«2016-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-05-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي قوراللىق كۈچلىرى كوچا چارلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 23-ماي، ئۈرۈمچى.
خىتاي قوراللىق كۈچلىرى كوچا چارلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 23-ماي، ئۈرۈمچى.
AFP

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ۋەقەلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋەكىل خاراكتېرلىك مەسىلىلەر دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 17-ماي كۈنى «2016-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. 30 بەتلىك بۇ دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى، خالىغانچە قولغا ئېلىش مەسىلىسى، باشقا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلار، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھوقۇقلار مەسىلىلىرى، ئۇيغۇر مۇساپىرلار ۋە پاناھلانغۇچىلار مەسىلىلىرى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تىلغا ئېلىنىپ، ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋەقەلەر مىسال كەلتۈرۈلۈپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى شەرھلەنگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى مەخسۇس ھالدا ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە جەنۋەدە ئېچىلىدىغان يىغىنغا توغرا كەلتۈرۈلگەن ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىن ھازىرغىچە بولغان ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەسسىلەپ كۈچەيگەن. جۈملىدىن خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئامىللىرىنىمۇ جىنايەت كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى «بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن ناملار ئاستىدا دەپسەندە قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكەن يىل بىرىنچى ئايدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ھوقۇقلىرى ۋە ساياھەت ئەركىنلىكى، ئاخبارات-ئۇچۇر ئەركىنلىكى ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىنىشىغا يول ئاچقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى بۇ دوكلات مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى ۋە بۇ دوكلاتنىڭ شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى شەرھلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ دوكلاتتىكى ئىككى نۇقتىنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى : «مەن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دىنىي ئەركىنلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا مەركەزلەشمەكچىمەن. بۇنىڭ سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەزگىل ئىچىدە مۇشۇ ئىككى ساھەگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار قانۇن-تۈزۈملەرنى ئېلان قىلدى ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچىكى، يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىغا قانداق ئىسىم قويۇشقىچە بولغان كەڭ ساھەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى چەكلىمە ئاستىغا ئېلىندى. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇق دېگەن ئىسىمنى سۇيىئىستېمال قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتىكى تىنچلىقپەرۋەر ھەرىكەتلىرىنىمۇ تېررورلۇق بىلەن قارىلاۋاتىدۇ. مەنچە، بۇ دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىك.»

دوكلاتتا، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ۋەقەلەر، مەسىلەن تۇرسۇنجان مەمەت، ئابابەكرى مۇختار قاتارلىق 5 نەپەر تور باشقۇرغۇچى ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، 2016-يىلى 5-ئايدا خىتايغا بارغان تۈرك ئاكادېمىكلەرنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراپ مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى، مەسچىت چېقىش ھەرىكىتى، خوتەندىكى يېزا-كەنتلەرگە مەسچىت باشقۇرۇش كادىرلىرى ئەۋەتىش، ئاتا-ئانىلارنىڭ دىنىي كەيپىياتىنى بالىلىرى ئارقىلىق ئىگىلەش ۋەقەلىرى، دىنىي ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى ۋىدىيولارنى كۆردى، دېگەن سەۋەب بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەر، كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ جىنازا نامىزىغا بارمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئىمام ئەنۋەر ھەسەن ۋە مەزىن ئەكبەر نەسرىدىنلەرنىڭ ۋەقەلىرى تەپسىلىي ھالدا ئورۇن ئالغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە يۇقىرىدىكىلەردىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ قولىنى ئۇزىتىپ، بېسىم شەكىللەندۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى جىددىي ۋەزىيەت، نۆۋەتتە خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ ھەم شۇنداقلا خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھازىرقى سىياسەتلەرنى «چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئېغىر» دەپ شەرھلىمەكتە. ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمنى بۇ دەرىجىدە ئاشۇرۇشىدىكى سەۋەبلەرگە ئۇزۇن مۇددەتتىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بارىن ۋەقەسى يۈز بەرگەن 1990-يىللاردىلا ئۇيغۇر ئېلىدا قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى پەيدىن-پەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بۈگۈنگە كەلگەن، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما قىسقا مۇددەت ئىچىدە تەھلىل قىلغاندا، بۇنىڭ شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى» پىلانى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «‹بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتى› شى جىنپىڭ ئۈچۈن ھەم شۇنداقلا خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. خىتاينىڭ بۇ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن مۇھىم پىلانلىرى بار. ئۇيغۇر ئېلى بولسا مانا بۇ پىلانلاردا مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا جايلاشقان. شۇڭا شى جىنپىڭ بۇ رايوننى كونترول قىلىپ، ئۆز پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىلىغا ھۇجۇم قىلىدىغان سىياسەتلەرنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دوكلاتى ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن چېكىدىن ئاشقان سىياسەتلىرىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگىمۇ ئۆز تەلەپلىرىنى قويۇپ ئۆتكەن. ئۇلار ئىچىدە ھەرقايسى دېموكراتىك ئەللەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىش ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەر مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا جىددىي تەدبىر ئېلىش قاتارلىقلار ئورۇن ئالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت