ئۇيغۇر دىيارىدا ئىسلامىي يوسۇندا كىيىم تىكىش چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا

ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ئىسلامىي يوسۇندا كىيىنىشىنى چەكلەش ئارقىلىق دىنغا بولغان ھۆرمىتى ۋە ئېتىقادىنى ئاجىزلىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى شەھەر ۋە يېزا-بازارلىرىدىكى كىيىم تىكىش ئورۇنلىرىغا «ۋەدىنامە» ئىمزالىتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013-01-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سايرام بازىرىدىكى «ئىككى خىل» مودېل كۆرگەزمىسىدە دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن قىز. 2011-يىلى دېكابىر.
سايرام بازىرىدىكى «ئىككى خىل» مودېل كۆرگەزمىسىدە دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن قىز. 2011-يىلى دېكابىر.
RFA

بۇ ھەقتە بىلدۈرۈلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەدىنامىدە «10غا يول قويماسلىق» شەرتى بويىچە ھىجاپ تۈسىدىكى كىيىملەرنى تىكىپ سېتىشقا يول قويماسلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا. «10 غا يول قويماسلىق» ۋەدىنامىسىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىدا يەنە «سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغانلار ۋە ھىجاپ كىيىش، ئۇزۇن ساقال قويۇش (ياش ئەرلەر)، چۈمبەل ئارتىش قاتارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەتكە يات قىلمىشى بارلارنى ياللاپ ئىشلىتىشكە ياكى قوندۇرۇشقا بولمايدۇ؛ تىجارەت سورۇنىنىڭ ئىچىدە ناماز ئوقۇشقا يول قويۇلمايدۇ» دېگەندەك مەزمۇنلارمۇ بار ئىكەن.

بىز ئۇيغۇر دىيارىدا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق قىلمىشلارنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردىكى بىر نەچچە كىيىم تىكىش مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئىگىلىدۇق.

ئاقسۇنىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسىدىكى كىيىم تىكىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىسلامچە كىيىم تىكىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا خەۋەر قىلىش لازىملىقىنى، ئۇلار ئۇنىسىلا تىكىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاتۇشتىكى مەلۇم كىيىم تىكىش مەركىزى مەسئۇلى بولسا بۇنداق كىيىملەرنى تىكىپ سېتىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

غۇلجىدىكى مەلۇم بىر كىيىم تىكىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى بولسا، مۇخبىر ئىكەنلىكىمىزنى بىلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇنداق كىيىم تىكمەيدىغانلىقىنى، پەقەت مودا كىيىم تىكىدىغانلىقىنى ئېيتىپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

خوتەندىكى بىر كىيىم تىكىش مەركىزى مەسئۇلى بۇنداق كىيىمنى تىكمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ سوئال سورىشىمىزنى ساقلىمايلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مەلۇم رايوندا ياشايدىغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر ئايال ئۆزىنىڭ ۋەتەندە ئۆز ئۇسلۇبىغا خاس كىيىم تىكتۈرۈپ كېيەلمەيۋاتقانلىقىدىن قاقشىدى.

بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تېلېفون سۆھبىتىمىزگە قۇلاق سالغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت