ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىق ۋە پائالىيەتلەر (1)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-09-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سۈرەتتە، ئىلھام توختى لېكسىيە سۆزلەۋاتقان سىنىپقا كامېرا ئورنىتىپ قويۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. 2010-يىلى 12-ئىيۇن، بېيجىڭ.
سۈرەتتە، ئىلھام توختى لېكسىيە سۆزلەۋاتقان سىنىپقا كامېرا ئورنىتىپ قويۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. 2010-يىلى 12-ئىيۇن، بېيجىڭ.
AFP

2014-يىلى 15-يانۋار چارشەنبە كۈنى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تارقالغاندىن كېيىن شۇ ھەپتىدىن باشلاپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان مۇراجىئەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. فەيسبوك، تۋىتېر، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ خىتاي ئىچى سىرتىدىكى زىيالىيلارنىڭ ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەينى چاغدىكى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ئاساسلىق خەۋەر نىشانى بولدى.

ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن ھەپتىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» قاتارلىق چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، قاتارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن باشقا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق بىر قىسىم غەرب دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئەينى چاغدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى نىكولاس بىكۇلىن ئۆز سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نىكولاس بىكۇلىن مۇنداق دېگەن: «ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ۋە تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، رايوندىكى تېررور تەھدىتىنى كۆپتۈرۈۋەتكىنىنى قوبۇل قىلغانغا باراۋەر. تىنچلىق يولى بىلەن پىكىر قىلىۋاتقان ئاكادېمىك ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئادىل سىياسەت يۈرگۈزمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ»

نىكولاس بىكۇلىن سۆزىدە يەنە ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ يەر ئاستى ھەرىكىتىگە ئايلىنىشىنى، رادىكاللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

2014-يىلى 15-يانۋار چارشەنبە كۈنى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنىپ ئەتىسى يەنى 16-يانۋار پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر باياناتتا «ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى تىنچلىق بىلەن تەنقىد قىلغۇچىلارنى باستۇرۇشنىڭ بىر ئېقىمغا ئايلانغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ» دېيىلگەن.

ئەينى چاغدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جېين ساكى يەنە، ئامېرىكا ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن «چوڭقۇر ئەندىشە» قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىدىن دەرھال ئۇچۇر بېرىشكە، خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداشقا، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز،» دېگەن.

2014-يىلى 17-يانۋار جۈمە كۈنى يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئىنكاس بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ماركۇس ئەدېرېر شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ: «مەن دائىرىلەرنى ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە مۇئامىلە قىلىشقا، ئۇنىڭغا قارىتىلغان ئەيىبلەشنى ئىسپاتلاشقا، ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئائىلىسىگە بىلدۈرۈشكە چاقىرىمەن، دەپ كۆرسىتىپ، ئەگەر بۇنىڭغا ئىسپات بولمىسا، ئۇ قويۇپ بېرىلىشى كېرەك،» دېدى

ئەينى چاغدا خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە بىر تۈركۈم زىيالىيلارمۇ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

17-يانۋار كۈنى «سەنيۇي» ناملىق تور بېكىتىدە بېيجىڭدىكى ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىدىن ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى ساھىبى خۇ جيا، خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشۇڭ ۋە تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا بىرلەشمە ئىمزا قويۇپ ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان ئىدى. بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغانلار ئارىسىدا خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن باشقا يەنە جەمئىيەت ئەربابلىرى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى، يازغۇچى، تەھرىر، ئىنژېنېر، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، مۇخبىر، ئائىلە ئاياللىرى، ئەرزدارلار قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرى بار بولۇپ، 30-يانۋار پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتون ۋاقتى چۈش سائەت 12 گىچە ئوچۇق خەتكە 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن ئىمزا قويغانلار سانى 1707 نەپەرگە يەتكەن.

خەتكە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆز ئىمزاسىدا دائىرىلەردىن ئىلھام توختى ئەپەندىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشتىكى سەۋەبلىرىنىمۇ ئىزاھات شەكلىدە يازغان. خىتاي زىيالىيلىرى ئىلھام توختىنىڭ «خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دوستلۇق ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسلىق ئۈمىدىنى ھۆكۈمەتنىڭ خاتا شىنجاڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە يۈكلىگەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، ئىسلاھات قىلىش تەكلىپلىرىنى بەرگەنلىكى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى مىللەتنىڭ غەيرەتلىك باياناتچىسى دەپ قارايدىغانلىقى» قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن ئوبزورچى چېن پوكۇڭ ئەپەندى ئىمزاسىدا«ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پاجىئەسى دېمەك، خىتاي مىللىتىنىڭ پاجىئەسى» دەپ يازغان.

ئەينى چاغدا ئىمزا ئاتقانلاردىن بېيجىڭدىكى تەھرىر لى چاۋياڭ ئەپەندى خىتايدىكى سىياسىي تۈزۈلمىنى تەنقىدلەپ، «مۇتلەق ھاكىم مۇتلەقلىق ئاستىدا ياشاۋاتقان خەن، ئۇيغۇر، تىبەت مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار، پەقەت بىر پارتىيىلىك ھاكىم مۇتلەقلىق تۈزۈم ئاياغلاشقاندىلا ئاندىن مىللەتلەر مەسىلىسى ھەل بولىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى يازغان.

ئەينى چاغدا خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىدىن ئىمزا قويغان بىر ئەرزدار مۇنداق يازغان: «ئىلھامنىڭ ئېتىۋېتەي دېسە قورالى ياكى زەمبىرىكى يوق، ئۇنىڭدا بارى پەقەت بىر ئېغىز، ئۇ پەقەت بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلدى خالاس! سۆزلىگەنمۇ جىنايەتمۇ؟»

ئەينى چاغدىكى ئىمزا توپلاشقا قاتناشقانلار ئارىسىدا چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىرىدىن باشقا يەنە خىتاي دۆلىتى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ بار بولۇپ، قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ئابدۇللا دېگەن ئىسىمدا ئىمزا قويغان بىرەيلەن ئىلھام توختى ھەققىدە مۇنداق يازغان، «ئىلھام توختى باشتىن-ئاياق شىنجاڭ مۇستەقىللىقى ۋە ھەرقانداق زورلۇق قىلمىشىنى رەت قىلىپ كەلدى، ئاكتىپلىق بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ۋە خەن مىللىتى ئوتتۇرىسىدا دوستانە چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا تىرىشتى. ئۇ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈمىدىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىدىكى خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشىگە باغلىدى. ئۇ ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن خەن مىللىتى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىغان قىممەتلىك شەخس، مەن دائىرىلەرنىڭ ئىلھام ئەپەندىنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. ئۇلار كىشىلەرنى قايىل قىلارلىق پاكىتلار يوق شارائىتتا، كىشىلىك سۆز ئەركىنلىكىنى بوغماسلىقى كېرەك»

ساخوروف ئەركىنلىك مۇكاپات ساھىبى خۇ جيا 2014-يىلى 17-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەققىدىكى ئىمزالىق خەتتە يازغان چاقىرىقىدا مۇنداق دېگەن: «ئىلھام توختى ماڭا نىسبەتەن ئاكا يوللۇق، مەن ھۆرمەتلەيدىغان شەخس. ئۇ ئۇيغۇر ئۆز مىللىتىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتقۇچى قەھرىمان. دۆلىتىمىزدە پىكىر ئەركىنلىكى چەكلىنىۋاتقان شارائىتتا، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغدىغۇچى.»

ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغىنىغا ئىككى يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، خۇ جىئا ئەپەندى يەنە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەينى چاغدا ئېلىپ بېرىلغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە خىتاي ئىچى سىرتىدىن شۇ قەدەر كۆپ زىيالىيلارنىڭ ئاۋاز قوشقانلىقىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختالدى.

خۇ جىئا مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى ئۆز ئاۋازى ۋە قەلىمىگە تايىنىپ، تىنچلىق يولى بىلەن، خىتاي ئىچىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىدى. ئۇنىڭدىكى بۇ خىل پىداكارلىق روھ ۋە جاسارەت، شۇنداقلا ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر مەسىلىنى چۈشىنىشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدىكى پىكىرلىرى تولىمۇ قىممەتلىك ئىدى. ئىلھام توختى ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقى ۋە جاسارىتى بىلەن ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان خىتاي زىيالىيلىرىنى قايىل قىلغان ۋە تەسىرلەندۈرگەن ئۇيغۇر سەرخىلى! ئەمما ھازىرقى ھۆكۈمەت ئۇنىڭ يوللۇق پىكرى ۋە قاراشلىرىغا قۇلاق سالمايلا قالماستىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سالماستىن، ئۇنى ئەڭ ئېغىر جازا يەنى ‹مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىش› بىلەن جازالىدى. ھەققانىيەت تۇيغۇسى بولغان ھەرقانداق بىر ئادەم بۇ خىل ئادالەتسىزلىككە سۈكۈت قىلمايدۇ ئەلۋەتتە. شۇڭا ئەينى چاغدىكى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقانلارنىڭ شۇ قەدەر كۆپ بولۇشى تەبىئىي ئىدى».

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت