بېرلىندا ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016-04-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» ئەزالىرى يىغىندىن كېيىنكى زىياپەتتە. 2016-يىلى 26-ئاپرېل، بېرلىن.
«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» ئەزالىرى يىغىندىن كېيىنكى زىياپەتتە. 2016-يىلى 26-ئاپرېل، بېرلىن.
RFA/Ekrem

25-، 26-ئاپرېل كۈنلىرى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا چاقىرىلغان «ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى يىغىنى» دا خىتاي تۈرمىسىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى-«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىلھام توختىنى نوپۇزلۇق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات كۆرسىتىش ئىكەن.

ئىلھام توختى 2014-يىلىدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان بولۇپ، ئۇ 27-ئاپرېل «مارتېن ئەننالس مۇكاپاتى» نىڭ 2016-يىللىق مۇكاپاتىغا تاللانغان كۈچلۈك نامزاتلار قاتارىغا كىرگەن ئىدى.

26-ئاپرېل كۈنى بۇ گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئىلھام توختى مەسىلىسىدە پىكىر بايان قىلدى. رابىيە خانىم سۆزىدە، د ئۇ ق نىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى جەريانىدا ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ تەشەببۇسچىسى ۋە رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئەنىۋەرجان ئەپەندى، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىلھام توختىنى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىش ۋە ئىلھام توختىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش يولىدا تېرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ گۇرۇپپىنىڭ ياۋروپادىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ۋە يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەنىۋەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئىلھام توختىغا ئىگە چىقىشنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى بولغان روزى مۇھەممەدھاجىممۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇنداق بىر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى بېرلىن باش شتابىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ھاننو شېدلەر ئەپەندىمۇ بۇ توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ گۇرۇپپىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىكىر، مەتبۇئات، مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان مۆتىدىل پوزىتسىيىدىكى بىر زىيالىي ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي خەلقى بىلەن تىنچ، خاتىرجەم ياشىشى، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئەركىن ۋە بەختىيار ھاياتى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن. ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ئۇنى خەلقئارالىق تىنچلىق مۇكاپاتلىرىغا نائىل قىلىش ئۈچۈن ئەجىر سەرپ قىلىدىغان بۇنداق بىر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش دەپ قارايمەن.»

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەنىۋەرجان ئەپەندى يەنە، 27-ئاپرېل كۈنى ئىلھام توختىنىڭ جەنۋەدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبلىك 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، 23-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

شۇندىن بۇيان خەلقئارادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى ئىلھام توختىنى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ھەقسىزلىككە ئۇچرىغان زىيالىيلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى يولىدا تۈرلۈك شەكىللەردە مۇجادىلە قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت