كېرىيىدە قەتلە قىلىنىشقا دۇچ كەلگەن 4 يېرىم ئايلىق ھامىلىنىڭ ئاتا-ئانىسى دوختۇرخانىدىن قاچتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-12-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بالىلىرىنى ئوينىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئايال. 2012-يىلى 1-ئىيۇل، قەشقەر.
بالىلىرىنى ئوينىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئايال. 2012-يىلى 1-ئىيۇل، قەشقەر.
PHOTONONSTOP

كېرىيىنىڭ ئارىش يېزىسىدا ئۆتكەن ھەپتىنىڭ چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى، خىتاي دائىرىلىرى 4 نەپەر ھامىلىدار ئايالغا قارىتا بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بېرىپ 5 ئايلىقتىن 9 ئايلىققا قەدەر بولغان 4 ھامىلىنى قەتلە قىلغان ئىدى.

قەتلىئام كېرىيىدىكى نۇرلۇق دوختۇرخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.  مەلۇم بولۇشىچە  مەزكۇر دوختۇرخانىدا قەتلە قىلىنىشنى كۈتۈپ ياتقان يەنە بىر 4 يېرىم ئايلىق ھامىلىنىڭ ئاتا-ئانىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن دوختۇرخانىدىن قاچقان. ئۇلار مۆكۈنۈش ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قەتلىئامدىن ۋاز كېچىشىنى كۈتمەكتە. بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن مەزكۇر يېزا باشلىقى، ئەھۋال ئاخباراتقا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ھامىلە قەتلە قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ۋەقەنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلانغانلىقىدىن ئاز-تولا ئۈمىدلەنگەن مەتقۇربان نۇرى ۋە ئۇنىڭ ھامىلىدار ئايالى روزىخان مەمەت، تۈنۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن ئۈن-تۈنسىز چىقىپ كەتكەن.

مۇخبىر: سىز ھازىر قەيەردە؟
مەتقۇربان: بىز ھازىر سىرتتا. تۈنۈگۈن دوختۇرخانىغا 2300 يۈەن ئوپېراتسىيە پۇلىنى تاپشۇرۇۋېتىپ، بىزگە قاراۋاتقان مەھەللە باشلىقى بىزدىن ئۇزاقلاشقان ۋاقىتتا غىپپىدە يېنىپ چىقتۇق.

مۇخبىر: پلانىڭلار نېمە؟
مەتقۇربان: بىرقانچە كۈنگىچە كۆرۈنمەي يۈرسەك، ۋەزىيەت ئوڭشۇلۇپ قالار دەپ ئويلاۋاتىمىز.
مۇخبىر: دوختۇرخانىدىن قېچىپ چىقىۋاتقان ۋاقتىڭلاردا سىلەرنىڭ ئالدىڭلارنى توسقۇچىلار چىقمىدىمۇ؟
مەتقۇربان: ياق، ئۇنداق بولمىدى. راست، يەنە بىر ئىش: 4-5 يىلىنىڭ ئالدىدا كوپېراتسىيىگە، يەنى دادۈيگە 35 مىڭ سوم ئۆتنە بېرىپ تۇرغان ئىدىم؛ بۇ پۇلنى نەچچە قېتىملاپ يالۋۇرۇپ سورىساممۇ  تېخىچە ماڭا قايتۇرمايۋاتقان، ئۈلۈشكۈن  بىزنى دوختۇرخانىغا ئەكېلىشنىڭ ئالدىدا سېكرېتار  شۇ 35 مىڭ سوم پۇلنى ئالدىمغا قويۇپ، ئەگەر بالىنى چۈشۈرسەڭ مۇشۇ پۇلۇڭنى قايتۇرىمىز دېگەن؛ مەنمۇ ماقۇل دەپ پۇلنى ئالغان ئىدىم. شۇڭا تۈنۈگۈن دوختۇرخانىدىن قاچقان چېغىمدا شۇ پۇلنى تارتىپ ئېلىۋالمىسۇن دەپ قورقۇپ، بانكىدىكى 30مىڭ سوم قەرزىمنى قايتۇرۇۋالدىم....
مۇخبىر: بولىدۇ، سىزگە خاتىرجەملىك تىلەيمىز، بىز باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈپ باقايلى.....

مۇخبىر:  سىز يېزا باشلىقى ئەنۋەر ئىسمائىلمۇ؟
يېزا باشلىقى: مەن مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئەنۋەر مۆمىن.
مۇخبىر: سىلەرنىڭ بۇ يەردە نېمە ئىش بولۇپ كېتىپ بارىدۇ ھازىر؟
يېزا باشلىقى: ھېچ ئىش بولمىدى، بىزنىڭ بۇ يەردە؟
مۇخبىر: بالىلارنى ئۆلتۈرۈش،   ئانا قارنىدىكى 5-6، 7-8 ئايلىق بالىلارنى قەتلە قىلىش ئادەتتىكى ئىشمۇ سىلەرنىڭ بۇ يېزىدا؟
يېزا باشلىقى: ....
مۇخبىر: بۇ تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن ئىشمۇ بۇندىن بۇرۇنمۇ بولۇۋاتقانمۇ؟
يېزا باشلىقى: تۇنجى قېتىم.  تۇنجى قېتىم بولۇۋاتىدۇ. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە دېھقانلارغا 3 پەرزەنت دېيىلگەن بولغاچقا.....
مۇخبىر: سانغۇ شۇنداق. بىراق 4 ئايلىقتىن ئاشقان بالىلارنى چۈشۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىدىن خەۋىرىڭلار بارمۇ-يوقمۇ سىلەرنىڭ؟
يېزا باشلىقى: خەۋىرىمىز بار. بىراق ۋىلايەت  بۇ ئىشنى بەك چىڭ تۇتىدۇ، بىر بالىمۇ ئوشۇق تۇغۇلسا بولمايدۇ دەپ تەلەپ قويىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر بېلەت بىلەن ھەممىنى رەت قىلىش دەيدىغان تۈزۈم بار، بۇ دېگەنلىك يېزىدا بىر بالا ئوشۇق تۇغۇلسا، يېزىنىڭ باشقا خىزمەتلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردا بولسىمۇ ھېسابقا ئېلىنمايدۇ، بېسىم بەك ئېغىر...
مۇخبىر: ۋىلايەتتىن بېسىم ئېغىرمۇ بۇ جەھەتتىن؟
يېزا باشلىقى: ياق دېھقانلاردىن. دېھقانلارنى چىڭ تۇتساق قېچىپ كېتىپ سىرتتا تۇغۇپ كېلىدۇ، گەپ ئاڭلىمايدۇ، مۇشۇ قېتىمقى ھەممىسى ساۋاتسىزلار......
مۇخبىر: بىراق ھازىر سىلەرنىڭ جازالاۋاتقىنىڭلار سىز ساۋاتسىز دەۋاتقان ئۇ دېھقانلار ئەمەس، ئانا قارنىدىكى بىگۇناھ بوۋاق، بىر جان. سىلەر مۇشۇلارنى نۇرلۇق دوختۇرخانىسىغا قانداقلارچە تۇتقۇزۇپ قويالىدىڭلار؟
يېزا باشلىقى: ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىدە....
مۇخبىر: شۇ ھۆججەتتە 4 ئايلىق يۇقىرى ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە بولىدۇ دېگەن ماددا بارمىكىن؟
يېزا باشلىقى: ئۇنداق يوق. بىراق پىلانلىق تۇغۇت دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى بولغاندىكىن چىڭ تۇتمىساق بولمايدىكەن.
مۇخبىر: سىلەر مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ھازىرغىچە چۈشۈرۈۋەتكەن بالا قانچە؟
يېزا باشلىقى:  ئۈچقۇ دەيمەن، مەن بۇ ئىشقا يېڭى مەسئۇل بولدۇم، تەپسىلاتىنى ئۇقمايمەن.
مۇخبىر: ھازىر سىلەر چۈشۈرمەكچى بولغان يەنە قانچىسى بار؟
يېزا باشلىقى: ئەمدى يوق، ئۇنداق قىلىشنى توختاتتۇق.
مۇخبىر: قاچاندىن بېرى توختاتتىڭلار؟
يېزا باشلىقى: تۈنۈگۈندىن بېرى توختاتتۇق.
مۇخبىر: نېمە سەۋەب بىلەن، قانداق بىر ئۇقتۇرۇش بىلەن توختاتتىڭلار:
يېزا باشلىقى: تۈنۈگۈن ۋىلايەتتە كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىلىۋاتقان، شۇ يەرگە مەركەزدىن تېلېفون كەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن توختاتتۇق. تۈنۈگۈن مەتقۇربان دەپ  بىرسىنى قويۇپ بەردۇق.
مۇخبىر: مەتقۇربان ئايالى بىلەن دوختۇرخانىدىن قاچتىمۇ ياكى سىلەر قويۇپ بەردىڭلارمۇ؟
يېزا باشلىقى : بىز قويۇپ بەردۇق.
مۇخبىر: پات ئارىدا ئۇنى يەنە تۇتۇش، دوختۇرخانىغا ئەكېلىش ئېھتىمالىڭلار بارمۇ؟
يېزا باشلىقى: ياق ئۇنداق قىلمايمىز.

يۇقىرىقى يېزا باشلىقى كېرىيىنىڭ ئارىش يېزىسىدا يۈزبەرگەن ھامىلە قەتلە قىلىش ۋەقەسىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ۋىلايەتكە ئارتماقتا. يەنە مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر يېزا رەھبەرلىرىنىڭ ھامىلە قەتلە قىلىشنى توختىتىشى پەقەت بېيجىڭدىن كەلگەن نامەلۇم  بىر تېلېفونغا ئاساسەنلا قارار قىلىنغان. بۇ ھەقتە مەخسۇس چۈشكەن بىرەر يازما ھۆججەت ياكى ئۇقتۇرۇش ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت