غۇلجادا رامىزاندىكى ئىپتاردا چاقىرىلىدىغان مېھمانلار سانىغا چەكلىمە قويۇلغان

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مارالبېشى ناھىيەسىدىكى رامىزان توغرۇلۇق يىغىندىن بىر كۆرۈنۈش
مارالبېشى ناھىيەسىدىكى رامىزان توغرۇلۇق يىغىندىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Haji Qutluq Qadiri


رادىئومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە،، بىر ھەپتىدىن بۇيان غۇلجادا داۋاملىشىۋاتقان قاتتىق يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبلىك، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىللىق رامىزان چەكلىمىسى بۇلتۇرقىدىن بىرئاز يوشۇرغان. ئەمما ئۆي - ئۆيلەرگە ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كىرگەن ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۇيغۇرلاردىن رامىزان مەزگىلىدىكى مۇقىملىق خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىپتارغا چاقىرىلىدىغان ئۇرۇق - تۇغقان قولۇم - قوشنىلارنىڭ 30 دىن ئاشماسلىقىنى، ئەگەر شۇ ئائىلىدە 30 دىن ئارتۇق مېھمان چاقىرىلسا يېزىلىق ھۆكۈمەت ياكى يېزىلىق ساقچىخانا قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا خەۋەر قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل رامىزان ھارپىسىدا يەنى 2 - ئىيۇن كۈنى «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدە ئاقتاشلىق كىتاب» ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ۋە رامىزان مەزگىلىدىكى روزا تۇتۇش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان ئىدى. ئەمما رادىيومىز قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلار ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە قارىتا ھەر خىل بەلگىلىمە، ئۇقتۇرۇشلارنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ ئۇچۇرلار ئاشكارا بولماقتا.

ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ يەنى رامىزان كىرىشى بىلەنلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى دىيارىدا يېغىشقا باشلىغان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن رايوندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەش داۋامىدا، دائىرىلەر تەشكىللىگەن «خىزمەت ئەترىتى» نامىدىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئۆي - ئۆيلەرگە كىرىپ، دېھقانلارنىڭ زىيانلىرىنى ئېنىقلاش بىلەن بىرلىكتە، مۇقىملىقنى ساقلاش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەنلىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا رامىزان مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان دىنىي پائالىيەتلەردىن ئىپتار ۋە مەسچىتتىكى جۈمە نامىزى، تاراۋى نامىزى قاتارلىقلارغا چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ئىلى دىيارىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، قاتتىق يامغۇر ۋە كەلكۈن سەۋەبىدىن بۇ يىل يېزىلاردا بۇلتۇر رامىزان مەزگىلىدىكىدەك ئۆي - ئۆيلەرگە كىرىپ روزا تۇتقانلارنى ئېنىقلايدىغان ۋە چارە كۆرىدىغان ئەھۋاللار ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپەتنىڭ زىيىنىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۆي - ئۆيلەرگە كىرىۋاتقان يېزا كادىرلىرىنىڭ دېھقانلارغا رامىزان مەزگىلىدىكى مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بولسا خەۋەر قىلىش، ئىپتارغا چاقىرىلغان مېھمانلار 30 دىن ئاشسا خەۋەر قىلىشنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن رامىزاندىكى ئىپتارغا قويۇلىدىغان چەكلىمىلەر ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما مەزكۇر يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ئۇرغان تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى. مەزكۇر يېزا ساقچىخانىسىنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچى خادىم تېلېفونىمىزنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رامىزان مەزگىلىدىكى دىنىي پائالىيەتلەر ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن يەنە بىرەيلەن، ئوقۇغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن ئۇقتۇرۇش يىللاردىكىگە ئوخشاشلا تارقىتىلغانلىقىنى، مەسچىتلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان تاراۋى نامىزى ۋە مەسچىتتىكى ئىپتار پائالىيەتلىرىگە يول قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما يېزىلىق ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن كادىرلارنىڭ مەسچىتكە كىرگەن نامازخانلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، مەسچىت ئىمامى جۈمە نامىزىدىن ئىلگىرى ئوقۇيدىغان خۇتبىنىڭ تېكىستىنىڭ شۇ يېزىدىكى دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل ھۆكۈمەت كادىرى تەرىپىدىن ئالدىن تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ئۆزىنىڭ مەسچىتلەردىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلماس بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغان يەنە بىر كىشى، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ نازارىتىدە، ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، جامائەتكە سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، مەسچىتتىكى پائالىيەتلەرگە قاتناشماس بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئاراغا قىلغان تەشۋىقاتىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتى كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ ھەر خىل بەلگىلىمە - ئۇقتۇرۇشلارنى چىقىرىپ، دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت