ئامېرىكىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-10-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كوچا چارلاۋاتقان قوراللىق ئەسكەرلەر. 2014-يىلى 31-ئىيۇل، قەشقەر.
كوچا چارلاۋاتقان قوراللىق ئەسكەرلەر. 2014-يىلى 31-ئىيۇل، قەشقەر.
AFP


ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى خىتاي ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 328 بەتتىن تەركىب تاپقان بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئايرىم باپتا يەر بېرىلگەن ئىدى. خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكى، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى، دىنىي ۋە مىللىي ھوقۇقلار، ئەركىن ساياھەت قىلىش ۋە كۆچۈش ھوقۇقى، مۇھىت مەسىلىسىگە ئوخشاش كۆپ ساھەلەرگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر يورۇتۇپ بېرىلگەن بۇ دوكلاتتا، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان خىتاينىڭ تېخىمۇ قاتتىق قول ۋە خەلقئارا قانۇنلارنى تېخىمۇ مەنسىتمەيدىغان بوپكەتكەنلىكى ئېنىق قەيت قىلىنغان،ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىر قىسىم پىكىر - تەكلىپلەر سۇنۇلغان.

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان زور ھەجىملىك يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇ دوكلات ئامېرىكا پرىزىدېنتى باراك ئوباماغا سۇنۇلىدىغان دوكلات بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتايدىكى ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ مىللىي، دىنى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلار ئانالىز قىلىنىش ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مەلۇمات بېرىلىدۇ ۋە بەزى پىكىر - تەكلىپلەر سۇنۇلىدۇ.

دوكلاتنىڭ 2016 - يىللىق سانى دەل خىتاينىڭ «دۇنيا سودا تەشكىلاتى» غا ئەزا بولۇپ كىرگەنلىكىگە 15 يىل تولغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، كومىتېت دوكلاتىنىڭ كىرىش قىسمىدا مۇنداق دېگەن : «خىتاي بۇندىن 15 يىل ئاۋۋال تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ كىرگەندە بۇ تەشكىلاتنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى سىياسىي تەرەققىياتىغىمۇ جۈملىدىن خىتايدا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. خىتاي ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتىن دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۈچكە ئايلاندى. بىراق، خىتاي كومپارتىيىسى دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي پرىنسپ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن خىتاي 15 يىل ئاۋۋال كۈتۈلگەننىڭ ئەكسىچە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى ئىزچىل دەپسەندە قىلماقتا ۋە ئۆز قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ ھالدا سىياسەت يۈرگۈزمەكتە.»

خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش» ئەمەس بەلكى «دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق كونترول قىلىش» دېگەنگە ئۆزگەرتىۋالغانلىقىنى، قانۇنلارنى ئەمەلىيەتتە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى، ئۆكتىچى پىكىرلەرنى، كىشىلىك ھوقۇقنى، دىنىي ۋە مىللىي ھوقۇقلارنى باستۇرۇدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا خىتايدىكى مەسىلە بار دەپ قارالغان پىكىر ئەركىنلىكى، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى، ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى، ئەركىن ساياھەت قىلىش، دىنىي ھوقۇق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 19 خىل مەسىلە ئايرىم - ئايرىم ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ساھەلەرگە ئائىت مەسىلىلەر بىرمۇ - بىر ئىسپاتلىرى بىلەن بايان قىلىنغان. خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىرىس سىمىس ئەپەندى دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېگەن :«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئىنتايىن ناچار. ئۆتكەن ئۈچ يىل جەريانىدا ئىزچىل ھالدا ناچارلاپ ماڭماقتا. خىتايدىكى ئىسلاھاتچىلار، ئۆكتىچىلەر، ھوقۇق قوغدىغۇچىلار ئۈستىدىكى بېسىم ئارتىۋاتقان بىر شارائىت ئاستىدا بۇ مەزگىلنى ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ قاراڭغۇ مەزگىل، دېيىشكە بولىدۇ.»

كىرىس سىمىس ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا، مۇستەقىل ئورگانلارغا زەربە بېرىشتە، ئىنتېرنېت ۋە ئاخباراتنى كونترول قىلىشتا ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلىقىنى، يېڭى قانۇن - تۈزۈملەر ئارقىلىق دىنىي گۇرۇپپىلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى، تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ئىلگىرىلەپ خەۋپ ئاستىغا كىرگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۈگۈن دوكلات ھەققىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى بۇ دەۋرنى ھەقىقەتەنمۇ بىر قاراڭغۇ دەۋر دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئاسىيا دېموكراتىيە مۇنبىرى» نىڭ 2016 - يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئىلشات ئەپەندى دالاي لاما بىلەن بىللە
«ئاسىيا دېموكراتىيە مۇنبىرى» نىڭ 2016 - يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئىلشات ئەپەندى دالاي لاما بىلەن بىللە RFA

خەلقئارادىكى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئىزچىل كەينىگە چېكىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ياچۇ بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەن ئۆتكەن 3 يىل مابەينىدە خىتاينىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى بۇ ناچارلىشىشنىڭ ئىنتايىن روشەنلىكىنى، خىتاي جەمئىيىتىدىكى بارلىق ساھەلەرنىڭ قاتتىق كونترول ۋە چەكلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىــت قىسمىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك بېسىم سىياسەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي، سىياسىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان، ئۇلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش، كۆچۈش - يۆتكىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن. ئۇلارنىڭ تىلىنى چەكلىگەن. ئۇيغۇر ئېلىدا «دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش»، «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» دېگەن ناملار ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇ يەردىكى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات - ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. دوكلاتتا، ئۆتكەن يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىپ رادىيومىز ۋە باشقا خەلقئارالىق خەۋەر ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېنىقلىنىپ، دۇنياغا ئاشكارىلانغان ۋەقەلەر يۇقىرىدا دېيىلگەنلەرگە مىسال سۈپىتىدە بىرمۇ - بىر تەپسىلىي بېرىلگەن. خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى ۋەزىيەتكە قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنغان تەكلىپىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت رايونلىرىغا توسالغۇسىز بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ھەم شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق تىجارەت ئورگانلىرىنى خىتاي بىلەن ئىش قىلغاندا يۇىقىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، دىنى ياكى ئۆرپ - ئادەتلىرىگە زىيانلىق ھەرقانداق تىجارەتكە كىرمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئېلشات ھەسەن ئەپەندى كومىتېتنىڭ يۇقىرىدىكى تەلەپلىرىنىڭ ئىنتايىن ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى، بۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، بىراق ئۇ ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەلەپلەرنى ئىجرا قىلىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتى 80 مىڭ خەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ يىللىق دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەرگە قارىتىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ۋە شۇنداقلا خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىدىكى دېموكراتىيىسىدىكى چېكىنىش ئەڭ نۇقتىلىق تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر بولۇپ ھېسىابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت