خوڭكوڭ نامايىشىنىڭ ئۇيغۇر تىبەت ۋە موڭغۇللار مەسىلىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-10-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نامايىشى
خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نامايىشى
AFP


پەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن 10 - ئۆكتەبىر ئۆتكۈزىلىدىغان سۆھبەتنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، نامايىشچىلار سېپىگە تېخىمۇ جىق خوڭكوڭلۇقلار قوشۇلۇپ، ئۇلار ھۆكۈمەت نامايىشچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ مەسىلىنى ھەل قىلىش قارارىنى ئالغىچە، نامايىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خوڭكوڭ نامايىشى ھەققىدىكى خەۋەر ئانالىزلىرىدا، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نامايىشنىڭ تەرەققىياتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ تەلىپىنى قانداق ھەل قىلىشىنىڭ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنىڭ تەلەپلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونلاردىكى مىللىي سىياسىتىنى قانداق يۈرگۈزۈشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە بىۋاستە تەسىر قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

10 - ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇغۇچىلار يىغىلىشىغا تەخمىنەن 100 مىڭ كىشى قاتنىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىك نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى مۇخبىرىنىڭ خوڭكوڭدىن بەرگەن ئەڭ يېڭى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كەچلىك يىغىلىشنى ئۇيۇشتۇرغان خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ۋە بىلىم ئىگىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن جۇ يۇڭكاڭ، خۇاڭ جىفېڭ قاتارلىقلار مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كەچلىك يىغىلىشقا قاتنىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى ئوقۇغۇچىلارنى ھاياجانغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ئىلھام بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، 9 - ئۆكتەبىر كەچتە خوڭكوڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بايانات بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىش قارارى ئېلىشى، نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنى غەزەپلەندۈرگەن ۋە ئۈمىدسىزلەندۈرگەن بولسا، تېخىمۇ كۆپلىگەن خوڭكوڭ پۇقرالىرى ئوقۇغۇچىلارغا ھېسداشلىق قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى قوللاش پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىگەن. 10 - ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ خوڭكوڭ ۋالى مەھكىمىسى جايلاشقان مەيدان ئالدىدا ۋە ھۆكۈمەت خىزمەت بىناسىغا تۇتىشىدىغان يولغا مەخسۇس چېدىر قۇرۇپ، تۈنەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى قوللاش ھەرىكىتى باشلانغان. مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدىكى مەيداندا قۇرۇلغان رەڭلىك چېدىرلارلا نەچچە يۈزدىن ئاشقان.

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ جۈمە كۈندىكى خەۋەرلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن خوڭكۇڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش قارارىنى بىكار قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئانالىزلىرى ئاساسى سالماقنى ئىگىلىدى. ئانالىزلارنىڭ بەزىلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان دېموكراتىك تەلەپلەرگە جاۋاب بېرىشتىن باش تارتىۋاتقانلىقى ۋە خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان دېموكراتىيە تەلىپىنىڭ خىتاي قۇرۇقلۇقى ئىچىگە كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى ئۈچۈن سۆھبەتنى بىكار قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسا، يەنە بەزى ئانالىزلاردا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، نۆۋەتتە خىتاي دۆلىتى تەۋەلىكى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق نامدا ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە دەپ ئېلان قىلىنغان جايلارنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئارقىغا سۈرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ،خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش نامايىشىدىن ئەنسىرىشى ۋە جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلۈش بەلگىلەنگەن سۆھبەتنى ئارقىغا سۈرۈشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئېلشات ئەپەندى ئالدى بىلەن، خوڭكوڭدا 14 كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش نامايىشىنىڭ خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە زور ئىلھام بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش نامايىشىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1997 - يىلى خوڭكۇڭ ئەنگىلىيەنىڭ ھامىيلىقىدىن قايتۇرۇۋېلىنغان چاغدا «خوڭكوڭدا بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم يۈرگۈزۈلىدۇ، خوڭكوڭغا ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلىدۇ. جۇڭگونىڭ خوڭكوڭ سىياسىتى 50 يىلغىچە ئۆزگەرمەيدۇ» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما 17 يىل جەريانىدا خوڭكوڭدا دېموكراتىيىنىڭ بارغانچە چېكىنىشىدەك رىئالىقنى نەقىل ئېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خوڭكوڭنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى نامدا «ئاپتونومىيىلىك ھوقۇققا ئىگە» دەپ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىدىن نارازى ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ يېتىشىگە يېتەرلىك مىسال بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئېلشات ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىك تەلەپلىرىگە نىسپەتەن «يول قويماسلىق» پوزىتسىيىسىدە بولۇشى ۋە خوڭكوڭ نامايىشىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز دۆلىتى تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ئاپتونوم رايونلىرىدىمۇ «ئاپتونومىيەنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىش»، ھەتتا خىتايدىن بۆلىنىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇش تەلىپىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى سەۋەبىدىن دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈنكى خەلقئارا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىك نامايىشىنى «قانۇنسىز ھەرىكەت» دەپ ئەيىبلەپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خوڭكوڭ نامايىشىنى قوللاش پوزىتسىيىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما نامايىشنى تەشكىللىگۈچى ئوقۇغۇچىلار نامايىشنى تاكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ماقۇل بولۇپ مەسىلىنى ھەل قىلغۇچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئېلشات ئەپەندى خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نامايىشنىڭ يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋە كېڭىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ نامايىشىغا نىسپەتەن مەيلى قانداق پوزىتسىيە قوللانسۇن، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نامايىشنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىھ ئىنقىلابىغا مەدەت بولىدىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشى مۈمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت