ئامېرىكانىڭ 2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو «2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلدى. 2020-يىلى 11-مارت، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو «2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» نىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلدى. 2020-يىلى 11-مارت، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي ئەھۋالىنى باھالاپ چىقىدىغان بولۇپ، مۇشۇ باھالاش دوكلاتىنى ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسەت ئىشلىرىدىكى قارار ئېلىش ئىشلىرىدا مۇھىم ئاساسلارنىڭ بىرى قىلىپ كەلمەكتە. شۇ قاتاردا 2019-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئەھۋاللارنى باھالاش دوكلاتىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى 11-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان دوكلاتلار يۈز نەچچە دۆلەتكە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن باھالاش ھەمدە تەھرىرلەشتىن ئۆتكەن ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۆز قىلغاندا ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىن خىتاينى ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە مىسال قىلىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇ سۆزىدە دۇنيا تەرەققىيات ۋە يېڭىلىققا يۈزلىنىۋاتقاندا خىتاي ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دەۋرگە قارشى چىقىش ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق-قىلىشنى تاللىۋالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. شۇ قاتاردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكانى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئەمەس، ئەكسىچە پۇقرالارنى تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىشقا تەتبىقلىشىنى تەنقىدلەپ «خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي جامائەتنى زور تۈركۈمدە قاماققا ئالماقتا. خۇددى مەن ئىلگىرى ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى قىلمىشى ‹بۇ ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ› بولماقتا. ئەمدىلىكتە ئۇلار بۇ ھەقتىكى رېئاللىقنىڭ ئاشكارىلىشىدىن ئەنسىرەپ مۇخبىرلارغا ۋەھىمە سالماقتا،» دېدى.

145 بەتلىك بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2019-يىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق-ئاستى قىلىشىغا ئەڭ چوڭ مىسال بولغان ئىشلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇلاردىكى دىنىي ۋە مىللىي كىملىكنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ئۇرۇنۇشى بولغان. بۇ لاگېرلار ئوخشىمىغان جايلاردا «تەربىيىلەش مەركىزى» ياكى «زاۋۇت» دېگەندەك ناملاردا ئاتالغان. ئەمما ئۇلار پۈتۈنلەي ھەربىيچە باشقۇرۇلىدىغان ھەمدە سىياسىي جەھەتتىكى مېڭە يۇيۇشنى ئاساس قىلغان تۈرمىلەردۇر. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىش ئارقىلىق لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ زۆرۈر تەدبىرلەردىن ئىكەنلىكىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ئەپسۇسكى، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە سابىق مەھبۇسلار لاگېرلاردىكى روھىي ۋە جىسمانىي قىيناق، خورلاش ۋە ئۆلۈم-يىتىم ۋەقەلىرىنى كۆپ قېتىملاپ ئاشكارا قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا بولۇپ كەتكەن مەخپىي دوكلاتلىرى بولسا بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىۋاسىتە دەلىللىگەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇندا غايىب بولغان كۆپلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ نامى بۇ قېتىمقى دوكلاتتا تىلغا ئېلىنىدۇ. بولۇپمۇ «ئىككى يۈزلىمىچى»، «بۆلگۈنچى» دېگەندەك ناملاردا ئازاد سۇلتان، ساتتار ساۋۇت، ئارسلان ئابدۇللا، غەيرەتجان ئوسمان، ئابدۇكېرىم راھمان، يالقۇن روزى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، مۇھەممەد سالىھ ھاجىم، تاشپولات تېيىپ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن غايەت زور بىر يوقىتىش بولىدىغانلىقى ئالاھىدە بايان قىلىنىدۇ. بۇ خىل تۇتقۇندا يەنە نامى ئاتالمىغان مىليونلىغان كىشىلەر بولۇپ، ئاشۇ سانسىز كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئائىلە جۇدالىقى ھەمدە گۆدەك پەرزەنتلەرنىڭ سەرسانلىقىدەك ئورتاق بىر پاجىئەگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلاردا قىيناقتىن باشقا ئۆلۈم ۋەقەلىرى كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇلار ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئالغان ھالدا بۇ خىل ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ يۈزلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بۇنىڭ ئاددىيغىنە «تەبىئىي» ئۆلۈم ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئامېرىكادا ئوقۇغان مۇتەللىپ نۇرمەمەت، ئۇيغۇرلارغا تونۇلغان يازغۇچى نۇرمەمەت توختى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمىدىنمۇ بۇ نۇقتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە يۇقىرى پەن-تېخنىكانىڭ ياردىمى بىلەن ئاۋاز تونۇش، چىراي تونۇش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى نازارەت قىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولغان. بۇنىڭغا ماس ھالدا ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنى ئۇششاق رايونلارغا ئايرىپ، ھەرقايسى بىرلىكلەر بىر-بىرىنى نازارەت قىلىدىغان ۋەزىيەتنى ياراتقان. كېيىنچە بولسا بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماي، مىليونلىغان خىتاي كادىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە «تۇغقان بولۇش» نامىدا مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە بىۋاسىتە نازارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقان ئاتالمىش ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامەتلىرىدىن «ھاراق ئىچمەسلىك»، «تاماكا چەكمەسلىك» دېگەندەك كۆپلىگەن تۈرلەر پاش بولغان.

دوكلاتتا ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن يەنە بىر نۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق پىكىر بايان قىلىش ھەقلىرىنىڭ بولماسلىقىدۇر. ھۆكۈمەت ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلەر ياكى رېئاللىق توغرىسىدا ھەرقانداق دەرىجىدە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن كىشىلەر تېزدىن لاگېرغا يوللانغان. ئىنتېرنېت ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە ياكى تېلېفون سۆھبەتلىرىدە مۇشۇ ھەقتە سۆزلەشكەنلەرمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە قولىنى چەتئەللەرگىچە سوزۇپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتە پىكىر قىلغانلىرىنى قورقۇتۇشقا ئۇرۇنغان. چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە پىكىر قىلغانلىرىغا ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق زەربە بەرگەن. مەسىلەن، گېرمانىيەدىكى تۈركلەر نەسلىدىن بولغان پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزەل ۋە ئامېرىكادىكى «راكېتا» ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەردىن كېيىن دۇچ كەلگەنلىرى بۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇغۇت ئېتىبارى، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئېتىبارى، قەرز ئېتىبارى» دېگەندەك بىر قاتار ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، دوكلاتتا بۇ ھادىسىلەرنىڭ پەقەت شەكىلگە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى كەمسىتىش، ئۇلارغا خاس مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقى ئالاھىدە يەر ئالىدۇ. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، 2019-يىلىغا كەلگەندە ئىچكىرىدىن يۈز مىڭلاپ ساقچى قوبۇل قىلىش، «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىي، قالاق ئىدىيەلەرنى زامانىۋى چۈشەنچىلەرگە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا لازىملىق كادىرلار قوشۇنىنى تولدۇرۇش دېگەندەك ناملاردا زور ساندىكى ئاققۇنلار قوشۇنىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ساندا نوپۇس كۆچۈرۈشنى تاماملىغان.

مانا مۇشۇنداق ئومۇمىي نازارەت، زور تۇتقۇن ۋە سىياسىي جەھەتتىكى كۈرەشلەر سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ سەۋرى چېكىگە يەتكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدا قاتتىق بولغان كونتروللۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقى تۈپەيلىدىن لاگېر سىرتىدىكى بۇ كىشىلەر ھېچيەرگە كېتەلمەيدىكەن. دوكلاتتا ھازىر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلىرىگە ئومۇملىشىپ بولغان قاتمۇ-قات تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى تولۇق نازارەتكە ئېلىپ بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىلمەسلىك تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ بۇ جايلاردىن قېچىپ كېتىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، 2019-يىللىق بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە دائىر بىر قاتار پائالىيەتلەرگە تېگىشلىك دەرىجىدە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت