لاگېردىكىلەردىن «جىنايىتى» ئېغىر بولغان بىر بۆلىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020-04-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

لاگېردىكىلەرنىڭ 3 يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار (1)

ئىلاۋە:

خىتاي دائىرىلىرى «تەربىيەلەش» مەركىزىدىكىلەرنىڭ «ئوقۇش» پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قەشقەر ھېيتگاھنىڭ ئالدىدىكى بوشلۇق تېخى تولغىنى يوق؛ ئاقسۇ، خوتەن ۋە تۇرپاننىڭ مەھەللە-كوچىلىرىدىكى چۆلدەرەش تېخى تۈگىگىنى يوق؛ غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلەشكەن بازارلىرىدىكى قاينام-تاشقىنلىق تېخى ئەسلىگە كەلگىنى يوق؛ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار يەنىلا يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ نەدىلىكىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز. مانا بۇ ئەھۋال، ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدا لاگېرغا سولانغانلارنىڭ بۈگۈنكى يەنى لاگېر قۇرۇلۇپ 3 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە سوئاللار تۇغدۇرماقتا.

بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب سۈپىتىدە لاگېرلار ھەققىدە ھازىرغىچە ئىشلەنگەن پروگراممىلىرىمىزغا ئاساسەن، «لاگېردىكىلەرنىڭ ئۈچ يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار» دېگەن تېمىدا چاتما تەپسىلات سۇنماقچىمىز. تۆۋەندە بۇ چاتمىنىڭ بىرىنچى قىسمى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

 

ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ بىر تۈركۈم سىرلىق ئىجرائاتلىرى، ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» تورىنىڭ مەخپىي قاناللىرى ئارقىلىق ئىگىلىشى ۋە رادىيومىزنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر قىسىم تۈرمە ۋە تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا لاگېردىكىلەردىن جىنايىتى ئېغىر دەپ قارالغان بىر بۆلۈك كىشىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن.

لاگېردىكىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ 2017‏-يىلنىڭ ئاخىرى جەمئىيەتتە گۇمانلار پەيدا بولغان. بۇ گۇمانغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ئىدارىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنىڭ بىر مەھەل توختايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى سەۋەب بولغان. بۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان 10‏-ئاي مەزگىلىدە ئۇيغۇر رايوندىكى ھەرقايسى جايلاردىن دېرىزىلىرىگە قارا پەردە تارتىلغان ئاپتوبۇسلارنىڭ كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا نامەلۇم جايلارغا قاراپ سەپەر قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا ئۇچۇرلار تارقالغان.

بۇنىڭدىن بىر يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندە، يەنى 2018‏-يىلى سېنتەبىردە توققۇزاققا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا تۇنجى قېتىم توققۇزاقتىن بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

2018‏-يىلى 10‏-ئاينىڭ بېشىدا خىتايچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خېيلوڭجياڭنىڭ تەيلەي تۈرمىسىگە ئۇيغۇر رايونىدىن مەھبۇسلار يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى، بۇنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرنى بىئارام قىلغانلىقى ئىنكاس قىلىندى. بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئالاقىدار ھۆكۈمەت خادىملىرى تەيلەي تۈرمىسىدە ئۇيغۇرلار بارلىقىنى دەلىللىگەن. بۇ خادىم ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ 20 كۈنچە ئاۋۋال كەلگەنلىكى، يۆتكەشنىڭ يەنە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. 2018‏-يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئىتالىيەدە چىقىدىغان «زىمىستان» تورى ئىچكىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر مەھبۇسلار ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر بەردى. بۇ خەۋەرلەردىكى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا خېنەن، سىچۈەن، شەندوڭ قاتارلىق ئۆلكىلەر ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىمۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلار بارلىقى دەلىللەندى. گەنسۇدىكى بىر تۈرمە خادىمى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ گەنسۇدىكى بىر ئەمەس، ھەممىلا تۈرمىلەردە بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. سىچۈەننىڭ يىبىڭ تۈرمىسى بۇ جايدىكى مەھبۇسلار ئۇچۇرىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىسا، شەندوڭ بىرىنچى تۈرمىسىنىڭ خادىمى «شىنجاڭدىن مەھبۇس يۆتكەش خىزمىتى» نامىدا مەخسۇس خىزمەت تۈرى بارلىقى ۋە بۇ ھەقتە يىغىنلار ئېچىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«زىمىستان» تورى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ پويىز ئىستانسىسىدىن تۈرمىلەرگە كېچىدە يۆتكەلگەنلىكى ۋە يۆتكەلگەن مەزگىلدە كوچىلارنىڭ قاتتىق قامال قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەردە ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىردىن كامىرىدا تۇرىدىغانلىقى، سىرت بىلەن ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈك ئىكەنلىكى ۋە ئازراقلا نارازىلىق كەيپىياتى بايقالسا نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىۋېتىشكە بۇيرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا شەنشىنىڭ سۈيجياگو تۈرمىسىدىكى بىر خادىم ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ «تېررورچىلار» ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنى پەۋقۇلئاددە قاتتىق باشقۇرىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. يەنە تۈرمە خادىملىرىدىن بىرى قولىدىكى تىزىملىككە قاراپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن قاسىمجان ۋە ئىليار قاتارلىق 4 مەھبۇسنىڭ ئىسمىنىمۇ ئاشكارىلىغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەھبۇس يۆتكەۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەيۋاتقان بىر مەزگىلدە «سكاي نيۇس» نامىدىكى بىر ئاخبارات تورى كورلا پويىز ئىستانسىسىدىن 600 چە ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ نامەلۇم بىر جايغا يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتتى. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق تارتىلغان بۇ ۋىدېيولۇق كۆرۈنۈشتە مەھبۇسلارنىڭ چېچىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى، قوللىرىنىڭ كويزىلانغانلىقى، ھەر بىرىنىڭ ئىككى نەپەر ساقچى تەرىپىدىن يالاپ ئېلىپ مېڭىلىۋاتقانلىقى، كۈچلۈك بىر نازارەت ئاستىدا قەشقەردىكى قاماقخانىدىن مەلۇم بىر ئورۇنغا يۆتكىلىۋاتقانلىقى دۇنياغا ئاشكارىلاندى.

خەۋەرلەردىن مەھبۇس يۆتكەشنىڭ ئېنىق قاچان باشلانغانلىقى مەلۇم ئەمەس. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسماننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ 2017‏-يىلى 6‏-ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك قاماقخانىدىكى مەزگىلىدە ئابدۇمىجىت ئىسىملىك بىر تۇتقۇننىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە خېنەندىكى بىر تۈرمىگە يوللانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ سانى 500 مىڭ دەپ تىلغا ئېلىنغان. يېقىندا ئاۋسترالىيەدىكى بىر تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئۇيغۇر رايونىدىن 80 مىڭ كىشىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە مەجبۇرىي ۋە ھەقسىز ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن لاگېرلاردىكى «ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزدى» دەپ قارالغان بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەنلىكى مەلۇم، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېنىق سانى تېخى مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت