كېرىيىدىكى بوۋاق ئولتۇرۇش ۋەقەسى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2013-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بالىلىرىنى ئوينىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئايال. 2012-يىلى 1-ئىيۇل، قەشقەر.
بالىلىرىنى ئوينىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئايال. 2012-يىلى 1-ئىيۇل، قەشقەر.
PHOTONONSTOP

ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، كېرىيە ناھىيىسى ئارىش يېزىسى شىركە كەنتىدىن 4 بوۋاق ئانا قارنىدىلا زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ پەقەت مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە شىركە كەنتىدە، ئانا قارنىدا تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بوۋاقلارنىڭ سانى.

ئارىش يېزىسىدىكى باشقا كەنتلەردىنمۇ ئېغىر ئاياق ئاياللار قوغلاپ تۇتۇلۇپ، ئۇلارنىڭ قارنىدىكى تۇغۇلاي دەپ قالغان بوۋاقلار مەجبۇرىي ئېلىۋېتىلگەن. ئەمما، بۇ بىر ئاي ئىچىدە پۈتۈن ئارىش يېزىسى بويىچە دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان جەمئىي قانچە بوۋاقنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.

بىز تۇغۇلاي دەپ قالغان بالىسىدىن ئايرىلغان بىر دېھقاننى ۋە شۇنداقلا بۇ قېتىمقى بوۋاق ئولتۇرۇش ۋەقەسىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان ئايال يېزا باشلىقى ئاۋات مەمتىمىننى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن زىيارەت خاتىرىسىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت