«كېلەچەك پارتىيەسى» مۇئاۋىن رەئىسى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ھازىر نېمە قىلىۋاتقان بولساق ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىمۇ شۇنى قىلىمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-08-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە «كېلەچەك پارتىيەسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى ئىشخانىسىدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 2020-يىلى ئاۋغۇست، ئەنقەرە.
تۈركىيە «كېلەچەك پارتىيەسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى ئىشخانىسىدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 2020-يىلى ئاۋغۇست، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان «كېلەچەك پارتىيەسى» مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ھازىر نېمە دەۋاتقان ۋە نېمە قىلىۋاتقان بولساق ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىمۇ شۇنى قىلىمىز» دېدى.

تۈركىيە «كېلەچەك پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى، سابىق تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 6-ئىيۇل كۈنى پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىنىدا سۆزلەپ، ئەردوغان ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىشى» نى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇشىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ئارقىدىن «كېلەچەك پارتىيەسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ ھۆكۈمەتنى تىجارەت مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرغا ئىگە چىقماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەنىدى. بىز «كېلەچەك پارتىيەسى» نىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قاراتقان سىياسىتى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن مەزكۇر پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

«پارتىيەڭىزنىڭ رەئىسى سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ۋە سىز، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردۈڭلار، ھۆكۈمەت نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئويغا كېلىۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:

«ئاڭلىشىمىزچە تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدىكەن. بۈگۈنكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت خىتايغا قارشى ئىنكاس قايتۇرمايۋاتىدۇ. نېمىشقا دېسىڭىز؟ بۈگۈن تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور قېيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتايدىن تۆۋەن ئۆسۈم بىلەن قەرز ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ، بەزى مىنىستىرلار خىتاي بەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. خىتاي گەرچە ھاكىممۇتلەق تۈزۈمدىكى دۆلەت بولسىمۇ لېكىن تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا سىياسىي تۈزۈملەر مۇھىم ئەمەس دەپ خىتاينى مەدھىيەلەۋاتىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس، خىتاي ئالدى بىلەن دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلىدىغان، كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەت بولۇشى كېرەك.»

«كېلەچەك پارتىيەسى» مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى، قانداق بولسا بولسۇن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى كېرەك. چۈنكى خىتاي كوممۇنىست، زالىم تۈزۈمدىكى بىر دۆلەت، خىتايدا قانۇن يوق. خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ. خىتاي كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن بەزى كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا ھازىر 2 مىليون ئەتراپىدا ئادەم شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا ئىكەن».

«بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە سىز پارتىيە نامىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە نېمە دېمەكچىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، خىتاي ئەلچىخانىسى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنى مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە خىتايغا تەكلىپ قىلسۇن. ژۇرنالىستلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ كۆرۈپ كېلەيلى. بىزنى شەرقىي تۈركىستاندا خالىغان جايلارغا بېرىپ، خالىغان ئۆيگە كىرىپ، خالىغان كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىشكە رۇخسەت قىلسۇن. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارغا بېسىم يوقلۇقى، جازا لاگېرلىرى يوق دۆلەت ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرىمەن دەيدىكەن بۇنداق ھەيئەتلەرنىڭ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك».

سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى زىيارىتىمىزدە ئەگەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بەرسە دۆلەتنىڭ غۇرۇرىنى ۋە ۋىجدانىنى قۇربان قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن تىجارەت مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىمەن، خىتايدىن تۆۋەن ئۆسۈمدە قەرز پۇل ئالىمەن دەپ دۆلىتىمىزدىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرسە غۇرۇرىنى، ۋىجدانىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولىدۇ. دۆلەتلەرنىڭ غۇرۇرى بولىدۇ. تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرسە خىتاي سوتلىمايلا ئۆلتۈرىدۇ ياكى ئۆمۈربويى تۈرمىگە قامايدۇ. شۇڭا تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ھەرگىز قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى كېرەك.»

«تۈركىيەنىڭ سىياسىي تارىخىغا قارىغاندا ئوڭچى پارتىيەلەرنىڭ كۆپى ئۆكتىچى پارتىيە مەزگىلىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنى تەنقىد قىلىدۇ. لېكىن، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىنلا ئوخشاشلا سۈكۈتتە تۇرۇۋالىدۇ.

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە سىلەر قۇرغان ‹كېلەچەك پارتىيەسى› ھاكىمىيەتنى ئىگىلىسە باشقا بەزى پارتىيەلەرگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋالارمۇ؟» دېگەن سوئالغا سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى.

«مەن پارلامېنت ئەزاسى ۋاقتىمدىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلدۈم. مەن تۈرك مىللەتچىسىمەن. قەيەردە بىر ئېزىلگەن مەزلۇم خەلق بولسا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مېنىڭ بۇرچۇم ھېسابلىنىدۇ. پارتىيەمىزنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە باردى. ئۇ، ئاشۇ ۋاقىتتىمۇ ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلدى. بىز سايلامدا ئۇتۇپ ھۆكۈمەت قۇرساق شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ھازىر نېمە دېگەن بولساق ئۇ چاغدىمۇ شۇنى دەيمىز ۋە دېگەنلىرىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىمىز. بىز ھاكىمىيەتنى ئىگىلىسەك ئىراقتىكى، سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەر، قىرىم تاتارلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىق دىپلوماتىيەلىك يوللارنى سىنايمىز. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنى دېمەكچىمەنكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي بۇرچىدۇر».

«ھۆرمەتلىك سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا نېمە دېمەكچىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلغان ھامان مەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىس بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۈركىيەدىكى تۈرك دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئوتتۇرا شەرقتىكى تۈركمەن تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردىم. شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ھەر دائىم ئىشىكىمىز ئوچۇق. بىزگە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتلىرىنى ئېلىپ كەلسۇن، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئارقىلىق خىتايغا ئەھۋالنى يەتكۈزىمىز، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا دوكلاتلارنى سۇنىمىز. بىز بارلىق كۈچىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىنى تۈركىيەدە ۋە دۇنيادا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تىرىشىمىز. شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەر دائىم ھەمكارلىشىشقا تەييار بىز».

سەلچۇق ئۆزداغ 1958-يىلى قىرىققالە ۋىلايىتىنىڭ كەسكىن ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى يىللىرىدا سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان بولۇپ، 1992-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2011-يىلى ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ۋە مەزكۇر پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2019-يىلى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە «كېلەچەك پارتىيەسى» نى قۇرغان. ھازىر مەزكۇر پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۆتىمەكتە. ئەسلىدە گازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلغان سەلچۇق ئۆزداغنىڭ 5 كىتابى ۋە كۆپ ساندا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت