دولقۇن ئەيسا ئىتالىيەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017-07-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا(ئوڭدىن ئۈچىنچى) ئەپەندى 35-نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا. 2017-يىلى 12-ئىيۇن، جەنۋە.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا(ئوڭدىن ئۈچىنچى) ئەپەندى 35-نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا. 2017-يىلى 12-ئىيۇن، جەنۋە.
RFA/Ekrem

د ئۇ ق باش كاتىپى، ئۇ ن پ ئو مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 26-ئىيۇل ئىتالىيە يۇقىرى پالاتاسىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن گۇۋاھلىق بېرىش مەخسۇس يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەشتىن 15 مىنۇت ئىلگىرى، رىمدىكى دىگوس دەپ ئاتالغان ئالاھىدە ھەرىكەت باشقارمىسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، ئۈچ يېرىم سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. بۇ ۋەقە ئۈچ كۈندىن بۇيان كۆپلىگەن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تارقىتىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم قىزىق تېمىغا ئايلاندۇردى ھەمدە تۈرلۈك غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 28‏-ئىيۇل سائەت 11:00 دا ميۇنخېنغا قايتىپ كەلدى. ئۇ تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىتالىيەدە يەنە قانداق ۋەقەلەرنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاينىڭ بېسىمى ۋە قارشىلىقلىرىنىڭ ئىتالىيەدە يەنە داۋام قىلغانلىقىنى، ئىتالىيە يۇقىرى پالاتا مەسئۇللىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. 
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر 27-ئىيۇل كۈنى سائەت 11:00 دا يۇقىرى پالاتا ئالدىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ يىغىندا يۇقىرى پالاتا ئەزاسى كومپاگنا، زوراۋانسىز رادىكال پارتىيە كاتىپى لاۋرا ھارت، ئۇ ن پ ئو خادىمى لۇسىيا پاررۇچى قاتارلىقلار مۇخبىرلارغا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئىتالىيەگە قەدەر قول سوزۇپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە ئىتالىيە دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا تىز پۈكۈپ، دولقۇن ئەيسانى ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ئاۋارە قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ پارتىيە ۋە شەخسلەر 26-ئىيۇل دولقۇن ئەيسا تۇتۇپ كېتىلىپ بىر سائەتتىن كېيىنلا خەلقئاراغا باياناتلار ئېلان قىلىپ، ئىتالىيە ساقچى دائىرىلىرى ئۈستىدىن شىكايەتلەر قىلغان ئىدى.

ئىتالىيە يۇقىرى پالاتا ئەزاسى كومپاگنا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدەر جىددىيلىشىپ كېتىشلىرىنى كۆرۈپ، دولقۇن ئەيسانىڭ نەقەدەر مۇھىم بىر ئەرباب بولغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دەۋاسىدا نەقەدەر ھەقلىق بولغانلىقىنى چۈشەندىم» دېگەن. 

زوراۋانسىز رادىكال پارتىيە كاتىپى لاۋرا خانىممۇ ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، دولقۇن ئەيسادەك تونۇلغان بىر كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىسىگە سوغۇق قول تەككۈزۈشنىڭ دېموكراتىك ئىتالىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ۋە قىممەت قارىشىغا قىلىنغان ھاقارەت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. 

ئىتالىيە يۇقىرى پالاتاسىدا 26-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلماقچى بولغان دولقۇن ئەيسا تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، يىغىن يەنىلا داۋاملاشقان ۋە دولقۇن ئەيسانىڭ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولۇپ ھازىرلاپ كەلگەن گۇۋاھلىق دوكلاتىنى ئۇ ن پ ئو خادىمى لۇسىيا خانىم ئوقۇپ ئۆتكەن ئىدى. 

مەزكۇر دوكلاتتا، نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتۇپ كېتىش ۋەقەلىرى، تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى چەكلەش، دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى ئاياق ئاستى قىلىش، بارغانسېرى ۋەھشىيلىشىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، قەشقەر-گۋادار پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرى قاتارلىق كەڭ ساھەلەردىكى ئەمەلىي تېمىلار ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت