ئىستانبۇلدا تارىختىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش تور يىغىنى ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-11-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرىلەش تور يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 12-نويابىر.
مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرىلەش تور يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 12-نويابىر.
RFA/Arslan

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 12-نويابىر كۈنى كەچتە 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 87-يىلى ۋە 1944-يىلى غۇلجادا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 76-يىلىنى تەبرىكلەش تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىن ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ يۇتۇب سەھىپىسى ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى. يىغىن ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. يىغىندا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچلىنىۋاتىقانلىقىنى، مۇستەقىللىققا بولغان تەشنالىقىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن ۋە ئۆسمۈرلىرى تارىختا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەپ، ھەر خىل نومۇر كۆرسەتتى.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىر مىللەت ياكى بىر خەلق بىرلىكتە ئۆم ياشاشنى، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى بىلمىسە، بىر-بىرىگە رەقىب بولسا، ھەرگىزمۇ دۆلەت قۇرغىلى بولمايدىكەن. دۆلەت قۇرۇلغان تەقدىردىمۇ بۇ دۆلەتنى تۇتۇپ تۇرغىلى بولمايدىكەن. بۇ يەكۈننى تارىختىن ئۆگەندۇق.»

يىغىندا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم «تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت: ئۆتمۈش ۋە بۈگۈن» ناملىق دوكلات بەردى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل «1944-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدا، جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش جەرىيانى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا «1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ئاساسىي قانۇنى» دېگەن تېمىدا، شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرددىن ئىزباسار «شەرقىي تۈركىستان تارىخىي ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماھىيىتى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك شەكىللەردە 20-ئەسىردە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى تەبرىكلەپ كۆپلىگەن ئىلمىي ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. 7-نويابىر كۈنى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنسىتىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق ئەسىرىنىڭ يېڭىدىن نەشردىن چىققان ئىككى تومىنى تونۇشتۇرۇش تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر تارىخى بويىچە يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ نەشر قىلىنىشى ۋە ئوقۇرمەنلەرگە تارقىتىلىشى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قاراشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت