ماگنۇس فىسكەسيۆ: «جەنۇبىي ئافرىقا شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەشتە باشلامچى بولۇشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-08-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندىمنىڭ جەنۇبىي ئافرىقادا چىقىدىغان «ھەقىقەتنى قوغداش» ناملىق خەۋەر تورىدا ئېلان قىلغان «جەنۇبىي ئافرىقا شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەشتە باشلامچى بولۇشى كېرەك» ناملىق ماقالىسى.
ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندىمنىڭ جەنۇبىي ئافرىقادا چىقىدىغان «ھەقىقەتنى قوغداش» ناملىق خەۋەر تورىدا ئېلان قىلغان «جەنۇبىي ئافرىقا شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەشتە باشلامچى بولۇشى كېرەك» ناملىق ماقالىسى.
Photo: RFA

ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شىۋېتسىيەلىك ئانتروپولۇگ ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان لاگېر تۈزۈمى ۋە باشقا تەقىب سىياسەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان بۇ زىيانكەشلىككە ھېسداشلىق قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىنى ئوچۇق تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا تەشەببۇس قىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ يېقىندا جەنۇبىي ئافرىقادا چىقىدىغان «ھەقىقەتنى قوغداش» ناملىق خەۋەر تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي ئافرىقانى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ باش تەنقىدچىسى بولۇشقا چاقىردى.

ئۇ مەزكۇر تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «جەنۇبىي ئافرىقا شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەشتە باشلامچى بولۇشى كېرەك» ناملىق ماقالىسىنى تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن باشلىغان: «مېنى ئەخمەق چەتئەللىك دەپ ئاتىساڭلارمۇ مەيلى. بىراق مەن يەنىلا جەنۇبىي ئافرىقانى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئابىدىسى، دەپ قارايمەن. بۇ دۆلەتتىكىلەر بىر ئېرقچى ھاكىمىيەتنى ئۆرۈۋېتىپ، دۇنياغا ‹ھەقىقەت ۋە مۇرەسسە كومىسسىيىسى› دەيدىغان ۋە مەن تولىمۇ ھەۋەس قىلىدىغان بىر ئۈلگىنى تىكلەپ بەردى.» 

بىز ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن جەنۇبىي ئافرىقا مەتبۇئاتىدا بۇنداق بىر ماقالە ئېلان قىلىشنى ئويلاپ قالغانلىقىنى سورىدۇق. ماگنۇس ئەپەندى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەنچە، جەنۇبىي ئافرىقا ناھايىتى ئۆزگىچە بىر دۆلەت. چۈنكى بۇ دۆلەتتىكى پۇقرالار بۇرۇن ناھايىتى ئېرقچى ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغان. دۆلەت ئىرقىي ئايرىمىچىلىق بىلەن باشقۇرۇلاتتى، قارا تەنلىك ئىنسانلار كەمسىتىلىشكە ئۇچرايتتى. كېيىن نېلسون ماندېلانىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ ئېرقچى ھاكىمىيەت يوقىتىلىپ، دېموكراتىك سىستېما ئورنىتىلدى. شۇڭا مەن جەنۇبىي ئافرىقا مۇشۇنداق بىر تارىخنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى قىلىۋاتقان زۇلۇمغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشى ھەتتا ئۇنىڭغا باشلامچى بولۇشى كېرەك دەپ ئويلىدىم. جەنۇبىي ئافرىقا پىكىر ئەركىنلىكىگە ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئىگە دۆلەت. مەن ئۇلارنىڭ تاراتقۇلىرىنى ئارىلىغىنىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئانچە كۆپ خەۋەر يوقلۇقىنى بايقىدىم ۋە بۇنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر بوشلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ۋە دەرھال بۇ ماقالىنى قەلەمگە ئالدىم.» 

دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندى ماقالىسىدە جەنۇبىي ئافرىقالىقلارغا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن. ئۇ رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك دىنى پائالىيەتلىرىنىڭ جىنايەت دەپ قارىلانغانلىقى، ئىلگىرى ئۇيغۇرچە-خىتايچە ھەر ئىككىلا تىلدا يېزىلغان لوزۇنكىلاردىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك تىللارنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكى، بالىلارنىڭ مەكتەپلەردە ئانا تىلىنى سۆزلەشتىن چەكلىنىۋاتقانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ۋە يېمىگەنلەرنىڭ «رادىكال» دەپ لاگېرلارغا قامىلىپ ئۇ يەردە ئېغىر مېڭە يۇيۇشتىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىدەك تەپسىلاتلارنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە ئېغىر. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئۇ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق تراگېدىيەسىدۇر. . .  خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يىرگىنچلىك يېرى ئۇ مىليونلىغان بىگۇناھ كىشىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقچىلىق سىياسىتى بىلەن كوللېكتىپ جازالىماقتا. شىنجاڭدىكى 12 مىليون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كۈندىلىك مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن. 

ماگنۇس ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقادىكى ھۆرلۈك ھەرىكىتىنىڭ لىدېرى ۋە جۈملىدىن خەلقئارادا ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان نىلسون ماندېلا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، 1992-يىلى خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولغان. ماگنۇس ئەپەندى سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: 

«ئۇ بېيجىڭدىكى شۇ قېتىملىق زىيارىتى مەزگىلىدە نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ نۇتقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقادىكى ھۆرلۈك ھەرىكەتلىرىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقاندىن باشقا يەنە خىتاينى دېموكراتىك دۆلەت بولۇش ۋە ئۆز ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ناھايىتى باراۋەر مۇئامىلە قىلىش بىلەن مەدھىيىلىگەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا زال ئىچىدە ئۇنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلاۋاتقانلار قۇلاقلىرىغا ئىشىنەلمەيلا قالغان. چۈنكى ئۇ تيەنئەنمىن ۋەقەسىدە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار قانلىق باستۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمىگەن بىر ۋاقىت ئىدى. ئەنە شۇ زالدا تيەنئەنمىن ۋەقەسىدە ساۋاقداشلىرى ئۆلگەن نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئولتۇراتتى. زال ئىچىدىكىلەر نېلسون ماندېلا نېمىلەرنى دەۋاتىدۇ، دەپ كۇسۇرلىشىپ كەتكەن. نېلسون ماندېلا شۇ چاغدا ئەجەبلەنگەن ۋە ئاندىن ئۆزىنىڭ خاتا گەپ قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ «بۇ يەردە بىلىشكە تېگىشلىك بىر قىسىم ئىشلار بار ئوخشايدۇ. مەن ئۇلارنى بىلىشكە تىرىشىمەن، " دېگەن. نىلسون ماندېلا ئۇ چاغدا تۈرمىدىن يېڭى چىقىپ، دۆلەتتىكى ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ھەم ئۆزىمۇ قېرىپ قالغان ۋاقىتلىرى بولغاچقا خىتاي ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى بىلمەي قالغان. ئۇنىڭ يېنىدىكى ئادەملەرمۇ ئۇنىڭغا بىر مەلۇمات بەرمىگەن. شۇڭا نىلسون ماندېلا ئەگەر خىتايدىكى ئەھۋاللارنى، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا، شۇ نۇتقىدا نېمىلەرنى دېگەن بولاتتى دېگەن بىر سوئال شۇ ۋاقىتتىن بېرى كاللامدا پەيدا بولغان. ئەلۋەتتە، بىز بۇنى مەڭگۈ بىلەلمەيمىز. نىلسون ماندېلانىڭ خىتايدا بېشىغا كەلگەن بۇ ۋەقەمۇ خىتايغا بولغان تونۇشىنىڭ قانچىلىك ئازلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇمۇ مېنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى جەنۇبىي ئافرىقالىقلارغا ئاڭلاتماقچى بولۇشۇمدىكى يەنە بىر سەۋەب.» 

يېقىندا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى 24 دۆلەت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى باچلېت خانىمغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاز دېگەندە 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى لاگېرغا قاماش قاتارلىق تەقىبلەش سىياسەتلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. 

ئارقىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە رۇسىيە قاتارلىق 37 دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى قوللاپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى. ھازىر بۇ رەقەم ئىران، ئىراق ۋە پەلەستىن قاتارلىقلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن 50 كە يەتتى. جەنۇبىي ئافرىقا بولسا ھەر ئىككىلا ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويمىغان.

ماگنۇس فىسكەسيو ئەپەندى ماقالىسىدە بۇ ھەقتىمۇ توختىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «مەن جەنۇبىي ئافرىقا ۋە شۇنداقلا ئېفېئوپىيە قاتارلىق بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى قوللاپ يېزىلغان خەتكە قول قويغان 37 دۆلەت قاتارىدا يوقلۇقىنى كۆرگىنىمدە يېنىك بىر نەپەس ئالدىم. مەن ھەتتا دوستلىرىمغا جەنۇبىي ئافرىقا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يولغا قويۇۋاتقان مەجبۇرىي مەدەنىيەت ئاسسىمىلاتسىيەسىگە ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قارشى تۇرىدىغان باشلامچى دۆلەت بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، دېدىم. چۈنكى بۇ پالاكەتنى خەلقئارالىق جامائەت پىكرى بولماي تۇرۇپ ۋە ئەينى چاغدا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئېرقچى ھاكىمىيىتىگە يۈرگۈزۈلگەن جازا تەدبىرلىرىدەك تەدبىرلەر بولماي تۇرۇپ ئاياغلاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.»

ماگنۇس فىسكەسيۆ ئەپەندىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم جەنۇبىي ئافرىقانى قول قويغۇزۇشقا ئۇرۇنغان، ئەمما مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. «مېنىڭ پەرەز قىلىشىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرى قوللاپ يېزىلغان خەتكە قول قويغۇزۇش ئۈچۈن چوقۇم جەنۇبىي ئافرىقىغىمۇ خىزمەت ئىشلىدى. چۈنكى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مۇھىم ۋە ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكى خىتايغىمۇ بەش قولدەك ئايان. ھازىرغىچە قول قويغانلار ئىچىدە جەنۇبىي ئافرىقا يوق. بۇنىڭدىن قارىغاندا، جەنۇبىي ئافرىقا خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئاخبارات ۋە تاراتقۇلارغا ناھايىتى نۇرغۇن مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھەققىدىكى ئىجابىي خەۋەرلەرنى كۆپلەپ بازارغا سېلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۇ يەردىكى جامائەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىگە قىلىۋاتقانلىرىنى، شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقانلىرىنى بىلىپ قېلىشىنىڭ شۇنداقلا بۇنىڭغا قارشى جامائەت پىكرى شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى.»

ماگنۇس ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا مانا مۇشۇ سەۋەبلىك جەنۇبىي ئافرىقالىقلارغا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەرنى كۆپرەك تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئۆز بېشىدىن بىر ئىرقىي ئايرىمىچى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزگەن جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ ماقالىسىدىمۇ «شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارچە ئاڭلىق كىشىلەر تەرىپىدىن تەنقىدلىنىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، بىز ھەممىمىز مۇشۇ ئاپەتنىڭ كېيىنكى نىشانىغا ئايلىنىمىز،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت