ئابدۇۋەلى ئايۇپ: «مەن ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان ئانا تىلىمىزنى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆز پېتى قالدۇرالىساق دەيمەن» (11)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-12-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2016-يىلى 7-يانۋار، ئەنقەرە.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2016-يىلى 7-يانۋار، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاشۇ ئەزىم تۇپراقتا ئۆز غايىسىنى رېئاللاشتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئىمكانىيىتى قالمىغان ئاشۇ مىنۇتلاردا چەكسىز ئازابلىنىدۇ.

ئۇ ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى ئۆيىدە تۇرۇپ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا: «مەن تىرىشتىم، پۈتكۈل ئىمكانىيەتلىرىم بىلەن تىرىشتىم. ئەپسۇسكى، ۋەتەندىكى مەۋجۇت رېئاللىقنىڭ ماڭا شۇنداقلا ماڭا ئوخشاش چۈشنى چۈشەۋاتقان كىشىلەرنىڭ غايىسىگە ئەسلا مۇمكىنچىلىك بەرمەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن ئەسلىدە ئالەمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدىغان، ۋەتەندىكى رېئاللىققا توغرا كەلمەيدىغان غايىۋى چۈشنى چۈشىمىگەن ئىدىم. مېنىڭ چۈشلىرىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن تەلەپ قىلىدىغان ئەڭ ئەقەللىي ئارزۇلىرىنىڭ بىرى ئىدى. يەنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان ئانا تىلىمىزنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆز رەڭگى، گۈزەللىكى، پاساھىتى ۋە ھاياتىي كۈچى بىلەن قايتۇرۇپ بەرسەك، دېگەن ئارزۇدا ئىدىم. خۇددى ئەجدادلىرىمىز ئۇيغۇر تىلىمىزنى ئانا سۈتىمىز بىلەن بىزگە ھەدىيە قىلغىنىدەك، بىزنىڭمۇ ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆز پېتى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى قەرزىمىز بار ئىدى. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، بىزنىڭ بۇ ئەڭ ئەقەللىي ئارزۇيىمىزنى ئۆز تۇپرىقىمىزدا رېئاللاشتۇرىشىمىزغا ئىمكان بولمىدى.»

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مېنىڭ ۋەتەندە مېنى تالاي قېتىم ‹چاي ئىچىش› كە تەكلىپ قىلغان ساقچىلارغا ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىغا شۇنى دېگۈم كېلىدۇ. بىزدە چاي تۇتۇش ئەنئەنىسى مەۋجۇت. چاي بىر پىيالە سۇيۇقلۇقلا ئەمەس، بەلكى بىر كۆڭۈلنىڭ سىمۋولى. مەن ساقچىلارنىڭ ‹چاي› لىرىنى كۆپ ئىچتىم. ئەگەردە مۇمكىن بولسا، مەنمۇ ئۇلارغا چاي تۇتسام دەيمەن. يەنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چايغا ئوخشاتساق، ئۇلار بىلەن بىر شىرەدە بىللە ئولتۇرۇپ چاي ئىچىپ باقساق، بۇ قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتنىڭ چايغا دۈملەنگەن ئىچكى دۇنياسىنى ئۇلارمۇ تېتىپ باقسا دەيمەن. چۈنكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلى زەھەر ئەمەس. ئۇ شۇ قەدەر بىر خۇشپۇراق بىر چايكى، بۇنى سىز ئىچسىڭىزمۇ، مەن ئىچسەممۇ، خەنزۇ ئىچسىمۇ ياكى ئورۇس ئىچسىمۇ بولىدۇ. ھەممىمىز باراۋەر ئولتۇرۇپ ئىچسەك، ئەگەر ئۇيغۇرلاردىن ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىزگە ئوخشاش كىشىلىرىدىن خاتالىق ئۆتكەن بولسا قارشى تەرەپ بۇنى چۈشىنىشكە تىرىشسا، بىزمۇ ئۇنى توغرا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشساق دەيمەن. جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارغا توختىماي ‹چاي ئىچۈرۈلۈش› تىن ئىبارەت بۇ سىياسىي ئويۇن ياكى سىياسىي دۈشمەن يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ رەزىللىك ئۇيغۇر ئەنئەنىسىدىكى چاي ئىچىش ئادىتى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلسا، يەنى مەسىلىنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلسا دەيمەن. بىگۇناھ خەلقىمىز خورلانمىسا، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئارزۇلىرى دەپسەندە بولمىسا دەيمەن!...»

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

(تۈگىدى)

تولۇق بەت