ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نېگىزلىك ھوقۇقى ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرى كىشىلىك ھوقۇق يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز، يىغىلىش ۋە دىنىي ئەركىنلىكى ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 2014-يىلى 27-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرى كىشىلىك ھوقۇق يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز، يىغىلىش ۋە دىنىي ئەركىنلىكى ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 2014-يىلى 27-فېۋرال، ۋاشىنگتون.
state.gov

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز-پىكىر، دىنىي ئېتىقاد، يىغىلىش، تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش ئەركىنلىكى ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچرىغان، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق، سىياسىي ھەق مەسىلىسىگە چېتىشلىق شەخس ۋە گۇرۇھلارنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، نازۇك دېلولارنى قوبۇل قىلغان قانۇن مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى باستۇرۇش ئادەتكە ئايلانغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2013‏-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى پەيشەنبە ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى 100 نەچچە دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى باھالاپ چىققان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن قانلىق ۋەقەلەر ھەققىدە توختىلىپ، دائىرىلەر بۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ تېررورلۇق زوراۋانلىق ھەرىكىتى، دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ باشقىچە پىكىردە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دوكلاتتا، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆيىگە كىرىپ ياكى ئىبادەت قىلىۋاتقاندا ئوققا تۇتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كېلىدىغان بارلىق ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلغاچقا، بۇ خىل ئۆز ئارا بىر بىرىگە زىت ئۇچۇرلارنى تەھقىقلەش قىيىنلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تېلېفون ۋە تور ئالاقىسىنى نازارەت قىلىش، ئۈزۈۋېتىش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دائىرىلەرنىڭ پات-پات ئۆكتىچىلەرنى، پائالىيەتچىلەرنى، يەر ئاستى دىنىي شەخسلەرنى، سابىق سىياسىي مەھبۇسلارنى چەتئەللىك مۇخبىرلار، دىپلوماتلار بىلەن ئۇچراشماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىبلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئوباما ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا يۇمشاق قوللۇق قىلىش بىلەن تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ خىتايغا قاتتىق قول بولۇشىنى، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا مەجبۇرلاشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.

لېكىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرري، پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلغان خەلقلەر تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: ئامېرىكا، ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسال ھوقۇقى ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغان خەلقلەر مەسىلىسىدە، ئىككىلەنمەي ياكى ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمەي داۋاملىق ئۇلار ئۈچۈن گەپ قىلىدۇ. بىز يەنە، نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۆزى ئۈچۈن دەس تۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىنغان خەلقلەر ئۈچۈنمۇ داۋاملىق ئۇلارنىڭ تەرىپىنى تۇتىمىز، دەپ كۆرسەتتى.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەھەللەرنى چېقىش پىلانىنى تەنقىد قىلىنىپ، قەشقەردىكى قەدىمى شەھەر رەستىسىگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىپ قايتا قۇرۇش پىلانى تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يەرلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ 2006‏‏-يىلى باشلانغان قەشقەر قەدىمى شەھەر رەستىلىرىنى چېقىش پىلانى خەلقئارا تارىخ، مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلغان. ياۋروپا پارلامېنتى 2011‏-يىلى قارار ماقۇللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قەشقەر قەدىمى شەھەر رەستىلىرىنى چېقىشنى دەرھال توختىتىشنى، قەشقەرنى يىپەك يولىدىكى مەدەنىي مىراس، دەپ ئېلان قىلىپ، ب د ت مەدەنىيەت‏-مائارىپ تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنۇشنى، ياۋروپا كومىتېتىنى خىتايغا بۇزغۇنچىلىقنى توختىتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ قەشقەرنى چېقىپ، پۇقرالارغا مۇۋاپىق تۆلەم بەرمىگەنلىكى، زورلۇق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئاھالىنى توختامغا ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلىغانلىقى بەزى پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇنداقلا يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر پىلانلىق تۇغۇت، ئالىي مەكتەپكە كىرىش، قەرز ئېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ، دېيىلسىمۇ، بىراق ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشى خەنزۇلارغا يەتمەيدىغانلىقى، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا خەنزۇلارغا ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقى، ھۆكۈمەت پروگراممىلىرىدىن ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتتىن خەنزۇلار بىر تەرەپلىمىلىك بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەنزۇ كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر ئېلىنغان كۆچۈپ كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇشى، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا پايدىسىز ئۆزگىرىش ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى. دوكلاتتا مۇنداق دېگەن: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەنزۇلارنى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش سىياسىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خەنزۇ نوپۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغان. يېقىنقى نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئۈرۈمچىنىڭ نوپۇسى بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار 80% خەنزۇلار 20% نى تەشكىل قىلىشتىن، ھازىرقى خەنزۇلار 80% ئۇيغۇرلار 20% نى تەشكىل قىلىشقا ئۆزگەرگەن. بۇ، ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىق داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىدىكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى.

دوكلاتتا يەنە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا خەنزۇ كۆچمەنلىرىنى داۋاملىق يۆتكەۋاتقانلىقى، يەرلىك خىزمەت ئورۇنلىرىنى ئۇلار بىلەن توشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرتىدىكى شەھەرلەرگە بېرىپ ئىشلەشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تۈركۈم ژۇرنالىستلارنى داۋاملىق تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن دىلشات پەرھات، نىجات ئازاتنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلىنىپ ھازىرمۇ تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى، ژۇرنالىست مەمەتجان ئابدۇللانىڭ «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرگە ئىگە ئۇچۇرلارنى يوللاش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2010‏-يىلى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىر ئۈزرە زىيا، 2013‏-يىلى نۇرغۇن كىشىنى زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىراق كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دۆلەتلەرگە مۇقىملىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ: پۈتكۈل بىر يىلدا نۇرغۇن كىشىلەر جىمىقتۇرۇشقا ئۇچرىدى. سەئۇدىلىق تور باشقۇرغۇچى بەداۋى ئەركىنلىك پىكرى ئۈچۈن قاماققا بۇيرۇلۇپ، 600 دەررە يېدى. ۋىيېتناملىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى، تور باشقۇرغۇچىسى لى كۇاكۇەن باج ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىگە سولاندى. خىتاي نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبو داۋاملىق تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇنىڭ ئايالى ليۇ شيا ئائىلە نەزەربەندتە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋاللار يەنە بىر ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىنىپ، ئۇ ھەل قىلىنمىسا ۋە سۈرۈشتۈرۈلمىسە، جەمئىيەتتە مۇقىمسىزلىق، توقۇنۇش يۈز بېرىش خەتىرى زور بولىدۇ، دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا يەنە، ئۇيغۇر قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە توختالغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى قىسقارتىش، خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر كىملىكىگە چەكلىمە قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تىل مائارىپىغا ئەھمىيەت بېرىش سىياسىتى يۈرگۈزگەچكە، مىللىي تىل مائارىپىنىڭ تارىيىۋاتقانلىقى ياكى ئەمەلدىن قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋاملىق باستۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئاھالىسىنى زەربە بېرىش نىشانى قىلغان. دائىرىلەرنىڭ «3 خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىش نامىدا شەخس ۋە گۇرۇھلارنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بارغان بەزى ئاختۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش ۋە جازالاش ھەرىكەتلىرىنىڭ، ئەمەلىيەتتە سىياسىي، دىنىي كۆز قارىشىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلىگەن شەخس ۋە گۇرۇھلارغا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلىگەن ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنى، مۇستەقىل دىنىي زاتلارنى داۋاملىق باستۇرۇپ، ئۇلارغا تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ قول سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت