ب د ت دا خىتاي ھۈكۈمىتىدىن بالىلار ھەقلىرى توغرىسىدا سوئال سورالدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013-09-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق ۋەكىللىرى ب د ت دا خىتاي ھۈكۈمىتىدىن بالىلار ھەقلىرى توغرىسىدا سۇئال سوراش يىغىنىدا
د ئۇ ق ۋەكىللىرى ب د ت دا خىتاي ھۈكۈمىتىدىن بالىلار ھەقلىرى توغرىسىدا سۇئال سوراش يىغىنىدا
RFA/Erkin Tarim

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 24 - نۆۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىيىغىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرى يەنى 26 - ، 27 - سىنتەبىر كۈنلىرى مەخسۇس يىغىن چاقىرىلىپ خىتاي ھۈكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بېيجىڭدىن كەلگەن 42 ۋەكىلدىن بالىلار ھەق - ھوقۇقلىرى توغرىسىدا سوئال سورالغان.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ۋەكىللەردىن ئۇيغۇر بالىلىرى توغرىسىدا 11 سوئال سورالغان بولۇپ، خىتاي ۋەكىللەر تۈزۈك جاۋاب بېرەلمىگەن.

يىغىنغا 24 - نۆۋەتلىك ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىيىغىنىغا ب د ت بالىلار ھەق - ھوقۇقلىرى كومىتېتى مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى، ھەر قايسى دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى، خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە خىتاي ۋەكىللەردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتايدىكى بالىلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا خىتاي ۋەكىللەردىن سوئال سورالدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك، ئۆمەر قانات، مايىك ۋە دولقۇن ئەيسا قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان ھەيئەتنىڭ 14 - سىنتەبىر كۈنىدىن 27 - سىنتەبىر كۈنىگىچە ئېلىپ بارغان پائالىيىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئۇلار ب د ت دىكى پۈتۈن كومىتېتلارغا پاكىتلىق دوكلاتلارنى سۇنغان. بۇ پاكىتلارنىڭ كۆپى ئەركىن ئاسيا رادىئوسىدىن ئېلىنغان پاكىتلار بولۇپ، كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن. رابىيە قادىر خانىم بەرگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى د ئۇ ق ھەيئىتىنى ب د ت دىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، د ئۇ ق ھەيئىتى پۈتۈن پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ جەنۋەدىكى ئىككى ھەپتىلىك پائالىيىتى كېلەر ئاي ب د ت دە ئۆتكۈزىلىدىغان خىتاينى ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن ئۇمۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت جەريانىدا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت