مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىتلىكلەرنى شەخسىيلەشتۈرۈشىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-01-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«غەربتىن شەرققە تەبىئىي گاز لىنىيىسى» قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى. 2008-يىلى 26-ئاۋغۇست، ئىلى ئوبلاستى.
«غەربتىن شەرققە تەبىئىي گاز لىنىيىسى» قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى. 2008-يىلى 26-ئاۋغۇست، ئىلى ئوبلاستى.
maginechina

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي جۇڭگو ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساس قىلغان خىتايدىكى 30 چوڭ نېفىتلىك بىلەن تەبىئىي گاز بازىلىرىنى ئاكسىيە ئۇسۇلى بىلەن شەخسىيلەشتۈرمەكچى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركەتلىرىنىڭ مونوپوللۇق دەۋرىگە رىقابەت ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇنداقتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بازىلىرىنى يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە ئېچىشى ئۈچۈن شەخسىي شىركەتلەرنى چاقىرىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارغا مەلۇم دەرىجىدە پايدىسى بولامدۇ-يوق؟ شەخسىي شىركەتلەرنىڭ تارىم ۋە جۇڭغارىيە ۋادىسىغا كىرىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەبىئىي مۇھىتىغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ؟

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. ئامېرىكىدىكى خەلقئارا ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى ۋە ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى پەرھات بىلگىن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىۋاتقان نېفىت زاپىسى ۋە ئۇنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

پەرھات بىلگىن ئەپەندى يەنە خىتاي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىۋاتقان تەبىئىي گازنىڭ مىقدارى ھەمدە ئۇنىڭ قىممىتى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ، دېموكراتىك ئەللەر بىلەن خىتاينىڭ نېفىت قىدىرىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا يەرلىك خەلقلەرگە بېرىدىغان پايدىسىنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىغا قوشنا قازاقىستاننىڭ 20 يىلدىن بۇيان ئۆزىدىكى نېفىت بايلىقىغا تايىنىپ قانچىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئۇيغۇر ئېلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەتتى.

شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تىپىك ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ مەنبەسىنىڭ قىسلىقى بۇ يەردىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىغا تەبىئىي ھالدا چەكلىمە ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما پەرھات بىلگىن ئەپەندى خىتاينىڭ شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىبارەت بۇ قۇرغاق رايوندا مۇھىت بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي پۈتۈن كۈچى بىلەن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ناۋادا خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىتلىكلەرنى شەخسىيلەشتۈرسە، قىپقىزىل پايدىنى قوغلىشىدىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەزەلدىنلا سەزگۈر مۇھىتىنى تېخىمۇ ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئىقتىسادشۇناس پەرھات بىلگىن ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت شىركەتلىرىنىڭ مونوپولىستىك شىركەتلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قازغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئەرزان باھادا، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا قىممەت باھادا سېتىپ كەلگەنلىكىنى، خەلقئارا بازاردىكى رىقابەتكە ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسىگە تايىنىدىغان بۇ خىل بايلىق ئىشلەپچىقىرىشتا يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقاچان بىر چەتتە قالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىتلىك ۋە تەبىئىي گاز بازىلىرىنى ئاكسىيە چاقىرىش ئۇسۇلى بويىچە شەخسىيلەشتۈرمەكچى بولغانلىقى پەقەت بىر شەكلەن ئىسلاھات ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت