ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن لاگېر قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى تۈرك ساقچىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020-08-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۇتۇلغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيىپ، ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى توسۇش ئۈچۈن ساقچى كەلگەن 2020-يىلى 17-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
تۇتۇلغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيىپ، ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى توسۇش ئۈچۈن ساقچى كەلگەن 2020-يىلى 17-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
RFA/Azigh

17-ئاۋغۇست چۈشتىن كىيىن ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىدا ئائىلە ئەزالىرى ۋە تۇغقانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان ئۇيغۇر ياشلىرى توپلىنىپ، تۇتۇلغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيىپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. بۇ ۋاقىتتا تاكسىم مەيدانىدا سۈرەتكە چۈشكەن لاگېر قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرى ساقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان. ساقچىلار ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمەستىن تۇرۇپ، ئۇلارنى چۈشكەن سۈرەتلىرىنى يۇيۇۋېتىشكە، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان يېقىنلىرىنىڭ رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن مايكىلىرىنى سېلىۋېتىشكە ياكى ئۇنى تەتۈر ئۆرۈپ كىيىشكە زورلىغان. بۇ ئىستانبۇلدا ئائىلە يېقىنلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرى تەشكىللىگەن 3-پائالىيەت بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن ئۇلار بەيازىت مەيدانىدا ۋە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا پائالىيەت تەشكىللىگەن ئىدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاپىسى بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جەۋلان شىرمەمەتنى زىيارەت قىلدۇق. جەۋلان شىرمەمەت ئەھۋالنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: «بىز تاكسىمغا مايكىمىزنى (تۇتۇلغان ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن) كىيىپ خاتىرە ھەيكەلنىڭ ئالدىدا رەسىمگە چۈشتۇق. بۇ ۋاقىتتا ساقچىلار كېلىپ چۈشكەن سۈرەتلىرىمىزنى يۇيۇۋېتىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى، بىز ئۆچۈرۈۋەتتۇق. كېيىن ماڭىدىغان چاغدا ئۇلار بىزگە ‹ياكى مايكاڭلارنى چىقىرىۋېتىسىلەر ياكى تەتۈر كىيىۋالىسىلەر› دېدى.»

ئەھۋال ئىگىلىشىمىزچە، ساقچىلار تاكسىمدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈش باھانىسىدە ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرغان ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن مايكىلىرىنى سىلىۋىتىشكە ياكى تەتۈر كىيىشكە زورلىغان. بىز ساقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرىدىن ئالىمجان تۇردىنى زىيارەت قىلدۇق. ئالىمجان تۇردى ئاكىسى، ئاچىسى ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرى بولۇپ، 7 كىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان ئىكەن. ئۇ تاكسىم مەيدانىدىكى ساقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ساقچىلار كېلىپ كىملىكىمىزنى سورىدى ۋە نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىمىزنى سورىدى. بىز سۈرەتكە چۈشكىلى كەلدۇق، دېدۇق، ئۇلار بۇ مايكىلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشىمىزنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. كېيىن بىزنى بىر بۇلۇڭغا ئاپىرىپ، ھەممىمىزنىڭ كىملىكىنى ئىلىۋېلىپ، بىر يېرىم سائەت ئاۋارە قىلدى. كېيىن ئۇلار: ‹بۇنداق ماڭساڭلار بولمايدۇ، مايكىلىرىڭلارنى سىلىۋېتىپ ماڭىسىلەر، › دېدى. قېرىنداشلىرىمىز ئېتىراز بىلدۈرگەندىن كىيىن ئۇلار: «ئۇنداقتا، كىيىملىرىڭلارنى تەتۈر كىيىپ ماڭىسىلەر،» دېدى. بۇنىڭدىن كۆڭلىمىز ئىنتايىن يېرىم بولدى. مەن تۈركىيەدە ھۆكمەتتىن ۋە دۆلەتتىن ئىنتايىن ئۈمىد كۈتۈپ، ياشاۋاتقان بىرى ئىدىم. تۈرك ساقچىلىرىنىڭ بىزگە: ‹كۆڭلىكىڭنى سىلىۋېتىپ ماڭ› دېيىشى بىز ئۈچۈن ئوچۇقتىن ئوچۇق ھاقارەتتۇر.»

بىز ئەھۋال ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تاكسىم ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق، ساقچى مەركىزى بۇ ئەھۋال ھەققىدە مەلۇماتىنىڭ يوقلۇقىنى، بەيئوغلى ساقچى مەركىزى بىخەتەرلىك ئورنىدىن سورىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بىز سانتىرالنىڭ ئۇلاپ بېرىشى بىلەن بىخەتەرلىك ئىدارىسىگە قايتا-قايتا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونىمىز ئېلىنمىدى.

مەزكۇر ۋەقە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىۋاتقان بولۇپ، پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ بىرى بولغان جازا لاگېرى قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن مىرزائەخمەت ئىلياس ئەپەندىمنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى ۋىدىيولۇق سۆزلىرى كۈچلۈك تەسىر قوزغىماقتا. مىرزائەخمەت ئىلياس ئەپەندىم ۋىدىيودا بۇ ۋەقە توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەقەت سەككىز كىشى، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئەسلەپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن كەلدۇق. شوئار توۋلىمىدۇق، نامايىش قىلمىدۇق. ساقچىلار بىزنى تاكسىمدىن قوغلاش ئۈچۈن مايكىللىرىمىزنى تەتۈر كىيدۈردى. بۇ بىزنى مازاق قىلغانلىق. بىز جىنايەتچى ئەمەس، كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مايكىللىرىمىزنى تەتۈر كىيدۈردى. بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىزنى ئىزدىشىمىز جىنايەتمۇ؟ تۈرك تۇپرىقىدىمۇ خىتايغا قارشى ئاۋازىمىزنى چىقىرالمايۋاتىمىز. بۇ ھەقىقەتەن بىر ئەيىب.»

تىۋىتتېردا مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن، تونۇلغان قانۇن پروفېسسورى ئىلياس دوئان ئەپەندىم مۇنداق دەيدۇ: «مايكىلىرىنى تەتۈر كىيدۈرۈش كەمسىتىش پوزىتسىيەسىدۇر. سۆز قىلىش ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىشتۇر. بۇ ئىش قانۇنىي يوللار ئارقىلىق دەرھال سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.»

تاكسىم مەيدانىدا تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇربانلىرى تاكسىم مەيدانىدىن كەتكەندىن كىيىن، بېشىغا كەلگەن ئەھۋالنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى (TRT) گە يىتىپ بارغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خىزمەت بىناسىغا كىرگۈزۈلمىگەن، مەزكۇر تېلېۋىزىيەدىن مۇناسىۋەتلىك بىرەرمۇ خادىم ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىلى ئۇنىمىغان. مىرزائەخمەت ئىلياس ئەپەندىم بۇ ھەقتە بىزگە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى كۈنسېرى يېقىنلىشىشقا ئەگىشىپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى زور دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا ئىكەن. تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى تۈپەيلى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە داۋاملىق سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت