ، قولىدىكى سۈپۈرگىدە يولنى جەھلى بىلەن ئۇيان ‏- بۇيان سۈپۈرۈشكە باشلىدى ھەمدە بىردەمدىلا ئاسمان-پەلەك چاڭ چىقىرىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى خىتاي ئاياللار ئۇسسۇلىنى توختىتىپ تارقاپ كەتتى. ھېلىقى تازىلىقچى ئايال يۈزىگە ناھايىتى يوغان بىر ماسكا تاقىۋالغان بولۇپ، پۈتكۈل جەرياندا ئۇنىڭدا قانداق ئىپادە بولغانلىقى نامەلۇم ئىدى.»

بۇ ھەقتىكى تېلېفون زىيارىتى جەريانىدا سانجىدىكى مەلۇم ئاھالىلەر رايونىدا تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان زورەم خانىم مائاشىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي يېمەك- ئىچمەك ۋە ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئارانلا يېتىدىغانلىقىنى، باشقا خىراجەتلەرگە ئېشىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

بىز ئۇنىڭدىن خىزمىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە جاپالىق ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئاللىقاچان ئوتتۇرا ياش باسقۇچىدىن ھالقىپ كەتكەن بۇ مەزلۇم بۇنىڭ پۈتۈنلەي جىسمانىي ئەمگەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

زورەم خانىم سۆھبەت جەريانىدا ئۆزلىرى شۇنچە جاپادا تازىلاپ تەييار قىلغان يولدا ماڭىدىغان ئاپتوبۇس شوپۇرلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن بېلەت ئېلىشنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىدىن ناھايىتى سۆيۈنىدىغانلىقىنى، ئەمما پۇل ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان كۈنلىرى بەزى شوپۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاپتوۋۇزدىن چۈشۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ پىكىر قىلىپ، ھازىرقى ۋاقىتتىكى بۇ خىل تۈپلۈك ئۆزگىرىشنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبىنى دېھقانلارنىڭ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئارقىسىدا كېلىپ چىققان، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئۆزى كىچىك ۋاقىتلاردا ھەرقايسى جايلاردىكى يوللارنى سۈپۈرىدىغان تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتايلار ئىكەنلىكىنى ئەسلىگەچ، ھازىرقى ۋاقىتتا تازىلىق ئىشچىسى بولۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولۇشى يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرلاردا خورلۇق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى جايلاردا تازىلىق ئىشچىلىرى قوبۇل قىلىش دائىملىق ھادىسە ھېسابلانسىمۇ «تازىلىق ئىشچىسى قوبۇل قىلىش» ئېلانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر مۇقىم شتاتلىق تازىلىق ئىشچىسى بولۇش ناھايىتى قىيىن ئىكەن، تاللانغان تازىلىق ئىشچىلىرى پەقەت توختاملىق ئىشچى سۈپىتىدە ئىشلەيدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت