شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى شاھىتلىرى مىللىي ئارمىيەنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-04-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئالماتادا نەشر قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ناملىق كىتابتىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
ئالماتادا نەشر قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ناملىق كىتابتىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
RFA/Oyghan

بۇ يىل، 8-ئاپرېل كۈنى، 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 75 يىللىق خاتىرىسىدۇر. ھەر يىلى 8-ئاپرېل كۈنى قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، جۈملىدىن مىللىي ئارمىيەنىڭ سابىق جەڭچىلىرى ۋە ئوفىتسېرلىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان بۇ خاتىرە كۈننى ھەر خىل ئۇسۇللاردا خاتىرىلەپ كەلگەنىدى. دۇنيانىڭ باشقىمۇ مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئوخشاش قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ ھەر يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئەنە شۇ مىللىي ئارمىيە كۈنىنى خاتىرىلەشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغانىدى. لېكىن، بۇ يىلى دۇنياغا تارالغان كورونا ۋىرۇسى كېسىلى تۈپەيلى باشقا مەملىكەتلەر قاتارىدا قازاقىستاندىمۇ 16-مارتتىن تارتىپ بىخەتەرلىك چارىلىرى قوللىنىشقا باشلىغان. ئەنە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەۋقۇلئاددە ھالەت ئېلان قىلىنىپ، مەملىكەتتە بارلىق يىغىنلار، پائالىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك توختىتىلدى. ئۇيغۇرلارمۇ مىللىي ئارمىيەنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش تەييارلىقلىرىنى توختىتىپ، بۇ پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى كېيىنگە قالدۇردى. بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان سابىق مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭچىلىرى، ئوفىتسېرلىرى ۋە رەھبەرلىرى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەملىكەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ھازىر ئۇلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز قالغان.

شۇنى ئەسكەرتىش مۇمكىنكى، تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1944-يىلنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نىلقا رايونىدا خىتاينىڭ گومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە قارشى غېنى، فاتىخ، ئەكبەر قاتارلىق باتۇرلارنىڭ رەھبەرلىكىدە پارتىزانلار ھەرىكىتى كۈچىيىپ، كېيىنرەك بۇ بىر پۈتۈن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئايلانغان ئىدى. پارتىزان قوشۇنلىرى ۋە غۇلجادا قۇرۇلغان «ئازادلىق تەشكىلاتى» رەھبەرلىكىدىكى غۇلجا خەلقى بىرىكىپ، 7-نويابىر كۈنى ئومۇمىي قوزغىلاڭ كۆتۈردى ھەم غۇلجا شەھىرىنى ئازاد قىلىشقا كىرىشتى. 12-نويابىردا بولسا، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز كۇلۇبىدا يىغىن ئېچىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىكى ئاستىدا پۈتكۈل ئىلى ۋىلايىتى ئازاد قىلىنىپ، 1945-يىلى 8-ئاپرېلدا مىللىي ئارمىيە قۇرۇلدى ھەم ياز ئېيىدىن تارتىپ ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۈچ يۆنىلىش بويىچە ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۆتتى. مىللىي ئارمىيە 1949-يىلى، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئاخىرى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى.

مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇپ، ئارىدىن 75 يىل ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى بۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئالەمدىن ئۆتتى، پەقەت ئاز قىسمى ھازىر ھايات. شۇلارنىڭ بىرى نۇرمۇھەممەت سادىقوف ھازىر ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق تۇرگېن يېزىسىدا ياشايدۇ. ئۇ 8-ئاپرېل مىللىي ئارمىيە خاتىرە كۈنى بىلەن بۇ كۈننى يەنىلا ئۆزىنىڭ خاتىرىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

92 ياشلىق نۇرمۇھەممەت سادىقوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مىللىي ئارمىيەگە قانداق قىلىپ پىدائىي بولغانلىقىنى مۇنداق دەپ ھېكايە قىلدى: «1945-يىلى 1-ماي كۈنى چوڭ مەكتەپكە سەھنە ياساپتۇ. مەن شۇ ۋاقتىدا غۇلجا شەھىرىدە مۇزىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا بارغان ۋاقتىم ئىدى. شۇ سەھنىدە ئېلىخان تۆرەم: ‹بىزگە پەيت كەلدى، قېرىنداشلار. باسقۇنچىلاردىن ۋەتىنىمىزنى ئازاد قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى. باسقۇنچىلاردىن ۋەتىنىمىزنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن پىدائىي بولۇپ، تىزىمغا ئېلىنىڭلار› دېگەن گەپنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پىدائىيلىققا يېزىلدۇق. 17 ياشقا كەلگەن ۋاقتىم ئىدى.»

ئىگىلىشىمىزچە، مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى ئۈچ يۆنىلىشتە، يەنى شىمالدا تارباغاتاي ۋە ئالتايغا، ئوتتۇرا يۆنىلىشتە شەرققە، يەنى ئۈرۈمچىگە، جەنۇبتا ئاقسۇ يۆنىلىشىگە قاراپ ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. بۇ جەھەتتە ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرى تولۇق ئازاد بولۇپ، تا 1949-يىلنىڭ 10-ئېيىغىچە، يەنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى قىسىملىرى بېسىپ كىرگۈچە بۇ رايوندا مۇستەقىل ھاكىمىيەت ھۆكۈم سۈرگەن ئىدى.

نۇرمۇھەممەت سادىقوف سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «فورمىلارنى بەرگەندىن كېيىن ئۈچ ئاي سوۋېتتىن كەلگەن ئوفىتسېرلار بىزنى ئۆگەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بىزنى جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ ماڭدى. ئارمىيە تەشكىلاتىمىز ئايرىم ئاتلىق دىۋىزىيون بولۇپ، ئۇنىڭ كوماندىرى ناسىروف مىرزىگۈل ئىدى. بىز ئاۋغۇستنىڭ 1-كۈنى جەنۇبقا قاراپ ماڭدۇق.»

نۇرمۇھەممەت سادىقوف 1928-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى موزدۇزچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ دەسلەپتە غۇلجا قارادۆڭ مەكتىپىدە، ئاندىن مۇزىكا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقاندا ئۇرۇش باشلانغان. مىللىي ئارمىيە سېپىگە پىدائىي بولۇپ كىرگەن نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئاتلىق دىۋىزىيون كوماندىرى مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ قول ئاستىدا خىزمەت قىلغان ۋە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت مابەينىدە ئاقسۇ فرونتىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان. 11 ماددىلىق بىتىمدىن كېيىن، ئۇ 1950-يىللاردا، ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك كادىرلىرى مەكتىپىنى تاماملىغان. ئۇ ئۆز يۇرتى غۇلجاغا قايتىپ كېلىپ، خىزمەت قىلغان ۋە 1958-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى ۋەقەلەر شاھىتلىرىنىڭ بىرى پېشقەدەم ژۇرنالىست، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسلىھەتچىسى رىزا سەمەدى ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن شۇ يىللىرى 9-10 ياشلاردا ئىدىم. ئىنقىلابنىڭ ئاكتىپ قاتناشچىسى دادام زىيا سەمەدى پولكوۋنىك لاۋازىمىدا مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابى تەركىبىدىكى رازۋېدكا بۆلۈمىگە رەھبەرلىك قىلاتتى. شۇ چاغلاردا بىزنىڭ ئۆيگە قەددى-قامىتىگە ھەربىي كىيىم ئالاھىدە ياراشقان ھەر دەرىجىلىك ئوفىتسېر، ئەسكەرلەر كېلىپ، خىزمەت بابىدا سۆھبەتلىشىپ كېتىشەتتى. مەن ئۇلارغا قاراپ پەخىرلىنىپ كېتەتتىم. بىز، بىر دېمەتلىك بالىلار، مىللىي ئارمىيەمىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتۇقكى، ئۇلاردىن پەخىرلىنەتتۇق. ئۇلارنىڭ مېڭىش-تۇرۇشلىرىدىن جاسارەت، مەردلىك، مىللىتى، ۋەتىنىگە بولغان ساداقەت ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.»

رىزا سەمەدى يەنە مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا بېغىشلانغان ھەربىي پاراتتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رىزا سەمەدى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ 70 يىل داۋامىدا ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن زۇلۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق، مۇستەقىللىق يولىدا ئۆز كۈرىشىنى ھەرگىز توختاتمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ جەڭگىۋار مىللىي ئارمىيەسىنىڭ تەشكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ يەنە بىرى زۇنۇن تېيىپوف بولۇپ، ئۇ مىللىي ئارمىيە باش قوماندانىنىڭ ئورۇنباسارى لاۋازىمىدا چۆچەك، شىخۇ ئۇرۇشلىرىغا قوماندانلىق قىلغان ئىدى.

زۇنۇن تېيىپوفنىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان قىزى مۇبارەك خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت زۇنۇن تېيىپوفنىڭ ئىنقىلاب ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى يۇقىرى باھالاپ، «ئازادلىق» ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. زۇنۇن تېيىپوف گومىنداڭچىلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى تېررىتورىيەلەرنى ئىشغال قىلىشتا ئوتتۇرا يۆنىلىشكە قوماندانلىق قىلىدۇ. ئۇ كۆپلىگەن ھەربىي ئوپېراتسىيەلەرنى ماھىرلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن ‹ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن كۈرەش›، ‹باتۇرلۇق›، ‹ساداقەت› ۋە باشقىمۇ ئوردېن ۋە مېداللار بىلەن مۇكاپاتلانغان.»

زۇنۇن تېيىپوف 1949-يىلنىڭ ئاخىرىدا، يەنى ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى لاۋازىمىنى ئاتقۇرغان بولۇپ، 1955-يىلى ئۇنىڭغا گېنېرال-مايور ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئۇ 1961-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، 80-يىللىرى ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولغان.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى 5 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇردى، 1950-1960-يىللاردا ئۇنىڭ نۇرغۇن جەڭچى-ئوفىتسېرلىرى خىتاي كوممۇنىستىك تۈزۈمنى خالىماي، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ يەرلىشىپ قالغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت