ئىككى يىل كېسىلگەن غوللۇق ئەرزدار ئۆمەرجان ئابلا تۈرمىدىن چىقىپلا يەنە رادىئومىزغا دەردىنى تۆكتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-04-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻟﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﻗﯧﺪﯨﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﻨﮋﯨﻨﯧﺮﻯ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺋﺎﺑﻼﻧﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﺯﺩﺍﺭﻻﺭ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺑﻮﺷﯜﻥ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻟﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﮔﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﻗﯧﺪﯨﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﻨﮋﯨﻨﯧﺮﻯ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺋﺎﺑﻼﻧﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﺯﺩﺍﺭﻻﺭ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺑﻮﺷﯜﻥ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بېيجىڭدىكى غوللۇق ئەرزدارلاردىن ئۆمەرجان ئابلا، ئۆزىنىڭ ۋە باشقا ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ ئەرز - شىكايەت ماتېرىياللىرىنى توردا ئېلان قىلغانلىقى ۋە خەلقئارا ئاخباراتقا مەلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ 2 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

تېخى ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن ئۆمەرجان ئابلا تۈرمىدىن چىقىدىغان كۈنى ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى ۋە مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئوچۇق بىلدۈرۈپ، ئەرز قىلىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ دېگىنى بويىچە، ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن ۋە بۈگۈن رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ ناھەق ھالدا ئىككى يىل تۈرمىدە ياتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:

ئەسلىدە قاراماي نېفىت شىركىتىدە ئىشچى بولغان، كېيىن شىركەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئىشتىن بوشىتىۋېتىلگەن ئۆمەرجان ئابلا، بىرقانچە يىلدىن بېرى بېيجىڭدا نېفىت شىركىتىدىكى ناھەقچىلىقلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۆمەرجان يەنە ئۆزى ياسىغان نېفىت قېدىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر ئۈسكۈنىنىڭ پاتېنت ھوقۇقى بىر خىتايغا بېرىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ھەقتىمۇ ئەرز قىلىش بىلەن بىرلىكتە، بېيجىڭغا كەلگەن باشقا ئۇيغۇر ئەرزدارلارغىمۇ يول كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەرزلىرىنى قانۇنىي يول بىلەن ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم قىلغان. ئۆمەرجان ئابلانىڭ ئەرز قىلىش ئۇسۇلى بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش بولسا، بۇ كارغا كەلمىگەندە ئەھۋالنى خەلقئارا ئاخباراتلارغا ئاشكارىلاش بولغان. ئۇ يەنە دائىرىلەر ئەرزىگە قۇلاق سالمىغاندا، سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي دۆلەت ئورگانلىرى ئالدىدا توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن؛ بەزىدە ب د ت ئىشخانىسى ۋە بەزىدە چەتئەل كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا، خىتاي دۆلەت ئورگانلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇ ئىككى يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئۆمەرجان سوتتا، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش دېگەن ئەيىبلىمىنى رەت قىلغان. ئۇ ئەكسىچە، پارىخور ئەمەلدارلانىڭ قىلمىشىنى پاش قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ۋېن جياباۋنىڭ خەلق ھۈكۈمەتنى نازارەت قىلىش، ئاخبارات ئەركىن بولۇش دېگەن چاقىرىقلىرىغا ئاساسەن ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۆمەرجاننىڭ سوتتىكى بايانلىرىنى رەت قىلالمىغان سوتچىلار، ئۇنى يەنىلا ئىككى يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، سوتتا ئۇنىڭ 59 ئۇيغۇر ئەرزدارنىڭ ماتېرىياللىرىنى توردا ئېلان قىلغانلىقى، ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى يېتەكلىگەنلىكى جىنايى پاكىت سۇپىتىدە تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا، ئانىسىنىڭ ۋاپاتىنى مۇخبىرغا بايان قىلىشىمۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش دەپ قارالغان.

ئۆمەرجان تۈرمىدىن قويۇۋېتىلگەن كۈنى ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى ۋە مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ساقچىلارغا ئوچۇق ئېيتقان ۋە دېگىنى بويىچە بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ ئەرزىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئۆزىنىڭ تۈرمە تەسىراتىنى بايان قىلغان ئۆمەرجان، خىزمىتىدىن ئايرىلغان ۋە پاتېنت ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغاندىن كېيىن، ئائىلە بويىچە ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۆزى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۈرمىنىڭ ئىچى بىلەن سىرتىدا چوڭ بىر پەرقنى بايقىمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ ھەقتە بىر مىسال ئېلىپ، مۇنداق دېدى: «قاماقتا ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن تۆرت ۋاق تاماق بار، ئەمما مەن 5 يىلدىن ئارتۇق ياشىغان بېيجىڭدىكى كۆۋرۈكلەرنىڭ ئاستىدا بەزىدە يەيدىغانىمىز بار، بەزىدە يوق، بىز يېتىۋاتقان كۆۋرۈك ئاستىنىڭ ئۈستى يېپىق بولسىمۇ، ئىككى يېنى ئوچۇق، قاماقخانىنىڭ بولسا تۆت تېمى بار، ھېچ بولمىسا شىۋىرغاندىن بولسىمۇ مۇداپىئەلىنەلەيمىز.»

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئەمدى ھاياتى بۇ باسقۇچقا كەلگەندە قايتا تۇتۇلۇش ۋە كېسىلىشتىن قورقمايدىغانلىقىنى، سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي دۆلەت ئورگانلىرىغا ئەرز سۇنۇش، ئەرزىگە قۇلاق سېلىنمىسا نارازىلىق بىلدۈرۈش، بۇمۇ كارغا كەلمىسە، ئەھۋالنى خەلقئارا ئاخباراتقا مەلۇم قىلىشنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت